شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئۇيقۇدىكى قىز. شئېر

2015-03-08 21:54:11 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
‏ ئۇيقۇدىكى قىز
مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان)

قارا يەرگە قويۇپ باش
بىر قىزگىنە ئۇخلايدۇ،
كۆزلىرىگە تولۇپ ياش
ئۇز قىزگىنە ئۇخلايدۇ.
ياتار قۇرۇپ دەرمانى،
مەڭگۈ ئۇخلار گۈلياناق،
تالاي ئىدى ئارمانى
گويا گۈلگۈن قىزغالداق.
بۇ دۇنيادا ھېچ سەندەك-
قىز يوق ئىدى، تۇر سىڭلىم.
ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك
توي قىلىمىز، يۈر سىڭلىم.
ئاي يۈزۈڭگە بىر نەپەس
يىپەك رومال ئورارسەن.
گۈل-گۈل يېنىپ، مۇقەددەس
چىمىلدىققا كىرەرسەن.
قارا يەرگە قويۇپ باش،
بىر قىزگىنە ئۇخلايدۇ،
كۆزلىرىگە تولۇپ ياش
ئۇز قىزگىنە ئۇخلايدۇ.

‏(مۇھەممەد يۇسۇفنىڭ"شائىر سۆيگۈسى"ناملىق تاللانما توپلىمىدىن )‏
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى