شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

قىزچاق قەدىر قىمىتىڭىزنى دەپسەندە قىماڭ

2015-03-07 05:54:28 -0500 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
_يوقال بۇزۇق،چىق ئۆيدىن.
_تۇرسۇن ،ئۇنداق قىلماڭ ،مېنى سۆيەتتىڭىزغۇ؟ مەن سىزنى دەپ بۇ يەرگە كەلگەن ،ئەمدىلىكتە مېنى قوغلاۋاتىسىز ،مەن نەگە باراي ئەمدى.
_ھې قانجۇق نەگە بارساڭ بارمامسەن،مەندىن سورىماي،نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كەت ،ئەمدى مېنىڭ كۆزۈمگە كۈرۈنگىچى بولما.
_بەك تاش يۈرەك بوپ كېتىپسىز تۇرسۇن، مەن سىزگە بارلىقىمنى بېغىشلىسام ئەمدىلىكتە سىزدىن ئېرىشكىنىم مۇشۇ بولدىمۇ؟ ئىسىت، سىزگە قىلغان ئەقىدەم.
_ھې ،نېمە دەيدۇ،ما بۇزۇق .مانا ئەمسە، مانا ، تۇيە ھە . تۇرسۇننىڭ پۇت قوللىرى قىزنىڭ نازۇك بەدەنلىرى ئۈستىدە ئوينىغىلى تۇردى، قىز داد -پەرياد كۆتۈرۈپ <<قېيىن ئانا>>سىغا يېلىنماقتا ئىدى:
_ئانا ،ماڭا ئېگە بولسىلا ،تۇرسۇنغا گەپ قىلسىلا ئەمدى ئۇرمىسۇن،بەك ئاغىرىپ كەتتى.
_بولدى بالام ئۇرما ،ئۆلۈپ بەرمىسۇن يەنە بۇ بۇزۇق.تۇرسۇن ئاچچىقىدا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. قىز ئانىغا يېلىنغىلى تۇردى :
_مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن ئانا.ئەگەرمېنى بۇ ئۆيدە ئېلىپ قالىدىغانلا بولساڭلارمەن ئالدىڭلاردا بىر ئۆمۈر ئات -ئېشەكتەك ئشلەشكە رازى...قىز گەپنىڭ ئاخىرىنىڭ قىلىپ بولغۇچە <<قېيىن ئانا>>سى زەردە بىلەن:
_ھۇي خان، سىلىنىچۇ ئۆز ۋاقتىدا بىز چىللاپ كىرمىگەن بۇ ئۆيگە، ئوغۇلۇمغىچۇ چاقىرسائېتى بار ،تۇتسا سېپى بار يەردىن قىز ئېلىپ بېرىمەن قىز، سېلىدەك ئېشىپ تېشىپ قالغان بىر نېمىنى نېمە قىلىمەن ،ماڭىچۇ يۈز كېرەك ، تۇلا ئوغۇلۇمنىڭ كۆزىگە كىرۋالماي ،ئاستا ماۋۇ ئۆيدىن چىقۋالسىلا بۇلارمىكىن!
توۋا ماۋۇ خەقنى نېمانچە باغرى تاش بولۇپ كەتكەندۇ،ئۇقىزغا شۇنچە قىلغۇدەك ، مەن توۋا دەپ ياقامنى تۇتقىنىمچە كەينىمگە ياندىم ،بۇ مەن بىر ئىش ئۈچۈن يېزىغا چۈشكەندە بىر ئائىلىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ كۆرگەن ئىش ئىدى، كاللامدا گادىرماچ خىيال ، ئىچىمدە بىردەم ھېلىقى قىزنى ئەيىپلىسەم ،بىردەم ،ۋاپاسىز يېگىتكە نەپرەت ياغدۇرۇپ ، ماشىنامنىڭ يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتى ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى سەزمەي قاپتىمەن،ئالدىمغا كۈتۋېلىشقا چىققانلار مېنىڭ سۇلغۇن چىرايىمغا قاراپ ، <<بىر ئشبولمىغاندۇ؟>> دەۋاتقاندەك تەلمۈرۈپ تۇراتتى، مەن ئىتىكلا :
_ھە، ھېچ ئىش يوق ،يۈرۈڭلار ئىشىخانىغا كېرەيلى ،دەپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرۇماقچى بولدۇم. ئىشخانىغاكىرىپ كۆرۈشكە تىگىشلىك ماتىرياللارنى كۆرۈپ بۇلۇپ ،نېمىشقىكىن بايا يولدا كۆرگەن ئىشلار كاللامغا يەنە كىرۋالدى،چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ،ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاسىم بىلەن مۇشۇ ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قالدىم، قاسىم ئىتىك چىرايىمغا قاراپ :
_دېمەك سىزمۇ بىلىپ بوپسىز ،- ھەي- دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن ،سىزگە قىسقىلا سۆزلەپ بېرەي، ئەسلى ئۇقىز بۇيەردىن ئەمەس، باشقا بىر يېزىدىكى ئەمەت باي دېگەن كىشىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىكەن،قانداق بولغان،تۇرسۇن ئۇجايغا بېرىپ ئۇ قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ،ئاخىرىدا قىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەپتۇ،بىزمۇ كۆپ نەسىھەت قىلدۇق، بىراق تۇرسۇن تۇرماق ھېلىقى قىز بىزگە:
_ھەر قايسىلىرنىڭ قورسىقى تۇيۇپ قىلغىلى ئىش تاپالماي قېلىشتىلىمۇ نېمە، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ،مەن تۇرسۇننى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ئۆزۈم خالاپ كەلدىم بۇيەرگە، نېمە،يەنە سورايدىغىنىڭلار بارمۇ؟قارشى ئالمايدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ ئۇ بۇنداق دەپ يۈرسە بىز يەنە نېممىمۇ دېيەلەيمىز دەيسىز. تۇرسۇننىڭ ئاتا -ئانىسىمۇ دەسلەپتە ئازراق قورقان ئىدى،كېيىن ئائىلىسىگە بىر ئەمگەك كۈچى قۇشۇلغىنىدىن خۇشال بۇلۇشۇپ ،ئارتۇق گەپ قىلىشمايدىغان بولدى.
_ئۇلار توي قىلدىمۇ ؟ مەن قىزىقسىنىپ سورۇدۇم.قاسىم:
_نەدە ،ئۇلار شۇنداق نىكاھسىز ئىككى-ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزدى،بۇ ئىشقا ئارلاشمىغانلار ئاز قالدى، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ توي خېتى ئېلىپ چىرايلىق تۇيۇڭلارنى قىلۋېلىڭلار دېگۈچىلەرمۇ بولدى، بىراق قىز تېخى ئون سەككىز ياشقا توشماپتۇدەك، ئاڭغىچە، ئۇ نەچچە بالىنى يۇشۇرۇن چۈشۈرۈپ يۈردى، سەن ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىمىسەڭ باشقىلار ھۆرمەتلىسۇنمۇ، ئۇ قىز بارا -بارا تۇرسۇننىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سوغوق مۇئامىلىسىگە ئۇچىردى ،ئەمما قىزدە نېمە ئامال ،ئۇ ئەمدى شۇ قېلىن يۈزىنى كۆتۈرۈپ كىمنىڭ يېنىغا بارالايدۇ دەيسىز ،ئۇمۇ ئۆز كۆڭلىدە چۈشىنىدۇ،شۇڭا ھازىرغىچە چىداپ كەلدى، سىز كۆرگىنىڭىز شۇ جىدەل ماجىرانى بىر قىسمى.
_ئۇقىزنىڭ ئاتا -ئانىسى ،ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋەتتىما؟كارى بولمىدىما قىزى بىلەن؟سەل خاپا بولغاندەك،جىددىيلىشىپ سوراشقا باشلىدىم.قاسىم مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ كۈلۈمسىرگىنىچە:
_تامىقىڭىز سوۋۇپ قالمىسۇن تېزراق يەۋېلىڭ، نېمانچە قىزىقىپ قالدىڭىز بۇنىڭغا؟
_ئەلۋەتتە ،قىزىقمىسام بۇلامدۇ ،بۇ دېگەن بىر قىزنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش تۇرسا، ئۇقۇپ قۇيۇڭ قاسىم ،سىز بىزنىڭمۇ قىزىمىز بارجۇمۇ ئالدىمىزدا.
_ ئۇقتۇم ،ئۇقتۇم،مەنمۇ شۇ چاقچاق قىلپ دەۋاتىمەنغۇ سىزگە نېمانچە تىرىكىسىز!
_ھە ،ئۇققان بولسىڭىز داۋاملىق سۆزلەڭ .يەنە تېخى قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلاربار. بايقى سۇئالىمغا تېخى جاۋاب بەرمىدىڭىز!!!
_قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى كۆپ قېتىپ كەلگەن بىراق ئۇقىز بەك بىشەملىك قىلدى، خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدىلا، <<ماڭا سېلەر بولمىساڭلىمۇ بىر ئوبدان ياشاۋاتىمەنغۇ مانا!سېلەر ماڭا نېمە قىلىپ بەردىڭلار،مەن ئۆيگە قايتمايمەن،ئۇنداق ئۆيۈم يوق مېنىڭ. >>دېگەنمىش، دادىسى ئىككى قېتىم قىزىنى ئۇرۇپ پۇت-قۇلىنى باغلاپ دېگۈدەك ئۆيىگە ئەپ كەتسە بىر ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە قېچىپ كېلىۋالاىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىمۇ ھېچ ئامال قىلالماي،يۇرتتا ئەل جامائەتنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قېلىپ يۈرەر ئىكەن.بەك ئىچىم ئاغىردى ئۇلارغا ،نېمە گۇناھى بار ھە ئاتا-ئانىنىڭ ،بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسا شۇنداق جاۋاپ قايتۇرامدۇق!!!
مەن يەنە ئارتۇق سۇئال سورىيالمىدىم،تۇرۇپ كاللامغا بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن مەھەللىمىزدەيۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى،مەھەلىمىزدە توختاخۇن ئاتلىق بىر ياشانغان كىشى بار ئىدى ،بۇ قېرى بىر جۈپلەرنىڭ دۇنيادا بار يوقى شۇ بىرلا قىزى بار ئىدى، بىر يىللىرى،يېزىمىزدا <<يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قورلۇش>> پىلانى يولغا قۇيۇلۇپ ،ھەممە ئائىلە بىر تۇتاش ئۆي چېقىپ ئۆي سېلىش دولقۇنىغا ئاتلىنىپ كەتتى، شۇ قاتاردا توختاخۇن ئاكىمۇ بار ئىدى، ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلەش،قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىش بۇ ئەلمىساقتىن داۋام قىلىپ كەلگەن ئىش، شۇ ئالدىراشلىق پەيىتتە توختاخۇن ئاكىنىڭ ئۆيىگە قىزىنى سوراپ ئەلچى كىرىدۇ،توختاخۇن ئاكا ئەر -ئايالمۇ ماقۇل كېلىپ توي كۈنىنى بېكىتىدۇ، كىم بىلسۇن شۇ ئەسنادا قىزى ئۆز ئۆيىگە تامچىلىق قىلغىلى كەلگەن بىر ئوتتورا ياشلىق ئادەم بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرۈيدۇ،بۇنى ئاتا-ئانا سەزمەي يۈرگەن گەپ ،توي كۈنىمۇ يېقىنلاپ قالىدۇ،بىر كۈنى ئاتا-ئانا قىزىغا تامچىلارغا تاماق ئېتىپ بەرگەچ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇشنى جېكىلەپ بازارغا سودىلىق قىلغىلى كىرىپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى غەنىمىيەت بىلگەن قىز ئالدىن پىلانلاپ قويغان پىلان بۇيىچە، بازارغا ماتىريال ئالغىلى بارىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ تىكۋېتىدۇ. توختاخۇن ئەر-ئايال قىزىنى ھەممە جايدىن ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ، ئاجىز مەزلۇمە قىزىنىڭ دەردىدە دەرت تارتىپ بالدۇرلا يۇرۇق دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ، توختاخۇن ئاكىمۇ قىزىنىڭ دەردىدە ساقىلىنى يۇڭداپ ، كىشىلەرنىڭ ئاچچىق سۆزلىرىنى كۆتىرەلمەي چاشقان دورىسى ئىچىپ ھەمراھىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ.
مىسرانىم تور دۇنياسىدىكى بارلىق ئاچا -سىڭىللار، سىلەرگە يىغلاپ تۇرۇپ شۇنى ئىلتىجا قىلاي ،ھەرگىزمۇ ھېسىياتقا قۇل بۇلۇپ ،بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭلار،<<كونىلار ئېيتقان قىز بالا دېگەن پاختا ئىچىدىكى چوغ >>دەپ ، بۇگەپنىڭ تېگىگە يەتسەڭلار ئىنتايىن چوڭقۇر مەنا چىقىدۇ،ئاتا-ئانا بىزلەرنى دەپ شۇنچە جاپانى چېكىپمۇ يەنە ھاردىم -تالدىم دېمەيدۇ،ئۆزى يېمەي -ئىچمەي بالام دەپ يىغىدۇ.ئەمما بىز پەرزەنتلەر ئۇلارغا خۇددى ئۆتكۈزۈپ قۇيىشىمىز باردەك قاقشىتىمىز، جېنىم ئاچا-سىڭىللار،ئۆزۈڭلارنى ئاياڭلار ،ئۆزگىنىمۇ ئاياڭلار، مۇھەببەت دەپ ئاتا-ئانىدىن كەچمەڭلار ئۇلار سىلەرگە شۇ ئىسسىق جېنىڭلارنى بەرگەن ،بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى بىر كۈنلەردە ئۆي ئۇچاقلىق بولغاندا ھېس قىلىسىلەر بىراق ،ئۇچاغدا ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بۇلىسىلەر . كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى قىزلار ھەر ۋاقىت شەرمى ھايانى ئۆزۈڭلارغا مىزان قىلىڭلار، سىلەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشايسىلەر بىز سىلەرگە ئامراق ، بىز مەڭگۈ سىلەرگە ئۈششۈك چۈشمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز!سىلەر بىزنىڭ ھاياتلىق بۇلىقىمىز، بىز مەڭگۈ ئاشۇ بۇلاقنىڭ قۇرۇپ قالماسلىقىنى ،سۈيىنىڭ مەڭگۈ سۈزۈك تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!! سىلەر چۇقۇم قىلالايسىلەر ،غەيرەت قىلىڭلار.
مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(2)----
ئۇيغۇر ي (@altun) | @ at 2015-03-07 08:05:
نىمە گەپ بوسا ئۇدۇل دەۋېرىڭلا مۇشۇ يەردە .
del (@deepinxi) | @ at 2015-03-07 06:15:
what?!
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى