شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دوستۇڭمەن دەپ ئالار سىرىڭنى بەزىلەر(شئېر) تەۋسىيلىك

2015-03-08 22:12:25 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
* دوستۇڭمەن دەپ سىرىڭنى ئالار ئىكەن بەزىلەر، سەن يوق يەردە ھەممىنى يايار ئىكەن بەزىلەر. . ۋىجدانى يوق، يۈزى يوق، ئۇيالماستىن قىلچىلىك، بەرگەن ۋەدە - قەسەمدىن تانار ئىكەن بەزىلەر. . قىلىپ يالغان خۇشامەت كۈلۈپ قويۇپ ئالدىڭدا، كەينىڭدىنلا ئۆسەك سۆز تاپار ئىكەن بەزىلەر. . ھەزەر ئەيلەپ يۈرمىسەڭ شۇنداقلاردىن بىر كۈنى، خائىن بولۇپ دوستىنى ساتار ئىكەن بەزىلەر. . بۆرە بولۇپ ھۇۋلىسا بىلەتتىڭغۇ خەتەرنى، تۈلكە بولۇپ يېنىڭدا ياتار ئىكەن بەزىلەر. . قورساق تويسا جىم يېتىپ ئاچ قالغاندا ۋە لېكىن، غالجىر ئىتتەك ئۆزۈڭگە قاۋار ئىكەن بەزىلەر. . ھۆرمەت قىلىپ سۇ قۇيۇپ بەرسەڭ ئەگەر قولىغا، يۈندىسىنى يۈزىڭگە چاچار ئىكەن بەزىلەر. . خەشەكنى يەپ ئىنسانغا سۈت بېرىدۇ ئىنەكمۇ، ھايۋانچىلىك بولالماي ياشار ئىكەن بەزىلەر. .
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى