شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ھېلقىدەك قىزغا

2015-03-15 23:42:56 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ھېلىقىدەك قىزنى سۆيىمەن
مىنى تۇنۇمىسىڭىز ئۈزىڭىزنى ئادەم ھىساپلىماڭ ،چۈنكى سىز مىنى يا كەچلىك كۇلۇبلاردا ،يا باغچىلاردا يا بولمىسا خىلۋەت كوچىلاردا ھەرخىل-ھەرخىل قىزلار بىلەن كۆرگەن ،ئىسىمنى بىلسەم نەچچە قىز بالىنى بۇزۇۋەتكىنىمنص ئۈزەممۇ ئۇقمايدىكەنمەن ،ئىشقىلىپ قىزبالىدىن تەلىيىم بارمۇ (ئۈزەمغۇ كۈرۈمسىز بولمىسا )تالاي گۈزەللەرنىڭ بېشىنى ئەگدۈرۈپ ،چاچلىرىنى ساڭگىلىتىپ ھەممىسىنى قۇيۇۋېتىپتىمەن .مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك ھايات مىنىڭ تەبىئتىم بولسا كىرەك دەپلا ياشاپ كەلگەنىدىم .بىراق ...............
مۇشۇ چوڭ بازار،نەنمېن تەرەپلەرگە بارسىڭىز قىز بالا دىگەننى شۇ يەردە كۈرۈسىز ،شۇنداق قىزلىرىمىز بار ،تاسمىسىنى چىقىرىپ قۇيۇپ يۈرۈيدىغانلىرىمۇ ،پۇل بەرسىڭىز يېتىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىدىغانلىرىمۇ ،،بىر كىچىلىكىنى بىر سورۇنغا ساتىدىغانلىرىمۇ بار .تېخى جۈمە كەچ ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ ئەتىسى قايتىپ كىلىپ پاك پاكىز يۇيۇنۇپ يۈرۈپ،ئاتا-ئانىسىغا ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئالدىم دەيدىغانلىرىمۇ بار،ۋاي ! مۇنداقلارغا نىمە دەي . تىرىسى سۈپسۈزۈك بولغىنى بىلەن قەلبى تۈلكىدىنمۇ ھىيلىگەر ،پاكىز كىيىنگىنى بىلەن ئانىسى قىلمىغان ئىشلارنى قىلىپ كەتكەنلەرمۇ يوق ئەمەس .
لېكىن دۇنيانىڭ بىرگە بىر ماسلىقى بىلەن مۇنداقلارنىڭ جاجىسىنى بىزلەر بىرىمىز ،ئولتۇرۇش ،سورۇندىن يانغان قىزلار قانچىلىك بولماقچىدى ،ھەممىسى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشىدۇ ،دادلاش ،زارلاش ،نازلاش دىگەنلەرنى ئۇلارغا يات دەمسىز ؟ ياق ،يات ئەمەس كەسپ قىلىۋالغان گەپ .بۈگۈن كاللام تاشتى .قۇشقاچ تۇتۇش ئۈمىدە نەنمېرگە باردىم ،ئادىتىم بۇيىچە پەلەمپەيدىن چۈشكەن ،كەشكەنلەرنى كۈزۈتىۋاتىمەن : ئاۋۇ قىزنىڭ بەل ئاستى قىسمى نىمانچە سىمىز دۇ ھە،لېكىن خېلى مىھرى ئىسسىقكەن جۇمۇ ، _ ماۋۇ قىز ئۇرۇق بولغىنى بىلەن چىرايى بەك سېرىقكەن ،كىشىگە سىبىرىيەنى ئەسلىتىپ قۇيۇدىكەن ،شۇنداقتىمۇ بوپ قالامدۇ نىمە ..
ۋوي! نىمانچە سەت قىزبالا ماۋۇ ،ئۇرۇمچىنىڭ مەنزىرىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ مۇشۇنداق چىرايى بولغاندىكىن ئۆيىدىن چىقماي ئولتاسا بولمامدۇ ، ئىسىت ،قىز بالا دىگەن مۇنداق بولمامدۇ ،ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى ،تولغان بەدەنلىرى ........... ،بۇ ھېلىقى لۈكچەك گۇينىڭ مۇھەببىتى بولمىغان بولسا ئىككى كۈندىلا...... چىرماشقان خىياللىرىم تۇيۇقسىز پەلەمپەي تېمىدىكى كۆك رەڭدە يېزىلغان بىر خەتلەرگە چۈشكەندەك بولدى،سىنچىلاپ قارىسام بۇ دەل مىنىڭ ھىسىياتىمنى باسىدىغان خەت ئىدى :
«ئوينايمەن ،خالىسىڭىز ئالاقىلىشىڭ .شۇنچىلىك خۇشال بوپ كەتتىمكى ئاستىدىكى 7867421دىگەن نۇمۇرنى تىلىفۇنۇمغا ساقلىۋالدىم -دە ،تىلىفۇن قىلىشقا تەرەددۇت قىلدىم ،تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا مۇنداق نۇمۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغان چىقاتتى ،بۇلار خەقنىڭ بىرسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ياكى بىراۋلارنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن تاپقان ئۇيۇنلىرى ئىدى،لېكىن مەن قانداقتۇر بىر كۈچ ئىلكىدە نۇمۇرنى باستىم:
-ياخشىمۇسىز ؟ تىلىفۇندىن تولىمۇ زىل ،يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى .
-ياخشىمۇسىز ؟ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟
قارىغاندا ئۇمۇ دەل مۇشۇ ئىشنى قىلىشنى خالايدىغان قىزلاردىن ئىكەندە .مەن ئۇنىڭ ئىنتوناتسىسىيدىن گەپنى ئۇچۇق قىلىڭ دىگەنلىكىنى چۈشەندىم ،
-سىز بىلەن كۈرۈشەي دىگەنتىم ،ۋاقتىڭىز بارمىدۇ . ئۇ سەل ئويلانغاندىن كىيىن جاۋاپ بەردى .
- بۇلىدۇ چاتاق يوق .ئەمىسە قاچان كۈرۈشىمىز .سىزنى قانداق تۇنۇيمەن .
.............
...............
شۇنداق قىلىپ بىز ئۇرۇننى تىنچلىق كوچىسى تەرەپتىكى بىر ئاشخانىغا بىكىتتۇق .مەن ئۈزەمنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ ،توختىلىۋالغاندىن كىيىن شۇ تەرەپكە كەتتىم ،تاكسىدىن چۈشسەم ئۇ مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ،مەن بېشىمنى كۈتۈرۈپ قاراپ ھاڭ تاڭ قالدىم ،چۈنكى ئۇ شۇ قەدەر چىرايلىق قىز ئىدى ،ئىگىز بويى ،قاپقارا چاچلىرى ،سۇس گىرىملىرى ،قىپقىزىل چاپىنى تىزىدىن سەل ئاشقان يوپكىسى ئۇنى شۇ قەدەر گۈزەل قىلىۋەتكەنىدى .مەن ئولجامدىن رازى بولدۇم . ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇۋالسام يەنە قىز بالا ئىزلەپ يۈرمەيمەندە گەرچە پاھىشە بولسىمۇ . بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشتىم :
- ياخشىمۇسىز ؟
-ياخشى ،
-سىزنى ساقلىتىپ قۇيۇپتىمەندە ،
-ياقەي ،تۇرمۇشتا مۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرۇدىدۇ ،ھەمىشە ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ بولغىلى بولمايدۇدە ،بەك چىرايلىقكەنسىز ،كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدۇ ؟
ئاۋال تاماق يەيلى،بۇيەرنىڭ مىللىيچە تائاملىرى بەك ئوخشايدۇ،يەنە كىلىپ پۇتۇنلەي مۇسۇلمانچە دەڭا.
................
..............
توۋا !ماۋۇ قىزبالىنىڭ ئېغىزىدىن نىمىلەر چىقىۋاتىدۇ .بۇ نەدىمۇ پاھىشىگە ئوخشىسۇن .مەن ئىلگىرى كۆرگەنلەر ھەممىسى چاچراپلا تۇرۇدىغان بىر نىمىلەر ئىدى ،لېكىن ماۋۇ قىز ،.. ھەر ھالدا دىققەت قىلغان تۈزۈك ،نىمىلا بولمىسۇن ئۇنى چۇقۇم بىر كولدۇرلىتىش كىرەك ،چۈنكى بۇنداق ساھىپجاماللار شىنجاڭدا بىر ياكى ئىككى ..
تاماق كەلتۈرلۈپ بولغۇچە ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشتىم .مەن كونا تاكتىكام يەنى- پاھىشىلەرنىڭ قورسىقىنى يېرىش ئۇسۇللى بۇيىچە ئۇنى گەپكە سالدىم :
-ھەمىشە مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنامسىز ياكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق تۈپەيلىمۇ .....؟ گىپىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە ئۇ گەپ باشلاپ كەتتى :
سىزدىن يۇشۇرمايمەن .دادام ئاپامنى تاشلاپ كىتىپ باشقىلارغا بۇزۇلۇپ كەتتى ،ئاپاممۇ قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن تولا ئەرگە تىگىۋېرىپ،دەرتتىن ،نامراتچىلىقتىن ،كىسەلدىن ئۈلۈپ كەتتى .مەن ئىنىمنى بېقىش ئۈچۈن مۇشۇ يولغا كىرىپ قالدىم .ئۇ مۇشۇ گەپلەرنى قىلغان ۋاقىتتا كۆزلىرىنى مىتمۇ قىلىپ قويمىدى ،چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشمۇ بولمىدى ،بۇ ئادەتتە مۇشۇ يولدىكى قىزلارنىڭ تۇقۇۋالغان ھىكايىسى ئىدى ،ھارامزادە ،دىدىممەن ئىچىمدە ،نىمىلا بولمىسۇن مەنمۇ ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم ،ئۇنىڭ كىينكى ئىشلىرىغا ياردەم بىرىدىغانلىقىمنى ،ئىيتقاچ ئۇنىڭ قۇلىنى يىنىككىنە تۇتتۇم ،بىراق ئۇ قولىنى تىز تارتىۋالدى ،ئۇنىڭ بۇ قېلىقى سەل نىرۋامنى ئۆرلەتتى ،ھازىردىن باشلاپ مۇشۇنداق قىلىۋاتسا ئۇنىڭ قانداقمۇ ......
ئۇ چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشنى بىلىپ قالدىمۇ قانداق كۈلۈمسىرىگىنىچە :ياتاققا كىرگەندە ھە . دەپلا قويدى .مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن ئىشنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم .قانداق قىلاي .تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى ،مۇشۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا بىھۇش قىلىش دورىسىنى ساتىدۇ ئەمەسمۇ ،ئۈزەمنىڭ ئەقلىدىن خېلى رازى بولدۇم چۈنكى مەن بۇنى سىناپ باققان .تىلىفۇن قىلىش باھانىسىدە سىرتقا چىقىپ دورىنى ئەكىردىم .ئۇ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ چېيىغا دورىنى سېلىپ ئارلاشتۇۋەتتىم .
-ئىچىڭە ،چاي بەدەننى قىزىتىدۇ ،
-شۇنداقمۇ ،سىز ئىچمەمسىز ؟
-ئىچىمەن ،
مەن پىيالەمدىكى چايدىن ئوتلىغاچ ئۇنىڭغا قارىدىم ،دەل شۇ پەييتە ئۇنىڭ تىلىفۇنى سايراپ قالدى ،ئەستا ما ئىشنى كۈرۈڭ چاينى ئېچىۋېتىپ نەگە بارسا مەيلى ئەمەسمۇ ،ئۇ چىقىپ پاراڭلىشىپ كىرگۈچە تاماقمۇ كەلتۇرۇلدى ،ئۇ تاماق جەريانىدا ئۈزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىدى دە ماڭا ئۆزىنىڭ قالايمىقان خېرىدارلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى ،يەنە كىلىپ باھاسىنىڭ يۇقىرى
ئەمەسلىكىنى ،،،مۇلازىمىتىنىڭ ئەلالىقىنى ئېيتتى .
ئىچىمدە ئويلاۋاتىمەن ،مۇشۇنداق چىرايلىق قىز نىىمىشقا مۇشۇنداق يولغا كىرىپ قالدىكىنا ،بىرەر ئەرگە تەگسە ئۇنى كىم ئالمايدۇ ھە ،گەپنىڭ ئۇچۇقىنى قىلغاندا ئۇ مەن ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ چىرايلىق قىز ئىدى .ئۇنىڭ رۇخسارىدىن ھۇزۇرلانغاچ ئولتۇرۋاتىمەن .دورا ھېچ بىر كۈچىنى كۆرسىتەي دىمەيدا ، تۇيۇقسىز بېشىم قېيىپ كۆڭلۈم ئايلانغاندەك بولدۇم ،
-مىجەزىڭىز يوقمۇ قانداق ؟ كۆزلىرىم تورلىشىشقا باشلىدى ،ياق !ئۇخلاپ قېلىشقا بولمايدۇ ،ئابېلكىم قەتئىي ئۇخلاپ قالما ،لېكىن نېرۋېلىرىم ئۈزەمگە بويسۇنمايۋاتاتتى ......
-كۈزۈڭنى ئاچا ، ئۈلۈكۈڭنى ساتماقچىمۇ سەن ،قوپە ،ئىشتىن چۈشىمىز . بىراۋنىڭ ۋارقىرىشىدن بېشىمنى تەستە كۈتۈردۈم ،ئاشخانا
ئىچى قاپقاراڭغۇ ،ئۇلار ئىشتىن چۈشمەكچى بۇلۇشۇپتۇ .مەن ئېغىر بېشىمنى كۈتۈرگىنىمچە ئاشخانىدىن چىقتىم ،غۇۋا كوچا چىراقلىرى گىمسەن يوللارنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى .
-بۇ قەيەر ،مەن نەدە ؟ ھە .پەرىدە قېنى ؟،شۇ چاغدىلا ئىسىمگە كەلدىم ،ئاپلا ، پورتمالىم ،نوجىيا تىلىفۇنىم ،1000يۇنگە ئالغان كاستىيۇم بۇرۇلكام ،ھەممىسى يوق . مەن جايىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم ،ئالدىنىپتىمەن ،قەتئىي ئالدىنىپتىمەن ، سالغان دورام قېنى ، ئۇنىڭ مەن سېرتقا چىكەتكەندە چېيىمغا دورا سالغانلىقىنى جەزملەشتۇردۇم ،يا كۈلەلمىدىم ،يا يىغلىيالمىدىم ،لېكىن مۇشۇ كۈنگە كەلگەندە مىنى ئەخمەق قىلىدىغان بىرسىنىڭ چققىنىدىن خوش بولدۇم ،ئىشلار تېخى ئالدىمىزدا ،ۋاقتىمىزمۇ بار تېخى .... ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشىدىغان كۈننى بىكىىتتۇق .ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا گۈزەل ،تەمكىن ئىدى .مەن ئۇنى خىجىل بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم ،نەدىكىنى ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا سەۋرچان تۇردى ،ئۇ مىنىڭ بىر جاۋاپ كۈتۈۋاتقىنىمنى بىلدىمۇ كۈلگىنىچە :
-كةچۈرۈڭ ،ئالدىنقى قېتىم ئىشىم چىقىپ قالدى پۇلىڭىزنى تىلىفۇنىىڭىزنى ،يەنە چاپىنىڭىزنى ئارىيەتكە ئېلىپ تۇردۇم .دىدى .مەن ئۇنىڭ مەغرۇرانە كۈلكىسىدىن ئۇغۇلبالا دارچىلىقى بارلىقىنى بىلىپ كايىمىدىم .
سورىدىم : بۈگۈن يەنە قاچامسىز ؟
ئۇ كۈلگىنىچە :ياق، ئەمدى قاچمايمەن .دىدى .
بىز ئېرماۋ دىكى بىر مىھمانخانىدىن ياتاق ئېچىشقا كىلىشتۇق .پۇلنىمۇ بىكىتتىم .بىراق ئۇ يەنە بېشىمنى ئاغرىتىشقا باشلىدى :
-ئىنىم ئۆيدە يالغۇز قالغانتى ،ئۇنىڭ قورسىقى ئاچ ،تاماق ئېتىپ بىرەي دىسەم سىزنىڭ تاقىتىڭىز تاق بۇلۇپ كىتەرمىكى دىدىم ،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئالدىنقى قېتىم سىزنى نائۈمۈدتە قويقاچقا بۇ قېتىم ئوبدان رازى قصلاي دىگەنتىم ..لېكىن ئېنىمغا يىمەكلىك ئېلىپ بىرىشكە پۇل يوق !
ئۇ ئاخىرقى گەپلەرنى دەۋاتقاندا دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.نىمىلا بولمىسۇن ،ئىنىسىنى دەپ مۇشۇ يولغا كىرىپ قاپتۇ ،دەپ ئويلىدىم ،يەنە كىلىپ قۇلۇمغا چۈشكەن ئولجىنى چىقىرىپ قويغۇم كەلمىدى .ئارمان تاللا بازىرىغا كىرىپ 70 نەچچە يۇنلىك نەرسە سېتىۋالدۇق .بىز تاكسى بىلەن چوڭ بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ :
-سۈيۈملۈكۈم ،بۇ مىنىڭ ئۈيۈم ،ئىنىمگە تاشلاپلا چىقىمەن ،ئاندىن ئىككىمىز .......دىگىنىچە بىېرىپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى ،ئىشىك ئېچىلغاندىن كىيىن كىرىپ كەتتى ،مەن ياتاقتا بۇلۇدىغان شىرىن خىياللارنى ئويلىغىنىمچە ئىچ ئىچمدىن روھلىنىپ كەتتىم تېخى غىڭشىپ ناخشىمۇ ئېيتىپ قويدۇم ، كاللامدىن بىر ئىش كەچتى ،:بەش مىنۇت بولسىمۇ نىمىشقا
چىقمايدۇ ،ئۇ مىنى يەنە كولدۇرلاتقان بولمىسۇن يەنە ...ئاخرىنى ئويلا ئويلىمايلا ماشىنىدن سەكرەپ چۈشتۈم . ما ئىشنى كۈرۈڭ .بۇ نەدىمۇ ئۆي بولسۇن .بۇ ئۈتۈشمە ئىشىك ئىكەنغۇ ،بۇ ئىشىكتىن چىقسىلا گاز تۇرۇبا ئىدارسىسنىڭ ئالدىدكى ئاممىۋى قاتناش زىچ بولغان يولغا چىقاتتى .ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدىم ،ئىزلىدىم ئۇ ھېچ يەردە يوق .قېچىپتۇدە ،ھۇ ئانناڭنى رەسۋا ،ئۆتكەن قېتىم كەچۈرۋەتكەن بولسام بۇ قېتىم ئاچچىقىم كىلىۋاتاتتى .قانداق قىلغۇلۇق كىمگە دەيمەن ،خەق ئابلېكىم قىزلارغا كولدۇرلىنىپتۇ دىسە ...ئاخىرىنى
ئويلاشقا پېتىنالمىدىم .
ئەمدى ئىككىنچى ئۇ بۇزۇقنى ئىزلىمەسلىك قارارىغا كەلدىم . كۈنلىرىم ئەمدى خېلى تەسكىنلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى .چۈنكى مەنمۇ مۇشۇنداق قىزلارنىڭ بارلىقىنى بىلگەنىدىم .ئەمدى بۇندىن كىيىن قىزلارنى ئەخمەق قىلماسلىق قارارىغا كەلدىم ،ئىچمدە مۇشۇنداق بىر پىلانىمنىڭ بۇلغانلىقىدىن خوش بولدۇم .
قوشنىمىز رازىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى چىمەنتاغ رىستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى .بارماي دىسەم ئۇ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم كىلىدۇ ،بارغىن دەپ تۇرۇۋالدى ،مۇشۇ قىزبالىنىڭ كۆڭلى ،رىستۇراننىڭ ئىشكىدىن كىرىپ قارىسام بىربىرىدىن چىرايلىق قىزلار ئولتۇرۇپتۇ ،كۈزۈم تۇيۇقسىز بىرسىگە چۈشتى ،ئۇ دەل مىنى ئىككى قېتىم ئەخمەق قىلغان ھېلىقى بۇزۇق ئىدى ئانناڭنى رەسۋا ،ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردىم .
-ياخشىمۇسىز ؟
ئۇنىڭ چاندۇرماي قويغان سۇئالىدىن گاڭگىراپ قالدىم ،
-ماۋۇ پاسكىنىغا نەدىن كەلگەن يۈرەك بۇ ،نەدىن كەلگەن ھىيلىگەرلىك ،مۇنداقمۇ ھۈنىرىم باردەڭ ،گىپىڭىزنى ئەمدى دەڭا ،ئۇ جاۋاپ قايتۇرغىچە رازىيە سوراپ قالدى :
-سىلەر تۇنۇشامسىلەر ؟
،پەرىدە ھەيران قالغان قىياپىتتە :
-توۋا ،ئەمدى كۈرۈۋاتىمەن ،مەن ئۇنى ئىللا،بىللا تۇنۇمايمەن ،يا مىنى بىرەرسىگە ئوخشىتىپ قالدىمۇ قانداق ؟
-ما گەپنى كۈرۈڭ مىنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭ بىلەن ھېلىقى ئىشلارنى ........ گەپنىڭ ئاخرىنى چۈشۈرەلمىدىم .
-قايسى ئىشنى دەيسىز ،ساراڭمۇ سىز ،مەن نەدە سزنى كۆرگەن ...
سورۇندىن دەشنام يىگەن پېتى چىقتىم ،11 قىزبالىنىڭ ئالدىدا قىلغان ئەتكەنلىرىمنى ،ئالدانغانلىرىمنى سۆزلەپ يۈرەيمۇ ؟!
يېرىم سائەت ئۆتمەي تىلىفۇنۇم جصرىڭلىدى .ھېلىقى بۇزۇق ..
-نىمە گەپ ،ئەخمەق قىلاي دىگەنما ،پۇل لازىم بولغانمۇ يا
-ياق ،مەندە پۇل بار .ماڭا سىز لازىم .
-ئىشىڭڭىزنى قىلىڭ ،مەن مۇنداق رەسۋا ئىشتىن قول ئۈدۈم ،ھېلىمۇ بۇرنۇمغا ئاز يىمىدىم .ئەمدى بولدى قىلىمەن .
-مەن ھېلىقى ياتاقتا كەلسىڭىز مەن سىزنىڭكى ....تىز بۇلۇڭ .
ئۇ تىلىفۇننى قۇيۇۋەتكەندىن كىيىن مەن بېرىش بارماسلىق توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدىم ،ئويلاپ باقسام 3 قېتىم ئەخمەق بۇلۇپتىمەن .يا مۇشۇ پېتى ئەسلىمنى ساقلاپ دۇرۇس يولغا مېڭىشنى يا بېرىشنى بەلگىلىيەلمىدىم .بېشىمنى پۇتۇمنىڭ ئىختىيارىغا قۇيۇۋەتتىم .دە بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ياتاققا باردىم يۇ كىرىش كىرمەسلىك توغرىسىدا ئۇزاق ئويلىنىپ قالدىم ،چۈنكى مىنىڭ ئەمدى ئالدانغۇم يوق ئىدى .دەل شۇ ۋاقىىتا ئۇ دېرىزىدىن مىنى كۈرۈپ قالدى ئەمدى كىرمەي بولمايتتى .،ياتاققا كىرصشىمگىلا ئۇ بىر خىل چاققانلىق بىلەن مىنى ئۆزىگە يېقىن يۇلاتماي كىيىملىرىمنى سالدۇرۇشقا باشلىدى ،ئۇنىڭ مۇنداق ھەركەتلىرىدىن خۇدۇمنى يۇقۇتۇپ قويدۇم ،ئۇ بىردەمدىلا مىنى قىپيالىڭاچ قىلىپ كارۋاتقا باستى .مەن ئەمدى ئۇنىڭ مىنى ئەخمەق قىلمايدىغانلىقىغا كۈزۈم يەتتى دە ئۈزەمنى قۇيۇۋەتتىم .دە كۈزۈمنى يۇمدۇم .ئۈزەمنى بىر توپ بۇلۇتلار ئارىسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشقا ئوخشىتاتتىم ...
ئىشىكنىڭ جالاق قىلىپ يېپىلغان ئاۋازىدىن خۇدۇمنى يىغدىم . ھۇ نۇمۇسسسىز ،ئۇ ئەمدى يەنە قاچقانىدى .ھوي قېنى مىنىڭ كىيملىرىم ،ئەستا ئەمدى راست ئاچىقىم كەلدى .يېرىلغۇدەك بۇلۇۋاتسام ئۆينىڭ خوجايىنى كىرىپتۇ :
-ھېلىقى قىز پۇلنى سىزنى تۆلەيدۇ دىگەن .ئەستا ،تۈگىشىپتىمەنغۇ .مەن ئالاھىيتەن ئۇ مىنى ئالدىمىسۇن دەپ ھەممە پۇلنى ئۆيۈمدە قۇيۇپ كەلسەم ،يەنە كىلىپ قىپيالىچاچ ئادەمدە نەدىمۇ پۇل بۇلىدۇ .نۇمۇس ،ھەممىسى نۇمۇس ،ئەڭ يېقىن ئاغىينەمگە تىلىفۇن قىلىپ كىيم كىچەك پۇل ئەكەلدۈرۈپ بۇ يەردىن چىقتىم .دە ئۆيدىن چىقماي 3 كۈن ئۇخلىدىم ،تۆتىنچى كۈنى ھاۋا ئۇچۇق ئىدى .ئاتائانامغا گەپ سۆزمۇ قىلمىدىم ،تىلىفۇننى ئەمدى ئېچىشىمغا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆردۈم ،قارىسام يوللىغىلى يېرىم سائەت بوپتۇ .ئۇ مىنى يەنە ھېلىقى ئۆيگە چاقىرىپتۇ .غەزىپىم تاشتى ،ئىمانىم ئۇچتى ،ۋىجدانىم قاينىدى ،يېنىمغا پىچاقنى ئاستىم ،ئەمدى ئۇ مىنى يەنە كولدۇرلىتىدىغان بولسا
ئۇنى چۇقۇم ئۆلتۈرۋېتىمەن دەپ ماڭدىم .
ئۆيگە قانداق كەلگىنىمنى بىلمەيمەن ،ئىشىكتىن كىرىپلا پىچاقنى ئۇنىڭ گېلىغا سۈردۈم توۋا ،ئۇ ھېچنىمە قىلمىدى ،قارشىلىقمۇ كۆرسەتمىدى ،مەن پىچاق بىسىنى ئۇنىڭ گېلېغا تېخىمۇ كۈچەپ باستىم ،ئۇ تىنالماي قالدى ، يۈز تىرىلىرى قىزىرىپ ،ئېغىزلىرى پۈرلىشىپ كەتتى .كۆزلىرىدىن چۈشكەن ئىككى تامچە ياش پىچاق تۇتقان كۈچلۈك قوللىرىمدىن سىرغىپ چۈشتى ،ئۇ يەنىلا جىمجىت تۇراتتى .قارشىلىق كۆرسەتمەيتتى .ئەسەبىيلىرىم تېخىمۇ ئېشىپ باراتتى .مەن ئۇنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى بىلىپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇيۇۋتتىم دە ئۈزەمدىن ئىككى مىتىر يىراقتىكى كارۋاتقا ئاتتىم ،ئۇ جىم ياتاتتى .ئاچچىقىم تېخى بېسىلمىغانىدى ،ئويلىساملا ئاچچىقىم كىلەتتى 4700يۇەن پۇلۇم ،2000 يۇەنلىك كىيمىم ،1700 يۇەنلىك تىلىفۇنۇم ،ئاچچىقىم كەلدى ،ئۇنى سۆيدۈم ،پۇرىدىم ،غالجىرلارچە قۇچاقلىدىم ،ئۈزەممۇ سەزمىگەن بىر غايەت زور كۈچ ئىلكىدە پىچاقنى ئۇنىڭ گېلىدىن تىققانچە قورسىقىدىن چىقىرىپ كىيمىنى ئىككى پارچە قىلىپ تاشلىدىم .ئۇ يەنىلا قارشىلىق كۆرسەتمىدى .ئەمدى ئۇنىڭغا سەل ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،چۈنكى ماڭا ئەڭ تەسىرقىلغان قىز ئىدى .ئەمدى باشلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ شۇنچىلىك تىركەشتىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن مىنى
ئىتتىرىپ ،تىپىپ قارشىلىق قىلدى ،لېكىن بىر قىز مەندەك 3 يىل چېنىققان كىشىگە قانداقمۇ تەڭ كىلەلىسۇن ؟ئۇ ئەمدى ۋارقىراپ كەتتى :
-ئابېلېكىم ،مىنى مەجبۇرلىماڭ !!!،مەن قىز ،مەن ساپ پاك قىز ،ئۇنداق قىلماڭ ،توي قىلىپ نىمە قىلسىڭىز مەيلى لېكىن ھازىر بولمايدۇ ،بۇ گۇناھ.....ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىۋاتقان بولسىمۇ ئېغىزىم قېتىقتا پىشىپ قالغاچقا ئۈزەمنى توختاتقۇم كەلمىدى ،ئۇ ۋارقىرايتتى.
-ئابلېكىم ،مەن سىزنى سۈيصمەن ،مەن سىزنىڭكى ،مىنى مەجبۇرلىماڭ ،توي قىلايلى ،...ئۇنىڭ گەپلىرى مىنى ئىرىتىۋاتقان بولسىمۇ يەنە ئەخمەق بولغۇم كەلمىدى .ئۇ تۇيۇقسىز تىركىشىتىن توختاپ قالدى .
-قىلامسز ؟ مۇشۇ ئىشنى زادى قىلامسىز ؟...
مەن :ھەئە دىدىم ،ئىڭىكىمگە تەگكەن بىر شاپىلاقتىن تىنىم شۈركەندى ،
- قىلە !!!
مەن ئۇنڭغا يېپىشتىم ،.........
-مەن ئەيدىز .
مىڭەمدىن چاقماق چېقىلىپ ،بېشىمدىن تۈتۈن چىكەتتى ،ئالەم قاراڭغۇلىشىپ ھۇدۇقۇپ كەتتىم ،دە كارۋات تىگىدىكى 2 مىتىر
يىراقتىكى پالاسقا ئۇچۇپ چۈشتىم ،
-قىلىڭە !سىز ئامراق ئىش مۇشۇ ئىدىغۇ ،قىلىڭە !ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدىن چۈچۈپ ، ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم .كاللامدا ھېچنىمە يوق ،ئېڭىم قۇپقۇرۇق ،دەلدەڭشىگىنىمچە كوچىدا يۈرمەكتىمەن .15 مىتىر ماڭا ماڭمايلا تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى ،تىلىفۇندىن
ئۇنىڭ ئەسەبىيلەرچە كۈلگەن ،جاراڭلىق كۈلكىسىنى ئاڭلىدىم .ئۇنىڭ كۈلكىسى ئالاھەزەل بىر مىنۇت داۋاملاشتى .مەن ئالدانغىنىمنى ،يەنە كىلىپ دەھشەت ئالدانغىنىمنى بىلدىم .شۇزامان چىقسام ئۇ ھېلىقى ئۆيدە يوق .توۋا ،مەن نىمانچە ئالدىنىدىغاندىمەن .بارلىق ھۈنىرىمنى ئىشلىتىپمۇ بىر قىزبالىنى ئالدىيالمىدىم ،ئۆيگە كەلدىم ،بىراق ئۇخلىيالمىدىم ،چۈنكى ئەمدى كۆز ئالدىمغا كىلۋالاتتى .ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى ھەركەتلىرى مىنى بىئارام قىلاتتى .بىر نەچچە كۈن ئۆتى نىمىشقىدۇر ئۇنى كۆرگۈم كىلىپ قالىدىغان ،ئاۋازنىنى ئاڭلىغۇم كىلىدىغان
بۇلۇپ قالدى ،،مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغاندىمەنمۇ ..........
ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم .ئۇ تىلىفۇننى ئالمىدى .ئۇچۇر يازدىم ،ئۇچۇرمۇ قايتۇرمىدى.بىراق بىر كۈنى تىلىفۇنۇمغا كەلگەن بىر ئادرېسقا ئاساسەن ئۇنى ئىزلەپ باردىم .بۇ ھېچكىممۇ كەلمەيدىغان خىلۋەت ،چەت بىر يەر ئىدى ،ئۇنى ساقلىدىم ئۇ يوق ،كۈزۈم تۆت بولدى يەنە يوق ،ماڭاي تۇرغاندا يېنىمدىكى ئۇرۇندۇققا قىستۇرۇلغان بىر پارچە خەتكە كۈزۈم چۈشتى .بۇ پەرىدەنىڭ خېتى بۇلۇپ خەتتە مۇنۇلار يېزىلغاندىدى :
ئابلېكىم ،ياخشىمۇ سىز ،تىنىڭىز سالامەتمۇ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇقمۇ ،ئۇلۇغ ئاللادىن مۇشۇنداق بۇلىشىنى تىلايمەن .خۇدا سىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن .بەلكىم مىنى چۈشىنىپ بۇلالمىغان بۇلىشىڭىز مومكىن ،لېىن مەن سىزنى تامامەن چۈشنىنىپ بولدۇم .ئۈزەمگە كەلسەم مۇشۇ گۈلدەك ،چىرايىم ،زىلۋا قامىتىم خۇدانىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغىسى ،مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمايمەن .مەن پاھىشىمۇ ئەمەس ،بۇزۇقمۇ ئەمەس ،پەقەت ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىسى ،بەش نامازلىق قىزدۇرمەن ،پاكلىقىمغا ،ساپلىقىمغا ،قىزلىقىمغا ئاللاھ گۇۋاھ .تېخى بىرەر ئەر كىشى ماڭا ئېرىشىپ باققان ئەمەس .مىنىڭ مۇشۇنداق يولغا كىرىشىمگە دادام سەۋەپچى ،ئۇ ئاپامنى خورلاپ باشقا ئايياللارنى ئالداپ يۈرگەچكە مەنمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتانىدىن ئۈتۈپلا ئۇقۇمىدىم .ئاپام تۈگەپ كەتتى .ئەمىلىيەتتە ئىنىم يوق .مەن پەقەت مىنى ئازدۇرماقچى بولغانلاردىن ئۆچ ئالماقچى ئىدىم .بىراق سىزگە ئوخشاش ،دادامغا ئوخشاشلارنىمۇ بوش قويماسلىق كىرەكلىكىنى چۈشەندىم .سىزگە كەلسەك بەك ئىچىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ .سىز دىگەن مەن ئازدۇرغان 71-ئۇغۇلبالا .بەلكىم سىز بۇ خەتنص ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتتا مەن 73-ئۇغۇلبالىنى ئىزلەۋاتقان بۇلىمەن .لېكىن ئالداپ ئالداپ نەگە بېرىشىمنى ئۈزەممۇ ئۇقمايمەن .ماڭا كۆڭلىڭىزنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى دەپسىز .سىزگە رەھمەت ،ئاللاھ سىزگە ئىنساپ بىرىدۇ دوستۇم .بۇندىن كىيىن قىزلارنى ئالدىماڭ ،مۇسۇلمان بۇلۇڭ ،مەن سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ......
خەتنى ئۇقۇپ كۈزۈمدىن تارام تارام ياشلىرىم ئېقىپ چۈشتى .نىمىشقىمۇ مۇشۇنداق ياخشى قىزنى تۇنۇمىغاندىمەن .دەل شۇ چاغدىلا ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغىنىمنى سەزدىم .مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت قالدۇردۇم ،ئەمدى قىزلارنى ئەخمەق قىلمايدىغانلىقىمنى ،ناماز ئۇقۇيدىغانلىقىمنى ،ئۇنى سۆيىدىغانلىقىمنى ،ساقلايدىغانلىقىمنى يازدىم .مانا نۇرغۇن ۋاقىت ئۈتۈپ كىتىپتۇ ،ھەر پەسلى باھار كىلىدۇ
،گۈللەر ئېچىلىدۇ ،توزۇيدۇ ،باغلاردا قىز يىگىتلەر بىللە سەيلە قىلىشىدۇ .لېكىن مىنىڭ قەلبىمدە پەرىدەلا بار ،ئۇنىڭ تىلىفۇنى يىللاردىن بۇيان ئىتىك ،مەن شاللاق بالىدىن ئۈزۈمنى تۇتۇۋالغان قاۋۇل ،توختالغان يىگىتكە ئايلاندىم .مىنىڭ كۈنلىرىم ئۇ دائىم بارىدىغان ھېلىقى گۈللۈكتتە ئۈتۈۋاتىدۇ .مەن ئۇنى ساقلايمەن .ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن ،ياخشى يىگىت بۇلىمەن .قىزلارنى ئالدىمايمەن .چۈنكى ئۇ ماڭا مىنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇشۇمنى ،مۇشۇنداق قىلغىنىمدىلا ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئېيتقان ،مەن پاك ياشايمەن ،چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئەتراپىمدا.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(2)----
bahtim33 (@bahtim338) | @ at 2015-03-23 04:41:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم، سىلىنىڭ خىتىڭلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىدىم، كەچۈرگەيسىلەر، ئەمىسە مەن دىگەندەك قىلىڭلار!

1_ئەڭ ئاۋۋال wodemo.com بىتىگە كىرىسىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ بىرىڭلارغا كىرسەڭلەرمۇ بولىدۇ) ئەڭ ئاستىدا (管理) ماۋۇ خەت يەنى باشقۇرۇش دىگەن خەتنى باسىسىلەر.
2_چىققان كۆزنەكتىن ماۋۇنى (站点) يەنى تۇرۇش نوقتىسى دىگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ يەرگە كىرىسىلەر.
3_قەدەمدە چىققان كۆزنەكتىن (皮肤) ماۋۇنى باسىسىلەر، بۇ خەت ئاشۇ ئىچىلغان كۆزنەكنىڭ ئوتتورىسىدا.
4_قەدەمدە چىققان كۆزنەكتە ماۋۇ ئۈچ دانە كود يازىدىغان ئورۇن بار مەسىلەن
❶ _CSS (什么是CSS?)

❷ _头部 HTML

❸ _尾部 JavaScript

يۇقاردىكى كۆرسىتىلگەن ③ ئورۇنغا كود يازىسىلەر. ھەر بىر ئورۇنغا يازىدىغان كود ئوخشىمايدۇ.
ئەگەردە كود لازىم بولسا مىنىڭ بىتىمگە كىرسەڭلار بولىدۇ.
ئەگەردە چۈشەنمىگەن يەرلىرىڭلار بولسا خەت قالدۇرۇڭلار
bahtim33 (@bahtim338) | @ at 2015-03-23 04:18:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم،سىلىنىڭ خىتىڭلارغا ۋاقتىدا جاۋاب بىرەلمەي قالدىم كەچۈرۈڭلار، ئەمىسە مەن دىگەندەك قىلىڭلار.
1_ئەڭ ئاۋۋال ماۋۇ wodemo.com تورىغا كىرىپ ياكى سىلىنىڭ بىتىڭلارنىڭ ئەڭ ئاستى تەرەپتە ماۋۇ
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى