شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئىسىڭىزدە بولسۇن تەۋسىيلىك

2015-04-16 09:53:27 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر


2015-04-14 پىسخىكام pishikam

Pishikam2015-4-14پىسخىكام
ئېسىڭىزدە بولسۇن
1.ئېسىڭزدە بولسۇن،ھەممە ئادەم سىز ئويلىغاندەك سەمىمىي ۋە راسچىل ئەمەس،شۇڭا باشقىلارغا بارلىقىڭىز بىلەن ئىشىنىپ كەتمەڭ.
2.ئېسىڭزدە بولسۇن،ھەممە ئادەم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ،شۇڭا ئەمدى ئەخمەقلەرچە باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماڭ.
3.ئېسىڭىزدە بولسۇن،ھەممە ئادەم سىز ئويلىغاندەك ۋاپاسىزمۇ ئەمەس،شۇڭا ساقلاپ قېلىشقا تىگىشلىك مۇھەببەتنى باغرى تاشلىق بىلەن رەت قىلىۋەتمەڭ.
4.ئېسىڭىزدە بولسۇن،ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ياش بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ،شۇڭا قىممەتلىك كۆز يېشىڭىزنى ئاسانلىقچە تۆكۈۋەتمەڭ.
5.ئېسىڭىزدە بولسۇن، تىلەش بىلەن ھەممە نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ،شۇڭا باشقىلاردىن تىلەش ئارقىلىق غورۇرىڭىزنى دەپسەندە قىلىپ ياشاۋەرمەڭ؛
6.ئېسىڭىزدە بولسۇن،كىشى كۆڭلى يېرىم بولغاندا چوقۇم ياش تۆكۈشى زۆرۈر ئەمەس،شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭىزگە پىخسىقلىق قىلماڭ؛
7.ئېسىڭىزدە بولسۇن،كىشى ئاقكۆڭۈل بولسىلا ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشقا ئېرىشەلمەيدۇ،شۇڭا ئاسانلىقچە دىلى يۇمشاقلىق قىلماڭ؛
8.ئېسىڭىزدە بولسۇن،سز باشقىلارغا ئاتا قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغاچقا ئاتا قىلسىڭىز بولىدىغان ئىش يوق،شۇڭا باشقىلارغا ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمەڭ؛؛
9.ئېسىڭزدە بولسۇن،ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە ھىسياتىڭىزنى چىرايىڭىزدا ئىپادىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈريىتى يوق،شۇڭا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاسانلىقچە سىرتقا ئىپادىلىمەڭ؛
10.ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ياخشى كۆرىشى ناتايىن،شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەنلەرگە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ؛
11.ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دىگەن كىشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سزنى ياخشى كۆرمەسلىك ناتايىن،شۇڭا ئۇلارغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ئازار بەرمەڭ؛
12.ئېسىڭىزدە بولسۇن،ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى چۈشىنىشى ناتايىن،شۇڭا جاھىللىق بىلەن كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيمەن دىمەڭ؛
13.ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز نەتىجىگە ئىرىشەلمىسە ئۆزىڭىزنى يارامسىز ھېىس قىلماڭ،چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىشى ناتايىن؛
14.ئېسىڭىزدە بولسۇن،تۇرمۇشتا پەقەت سىز بىر ئادەملا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتمايسىز،يەنە بۇرغۇن ئادەملەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە،شۇڭا بەزى ئىشلاردا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەڭ،بەلكىم ئەتراپىڭىزدا قىيىنچىلىقى سىزدىن ئېغىر كىشلەر يەنىلا تىرىشۋاتقان بولىشى مۇمكىن؛
15.ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىزنى ياخشى كۆرىدىغان پەقەت بىر ئۆزىڭىزلا دەپ قارىماڭ،باشقىلارنى مەندىن ۋاز كەچتى دەپ ئويلىماڭ،بەلكىم يەنە نۇرغۇن كىشلەر سىزنى ئۈنسىز ياخشى كۆرىدۇ،شۇڭا قەدىرلىك دوستۇم تۇرمۇشقا ئۈمۈدۋار بولۇڭ...
مەنبە : نىگارىم تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى