شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دوسلار ئارسىدا ساقىلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار

2015-05-12 03:43:15 -0400 مەزمۇن تۈرى:
دوسلار ئارسىدا ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم تەرەپلەر

1.دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ نەرسىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
سىز يېڭى ماشىنا ياكى يېڭى ئۆي ئالسىڭىز، يېڭىدىن ئوغۇل دوست ياكى قىز دوست تاپسىڭىز ھەرگىز دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ ماختىنىپ يۈرمەڭ. چۈنكى بۇنداق قىلسىڭىز دوستىڭىزنىڭ قاتتىق كۆڭلىگە كېلىشى تۇرغانلا گەپ، بەزى كىشىلەر ھازىرقى زاماندا پەقەتلا ئۆزىنى تۇتالماي قالىدىغان بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى ئۈندىداردا، بەزىلىرى دوستلار يىغىلىشىدا بۇنداق ئىشلارنى سۆزلەپ ماختىنىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس.
2.ئەگەر دوستىڭىز ئۆزىنىڭ شەخسىي سىرىنى ئېيتىشنى خالىمىسا ھەرگىز كوچىلاپ سوراپ كەتمەڭ.
مەيلى سىلەر ئىككىڭلار قانچىلىك يېقىن بولۇڭلار ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە ئاشكارلاشنى خالىماي يوشۇرۇپ قويىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ سىرىنى ھۆرمەتلەش ئەمەلىيەتتە ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىياتنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن ئىبارەت.
3.دوستىڭىزنىڭ ھەمراھى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولماڭ.
بۇ ناھايىتى سەزگۈر بولغان بىر ئىش، گەرچە سىز ئۆزىڭىزدىن مەسىلە كۆرۈلمەيدىغىنىغا كاپالەتلىك قىلسىڭىزمۇ، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ قانداق خىيالدا بولۇشىنى توسۇپ قالالمايسىز. سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىش يوقمۇ دەيلى، لېكىن دوستىڭىزنىڭ ھېسىياتىنى ئويلىشىپ بۇنداق ئىشقا پېتىپ قالىغىنىڭىز تۈزۈك.
4.ئەگەر دوستىڭىز سىزنى مېھمان قىلمىغان ۋاقىت بولسا ئۇنىڭغا پۇل تۆلەتكۈزمەڭ.
دوست دېگەن دوست، تاماق يېگەندە ئامال بار تەڭ پۇل تۆلەش كېرەك، ھەممە ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى، چۈنكى بىزدە ھېسابلىق دوست ئايرىلماس دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟
5.دوستىڭىز بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىدىغان ئىش بولۇپ قالسا چوقۇم ۋاقتىدا بىر ياقلىق قىلىۋېتىڭ.
يەنىلا يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ھېسابلىق دوست ئايرىلماس. بۇنداق دېگىنىمىز ئەگەر سىز دوستىڭىزغا قەرز بولۇپ قالسىڭىز، چوقۇم ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىنىڭىز ياخشى. بۇنداق بولغاندا ئىقتىساد سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى ھېسىياتقا تەسىر يېتىدىغان ئىشلارنىڭ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
6.رەھمەت ئېيتىشنى بىلىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر دوستىڭىز سىزنى ماشىنا ھەيدەپ ئىزدەپ كەلگەن بولسا چوقۇم دوستىڭىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇڭ، ئەگەر ئوخشاش جىنىسلىق دوستىڭىز بولسا ئاكتىپلىق بىلەن ماشىنا توختىتىش ھەققىنى تاپشۇرۇڭ.
7.ئەگەر دوستىڭىز تاماكىغا ناھايىتى ئۆچ بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز تاماكا چەكمەڭ.
سىز تاماكا چەكسىڭىز سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ چىداپ ئولتۇرىشىدىكى سەۋەب سىز بىلەن بىر ئۆيدە ياشاپ قالغانلىقى ئۈچۈندۇر. لېكىن دوست دېگەن دوست، مەڭگۈ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر چىدىغان ئادەتلىرىڭىزگە چىداپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ سىزگە تاماكا چېكىشىڭىزگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان يېرى بولسا قەتئىي چەكمەڭ. بىردەم چىدىغانغا ئۆلۈپ قالمايسىز.
8.دوستىڭىزنىڭ قىز دوستى ياكى ئوغۇل دوستىنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ.
ئەگەر راستىنلا يامان بولغان تەقدىردىمۇ، سىزنىڭ باھا بېرىشىڭىز ئارتۇقچە بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئېغىزىڭىزنى چىڭ يۇمۇڭ.
9.سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر باشقا دوستىڭىز باشقا، شۇڭا گەپ قىلغاندا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. دوستىڭىزغا بەك چېكىدىن ئاشقان ئاچچىق گەپلەرنى قىلسىڭىز مەڭگۈ ئىچىدىن چىقىرۋېتەلمەسلىكى مۇمكىن. كېيىن يەنىلا ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
10.يات جىنىسلىق دوستىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ
يات جىنىسلىق دوست بىلەن قانچە يېقىن دېگەن تەقدىردىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا چاتاق چىقىدۇ. بىرلا چاتاق چىقتى دېگەن گەپ قايتا دوست بولالمايسىز دېگەن گەپ.
مەنبە:نۇر تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى