شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

توي قىپ بىششەم بوپ

2015-06-28 04:25:13 -0400 مەزمۇن تۈرى:
توي قىپ بوپ بىششەم» بولۇپ قالىدىغان نازىنىنلار

2015-06-28 RAIN FM1074



يەرشارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھازىر ياپونىيەلىك ياشلار تويدىن قىلىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىدە «توي قىلىپ بالىلىق بولۇش، ئەمما مەغلۇب بولماسلىق» تەك ئىدىيە بار ئىكەن. بولۇپمۇ نۇرغۇن خانىملار توي قىلىش ئۇزۇن مەزگىللىك «تۆمۈر تاۋاق» قاتارىدا كۆرىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەرلەر تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەن. ئۇنداقتا ئەرلەر ئادەتتىكى ئىش-ھەرىكەتلەردىن قانداق قىلىپ تويدىن كېيىن «بىشەم خوتۇن» بولۇپ كېتىدىغان ئاياللارنى بايقىۋالايدۇ؟ ياپونىيە تاراتقۇلىرى تويدىن كېيىن «بىشەم خوتۇن» بولۇپ كېتىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يېغىنچاقلاپ چىققان.
1. مال-دۇنياغا بولغان قىزىقىشى
ئىنتايىن ئىسراپخور ياكى ھەددىدىن زىيادە پىخسىق.
دائىملا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ، مۇكاپات، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پۇلى ھەققىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئاياللار.
2. ئومۇمىي ساۋات، ئىجتىمائىي سورۇندىكى قائىدە-يوسۇنلىرى
ئەرلەرنىڭ مېھمان قىلىشىنى ھەقلىق ئىش دەپ قاراش، رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيدىغان ئاياللار.
تاماقخانىدا تاماق يىگەندە، ئۇنى-بۇنى تاللاش، قۇرۇق گەپنى جىق قىلىدىغان ئاياللار.
ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان ئاياللار.
3. تۇرمۇش جەھەتتە
تاماق تاللايدىغان، ئەمما ۋىتامىن دورىلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاياللار.
كەچلىك ئويۇنغا ئامراق، ھاراق ئىچىدىغان ئاياللار.
ئۆزىنى ياساشقا ئامراق، ئەمما ئۆينى قالايمىقان، مەينەت تۇتىدىغان ئاياللار.
4. ئىنسان تەبىئىتى
قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى ۋە مەغلۇبىيىتىنى توغرا چۈشەنمەيدىغان، ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى ئىنچىكلەپ سۈرۈشتۈرىدىغان ئاياللار.
كەيپىياتى تۇراقسىز، چۈشەنمەك تەس ئاياللار.
پاسسىپ، ئاغزىدىن «ئىشقىلىپ.....»، «ئىشقىلىپ مەن ..... »، «مەن چېغىمدا ....... قىلسام، يەنە ....... »، دىگەندەك سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاياللار.
كۈنلەمچى، قارشى تەرەپنى بوغۇپ قويىدىغان ئاياللار. قارشى تەرەپنىڭ ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانمىلىرى، كەلگەن ۋە ئۇرغان تېلېفون خاتىرىسى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشنى ئويلايدىغان ئاياللار.
بۇنىڭدىن باشقا، «قارشى تەرەپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرىغا قىلچىمۇ قىزىقمايدىغان، پەقەت ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان»، «دائىم باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرىدىغان (باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان)»، «ھەرقانداق ئىشقا گۇمان بىلەن قارايدىغان» مىجەزى بار ئاياللارمۇ بار.
بەزى ئاياللار مۇھەببەتلىشىدىغان ۋاقىتلىرىدا ئىنتايىن مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ، ھېچقانداق ئىۋەن تاپقىلى بولمايدۇ، ئەمما تويدىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، «نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟»، «بۇنداق بولماسلىقى كېرەكقۇ؟!»، «نېمىشقا بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟!» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەرلەر ئەڭ ياخشىسى مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقتىدا كۆزىنى يوغۇن ئېچىپ، قارشى تەرەپنى تەپسىلىي كۆزىتىشى كېرەك.

مەنبە :شىنجاڭ قاتناش سەنئەت رادىيۇسى 107.4
ئۈندىدار :xjfm1074
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
ThePathf (@pthfdr) | @ at 2015-06-28 06:52:
Greetings.
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى