شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

تورپان _ئۈرۈمچى تېز سۈرەتلىك يولدا ئېغىر ھادىسە

2015-07-12 06:19:24 -0400 مەزمۇن تۈرى: مۇھىم خەۋەر
تورپان _ئۈرۈمچى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

2015-07-12

سۈرەتتە: تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا تۇز كۆل ھەق ئېلىش پونكىتىدىن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىككى ماشىنا پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بولدى.
تۈنۈگۈن سائەت 4 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا تۇز كۆل ھەق ئېلىش پونكىتىدىن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر ئېغىر تىپلىق يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا ئۇيقۇسى كېلىپ ئاران قالغان، ئۇ خۇددىنى بىلمىگەن ھالدا تۇيۇقسىز ئالدىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋە جىددى تورموزلىغان بولسىمۇ ئۈلگىرەلمىگەن. نەتىجىدە ئەڭ ئاخىرىدا تۇرغان بىر كىچىك ماشىنىنى سوققان، كىچىك ماشىنىنىڭ ماي باكىدىن ماي ئېقىپ ئاخىرىدا ئوت كەتكەن، كىچىك ماشىنىدىكى بىر ئەر ۋە ئۇنىڭ بىر جۈپ قىز-ئوغۇللىرىمۇ قازا قىلغان.

تۈنۈگۈن ئاپتۇنۇم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك يول تارماق ئەترىتى ئۇلانباي چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى مۇنداق دېدى:"بىز نەق مەيدانغا يىتىپ بارغان ۋاقىتتا ئوت كۈچى بەك كۈچلۈك، كىچىك ماشىنا پۈتۈنلەي ئوت ئىچىدە قاپتۇ، يۈك ماشىنا ئۈستىگە بېسىلغان پاختىلارغىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ كېتىپتۇ، يۈك ماشىنا شوپۇرى بولسا شۇ يەردە بېشىنى قاشلاپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىز ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ماشىنىلارنى توسۇپ، قاتناشنى تەرتىپكە سالدۇق، ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇردۇق."
ئىگىلىنىشىچە، كىچىك ماشىنىدا تۆت ئادەم بار بولۇپ، شوپۇر يارلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، ماشىنىدا يەنە بىر ئائىلىنىڭ ئۈچ ئەزاسى قامىلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن. ئاخىرىدا ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كىچىك ماشىنا ئىچىدىن كۆيۈپ قازا قىلغان بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەر ۋە ئۇنىڭ بىر جۈپ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ جەسىتىنى تارتىپ چىقارغان.

ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدا تۇرۇشلۇق بولۇپ، قىزى 16 ياش، ئوغلى 10 ياش ئىكەن. يارلانغان شوپۇر ئۇلارنىڭ تۇغقىنى ئىكەن. بالىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەرچە بىر ئائىلە كىشىلىرى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئانا يۇرتى خوتەنگە قاراپ يولغا چىققان ئىكەن.
يۈك ماشىنا شوپۇرى رېن فامىلىلىك ساقچىلارغا مۇنداق دېدى، مەن كۈيتۈندىن پاختا بېسىپ خېنەنگە قاراپ ماڭغان، غەربتىن شەرققە قاراپ مېڭىپ نەق شۇ يەرگە كەلگەندە ئالدىمدىكى كىچىك ماشىنىنى سوقۇپ سالدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيقۇم كېلىپ مۈگدەك قالغانلىقىمغا ئىقرار، ئۇندىن باشقا ئالدىمدىكى ماشىنىغا بەكلا يېقىن مېڭىپتىمەن، شۇڭلاشقا كىچىك ماشىنىنىڭ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختىغىنىنى كۆرگەندە تورمۇز تۇتۇشقا ئۈلگىرەلمەي قالدىم."
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كىچىك ماشىنا ئارقىدىن سوقۇلغاندىن كېيىن ئالدىغا 10 نەچچە مېتىر سۈرۈلگەن ۋە ئالدىدىكى يەنە بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلغان، دەل مۇشۇ جەرياندا كىچىك ماشىنىغا ئوت كەتكەن.

رېن فامىلىلىك شوپۇرنىڭ دېيىشىچە، دەسلەپتە ئوت ئانچە ئۇلۇغ ئەمەس ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسى بىلەن كىچىك ماشىنا شوپۇرىنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى كىسىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، كېيىن تۇيۇقسىزلا كىچىك ماشىنا "بوڭ" قىلىپلا پارتلاپ كەتكەن، ئوتمۇ ئۇلغۇيۇپ كەتكەن، ئۇلار باشقا كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغان. ئوت كېيىن يۈك ماشىنىسىغىمۇ تۇتاشقان. ئۇ دادىسى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان، يولدىكى كىشىلەرمۇ ياردەملەشكەن، بىراق ئوت يەنىلا ئۇلۇغ كۆيۈشكە باشلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى سەھەردە ئالدى تەرەپتىن ئۈچ كىلومېتىر ئارلىقتا بىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، شۇڭلاشقا ئارقىدىكى ماشىنىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەتكەن.
ساقچىلارنىڭ ئۇقتۇرىشىچە، يۈك ماشىنىسى شوپۇرى چارچاپ ماشىنا ھەيدىگەندىن باشقا يەنە خاتا ھالدا يول ئىگىلەپ ماشىنا ھەيدەش نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈت ئىكەن. بۇنىڭغا ئائىت ئىشلارنى رېن فامىلىلىك شوپۇرمۇ ئىقرار قىلغان.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى