شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ 2016-06-04

2016-06-03 19:42:06 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ 2016-06-04


ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋاتىدۇ. مەسىلەن: يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلار ئۆز مەيلىچە پۇل خەجلەۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل، شۆھرەتپەرەسلىك ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ 3–يىللىقىدا ئوقۇيدىغان قىز ئوقۇغۇچى توردا مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز ئېلىپ، ئالما تېلېفونى سېتىۋالغان، بۇ ئىشتىن باشقىلار خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ‹‹ئۇ بايۋەچچە ئىكەن›› دېگەن گەپ–سۆزلەر ساۋاقداشلارنىڭ ئۈندىدار چەمبىرىكىدە تارقالغان. بۇنداق ئالدىن ئىستېمال قىلىش روشەنكى مودا قوغلىشىش ۋە كۆز–كۆز قىلىشتۇر. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىستېمالى ‹‹ئوخشاش توپتىكىلەرنىڭ تەسىرىگە›› ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ئەتراپتىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا پەرق بولغاچ، ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەنمەنچىلىك قىلىشىپ، قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى توردا مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋېلىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.
دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىستېمالىدىمۇ تەرەققىيات بولۇپ، ئىستېمال ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىللاشتى. ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزدىكى مۇنتىزىم سودا ئورگانلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەرز ئېلىشىنى چەكلەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ۋە ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ھازىرلىغان ئەھۋالدا ئاندىن قەرز پۇلدىن بەھرىلىنەلەيدۇ.
رەئىسە ئابدۇساتتار

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

قوللىمىسىڭىز بولمايدۇ!

ئىكاس يېزىڭ

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى