شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى شئېرسى

2016-06-23 21:25:21 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

ئۆمۈر مەنزىلى

ئۆمۈر مەنزىلى

(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

 

يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن ،

سۆڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بوپتىكەن .

نە ساۋاب نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا ،

گۇناھىم ھەقدارغا يېتىپ بوپتىكەن.



دوست بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە  ،

ئۇ مېنى ياتلارغا سېتىپ بوپتىكەن .

كۆزلىرىم كور ئىكەن كۆرگىنى قۇرسۇن ،

غەپلەتتە باھارىم كېتىپ بوپتىكەن .



مەن نادان، نادانمەن يىللار ئالدىدا ،

نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئېتىپ بوپتىكەن .

ھوشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم ئەمما ،

كۈن مېنى ساقلىماي پېتىپ بوپتىكەن.



گۈل نىمە؟ نە تىكەن قەدرىنى بىلمەي ،

ياخشىلار مېنىڭدىن كېچىپ بوپتىكەن .

ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قولۇم سۇنغاندا ،

يەتمىدى بەك يىراق كېتىپ بوپتىكەن .



سىرلىرىم بارمىكىن دەپتىمەن ئەسلى ،

سىرىمنى رەقىپلەر ئېچىپ بوپتىكەن .

مەس ئىكەن يۈرەگىم دەرت پۇشايماندىن ،

قەدەھلەر تولدۇرۇپ ئىچىپ بوپتىكەن .



تىلەيمەن بىر تىلەك ھەمدۇساناھدىن ،

ئۇماڭا كۈچ قۇۋەت بەرسە بوپتىكەن .

شۇم بۇيا ،تىكەنزار بولسىمۇ ئىزىم ،

سايلارغا بىر كۆچەت تىكسەم بوپتىكەن

تۇققان

🔴 مەرھۇم بۇ شېئىرنى بەك ئېسىل يېزىپتىكەن - تارقىتىڭ

2016-06-25




تۇققان

(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

 

بىر قورادا بىربۆشۇكتە چوڭ بولدۇق

چوڭ بولغىچە كۆپ ئىشلارنى تەڭ كۆردۇق

ئىشەك مىنىپ جەڭ ئويندۇق بىر چاغلار

دادام ئىشەك بولۇپ بەرسە بىز مىندۇق

 

كونا ئىدى ئولتۇرغان ئۆي بەك سوغاق

بىر يوتقاندا تەڭ ياتقانتۇق يوتقان يوق

ئوماچقىمۇ زار بولغانتۇق بىر چاغلار

باشاقنمۇ تېرگەنتۇق ئاش نان يوق

 

ئىسىڭگە ئال شۇ كۇنلەرنى بىر تۇققان

يەتكەن ئىددى شۇ كۇنلەردە بىر يوتقان

تىزىپ قويدۇم مەن ئۆيۈمگە ئون يوتقان

قۇنالمايدۇ نىچۇن كىلىپ بىر تۇققان

 

پۇل كورگەندە سۇسلاشتمۇ مۇھەببەت

ئانامتىغۇ قىرىنداشنى جەم قىلغان

سەن يوق دەيسەن مەن توقلىقتائوينايمەن

پۇل سورساڭ يوق دەپتمەن بىر تۇققان

 

مەن يىقلسام سەن تاڭسەن ئىڭەكنى

سەندىن ئاياپ نىمە قىلاي ئېشىمنى

سەن ئۆيۈڭدە زاغرا يىسەڭ پۇل يوق دەپ

مەن ئۆيۈمدە قانداق يەيمەن پولۇنى

 

بەخىت كەلسە ساڭا كەلسۇن قىرىنداش

ماڭا بەرسۇن ساڭا بەرگەن جاپانى

نىمە كورسەك تەڭ كۆرەيلى تەڭ يەيلى

قالما ئۇنتۇپ بىر تۇققۇنۇم ئۆيۇمنى

 

مەن ئاغرسام سەن يوقلايسەن بىر تۇققان

مەن ئۆلگەندە سەن كۆمسەن بىر تۇققان

قېرىنداشلىق مېھرى ئۇلۇغ چۇشەندىم

جان بەرسەممۇ ئەرزەر ساڭا بىر تۇققان.






ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ

阅读 2001
微风   祖丽菲亚 ھەقىقەتەن ئسىل شېىرلاركەن!يادلىۋالسام بەك ياخشى بۇلاتتى. 9小时前  24  📖ئاسىگۈل مەرھۇم شائىر تاغىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇمىغانلىرىمىز ئاز!خەلقارادىكىلەرمۇ بۇ ئۆتكۈر يازغۇچىمىزنى بىلىدىكەن!ئەمما بىزلەردىن بىلمەيدىغانلارمۇ بار.بۇ شىئىر ئاجايىپ مەزمۇنلۇق،ئاممىباپ،يۇقىرى سەۋىيىدە يېزىلىپتىكەن.شائىر،ئالىم يازغۇچىمىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز!!! 9小时前  24 DLMURATJAN بەك  ،بەك   ياخشى   يېزىلىپتۇ  👍👍👍👍👍 昨天  19 kuyax rahmat silarga marhumnig yahxi bir xiiri bilan kayta ku ru x ti rgi ni g la r ga 🌹🌹🌹 9小时前  19 北方的狼 nmdgan yahxi yezilgan xer ha est xaermz bak baldur tugapkatti 昨天  15 زاپەر سۇيگۇ bak tohra yezep tu bu xaer  8小时前   想你 مەنسى بەك چوڭقۇركەن ياخشى يىزلىپتۇ 1小时前   پەرىزە مەرھۇم شائىرىمىز بەك ئېسىل يېزىپيۇ 1小时前  
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى