شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ياڭاق مەھسۇلاتى تۈۋەنلەپ كەتسە

2016-07-16 09:03:13 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى

ياڭاق مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇتېمىنى  ئوقۇشتىن بۇرۇن چەمبىرەككە يوللىۋېتىڭ، تېخمۇ كۆپ دېھقانلار نەپ ئالسۇن ! 

نۆۋەتتە  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۆستۈرلىۋاتقان ياڭاق سورتى 20خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ ھازىر بۇنىڭ ئىچىدە تۆت خىل سورىت ئاساسلىقكېڭەيتىلىپ ئۆستۈرلىۋاتىدۇ . ئۇلار جام ياڭىقى ، ئونسۇ ياڭىقى (185مۇ دىيىلىدۇ )،شىنجاڭ مول ھوسۇل ياڭىقى ، شىنجاڭ توقسۇ2-نۇمۇرلاق ياڭىقىدىن ئىبارەت . بۇلارئىچىدە ئونسۇ 185ياڭىقى بىلەن توقسۇ 2-نۇمۇرلىق ياڭىقى پاكار ، زىچ ئۆستۈرۈشكە ،جام ياڭىقى بىلەن شىنجاڭ مول ھوسۇل ياڭىقى ئارىسىغا  زىرائەت كىرىشتۈرۈپ  تېرىشقا ماس كىلىدۇ .

ياڭاق ئىللىق مۇھىتىنى ياخشى كۆردىغان دەرەخ  تۈرى بولۇپ يىللىق ئوتتۇرچەتېمپىراتۇرسى 9-16سېلىتسىيە  گىرادۇسقىچە بولغان ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 38 سېلىتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن25 سېلىتسىيە  گىرادۇستىن يۇقىرى، قىراۋسىز مەزگىلى 180كۈندىنيۇقىرى  جايلاردا   ياخشى ئۆسۈپ مول ھوسۇل  بېرىدۇ .

ياڭاق  يەر ئاستى ئورنى 2مېتىردىن تۆۋەن تۇپرىقى يۇمشاق ، سۇ  چىقىرۋېتىشكە قولاي ، يىنىك دەرىجىدىكى  شورغا  بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ،PHقىممىتى 7.2-5.2كىچەبولغان، تۇپراقتىكى شور مىقدارى 0.25%دىن تۆۋەن بولغان تۇپراقلارغا ماسلىشالايدۇ.شامال ئېغىزىغا ،  بوران چاپقۇن كۆپ بولدىغان جايلارغا  ياڭاق تىكىشتىن ساقلىنىش لازىم .

نۆۋەتتە رايۇنىمىزنىڭ  خوتەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىكى ياڭاقئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان جايلاردا ئوتتۇرا ياشلىق ياڭاق دەرەخلەرنىڭ  ھوسۇلى  تۆۋەنلەپ كېتىش ، ياڭاق سۈپىتى ۋە مېغىزنىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسىللىرى كۆرۈلمەكتە . بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ .

 1.ياڭاق چاتاش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولۇش : ياڭاق مەيلى  ياش كۆچەت مەزگىلى  بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ياش مەزگىلى بولسۇن  چاتاش مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىمىسا ۋەياكى سورتنىڭ ئالاھىكىگە قارىماي قالايمىقان ، ئېغىر پۇتالسا ئوخشاشلا ياڭاقنىڭ مەھسۇلاتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

2. سۇ ئوغۇت يېتەرسىز، ئوغۇتلاش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق . ياڭاق دەرىخى چوڭايغانچە  سۇ ۋە ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ ماڭدىغان بولۇپ كۆپ قسىم دېھقانلىرىمىز بۇنى ئويلاشماي ھەر  يىلى ئوخشاش مىقداردا ئوغۇتلايدۇ .

3.سۈنئى  ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك .

4.كېسەللىك –زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقتىشقا سەل  قاراش

ھەل قىلىش چارىلىرى

1.ياڭاق دەرەخلىرىنى چاتىغانداچوقۇم سورىت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ چاتاش ، بۇ دىگىنىمىز ، ئونسۇ 185ياڭىقى بىلەنتوقسۇ 2-نۇمۇرلىق ياڭىقىغا ئوخشاش  پاكار ،زىچ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان سورتلارنىڭ ئاساسى شاخلىرىنى ئاز ، قوشۇمچە  ، تايانچى شاخلىرىنى  كۈچەيتىپ تەربىيلەپ ئىككى يىللىق ، ئۈچ يىللىق شاخلاردىن مېۋە ئېلىشنى ئاساس قىلىش يازلىق چاتاشنى ئىنچىكە ئېلىپ بېرىپ ، ھارامشاخ ، ئاتلىق چېچەكلىرىنى ۋاقتىدا  چىقىرىپ تاشلاپ ، مېۋە ئېلىش بىلەن ئۆسۈشنىڭ مۇناسىۋتىنى ياخشى تەڭشەش ،  شۇ ئارقىلىق ھوسۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك  .

نىسبەتەن  ئىگىز ئۆسۈرۈلىدىغان  سورتلاغا قارىتا ئاساسى شاخلارنى كۆپرەك قويۇپ ، دەرەخ تاجىنى كەڭرەك قويىۋېتىپ قوشۇمچەشاخ  ۋە يان شاخلارنى مۇۋاپىق كونىتىرۇل قىلىپ ، دەرەخنىڭ ئىچ قسىمىدىمۇ مۇۋاپىق شاخ گۇرۇپىپىسى تەربىيىلەپ ، كۈن نۇرى ، شامال ئۆتۈشۈش  شارائىتىنى ياخشىلاپ ، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئىچى تېىشى، ئاستى –ئۈسىتى ھەممە يېرىدە مېۋىلەشنى قلغا كەلتۈرۈپ  شۇ ئارقىلىق مەھسۇلات  مىقدارىغا  كاپالەتلىك قىلىش كېرەك  .

مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن ياڭاق سورتى بولسۇن يازلىق چاتاشنى ئاساسى ئورۇنغا  قويۇش ، ھەر يىلى مۇۋاپىق يېڭى شاخ قالدۇرۇپ  دەرەخ تاجىنى  چوڭايتىش ، چاتاشنى  ۋاقىتىدا ئېلىپ  بارماي بويىغا  زورلاپ ئۆستۈرۋېتىشىتىن ياكى  قارىغۇلارچە ئېغىر چاتاپ ئۆسۈشنى تەسىرگە ئۇچىرتىشتىن ساقىلىنىش ، ئاساسى شاخ ، تايانچ شاخلارنىڭ  بۇلۇڭ گىرادۇسىنى  مۇۋاپىق  تارتىپ تەڭشەپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

2.ئوغۇتلاش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك . مەيلى قانداق بولسۇن ھەر  يىلى كۈزدە مېۋىسىنى يىغىۋالغان  ھامان ئورگانىك ئوغۇت يەنى ئېغىل قوتان ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ، ئوغۇتنى چوقۇم دۈملەپ ، چىرىتىپ بېرىش ، مىقدارىنىمۇۋاپىق بېرىش ، ئوغۇتلاش ئارلىقنى ، چوڭقۇرلىقىنى ياخشى  ئىگەللەش مۇھىم . ئادەتتە 15-10يىللىق بولغان ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ھەر تۈپىگە 80-50كىلوگىرام ئورگانىك ئوغۇت  بېرىش ، ئارلىقنى دەرەخ  تاجىسىنىڭ دەرەخ غولى بىلەن بولغان  ئارلىقنى ئۆلچەم قىلىپ بېرىش ، چوڭقۇرلۇقىنى 45-20سانتىمىتىرقىلىپ  ، چۆنەك يېرىپ ياكى  نۇرسىمان   شەكىلدە كولاپ ئوغۇت بېرىش كېرەك .

ئۇندىن باشقا چېچەكتىن بۇرۇن ئازۇتلۇق ئوغۇتنى قوشومچە ئوغۇت  قىلىپبىرىش ،  15-10يىللىق بولغان ياڭاقدەرەخلىرىنىڭ ھەر تۈپىگە 800-500گىرامغىچە ئۇرىيە ئوغۇتى بېرىش ، 6-ئاينىڭ باش-ئوتتۇرلىرى  700-400 گىرامغىچەفوسفۇرلۇق  ئوغۇت  بېرىش ، 6-ئاينىڭ ئاخىرى 7-ئاينىڭ باشلىرى ھەرتۈپكە  500-300 بىرىكمە ئوغۇت بېرىلىسە ۋەئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق كۆپەيتىپ بېرىلسە بولىدۇ . شۇڭا ئوغۇت بەرگەندە قارىغۇلارچە بەرمەسلىك، ئوغۇت قۇرۇلىمىسىنى مۇۋاپىق بېرىش ، قايسى چاغدا قانداق  ئوغۇت بېرىمىز ، قانچىلىك بېرىمىز دىگەن مەسلىنى ئوبدان ھەل قىلىش لازىم . ياڭاققا بېرىلگەن  ئورگانىك ئوغۇت مىقدارى يىتەرلىك بولغاندا  ،قوشۇمچە ئوغۇتلاش ئۇسۇلى توغرا ۋە ۋاقتىدا بولغاندىلا ياڭاقنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخىشلىنىپ ، مېغىز  نىسبىتى ئاشىدۇ .

3 . ياڭاقنىڭ چېچەك مەزگىلىدە سۈنئى ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ياخشى ئىشلەپ مېۋە تۇتۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك .

4.ئەڭ ئاخرىقى مۇھم مەسىللەرنىڭ بىرىسى ياڭاقىنىڭ كېسەللىك ھاشارەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقتىش بولۇپ ئاساسلىق كېسەللىكىلىرىدىن قوۋزاق چىرىش كېسىلى ، شاخ  قۇرۇش كېسىلى ، ياڭاق كۆيدۈرگە كېسىلى بار .زىيانداش ھاشارەتلىردىن ياڭاق پەرۋانىسى ، باھار ماڭدامچى قۇرۇتى ، قىزىل ئۆمۈچۈك،قاسىراقلىق قۇرۇت قاتارلىقلار بولۇپ ، باغ پەرۋىشىدە  باغنى ھەر زامان  كۆزۈتۈپ تۇرۇش، ھەر بىر شاخ ، يوپۇرماقلاردىكى  ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىپ يۇقارقى  كېسەللىك ، زىيانداش  ھاشارەتلىرىنىڭ  ئالدىنى ئېلىپ يوقتىشقا تەييار تۇرۇش ،بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھوسۇلنىڭ كەملەپ كېتىشى ۋە سۈپەتنىڭ  تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش  كېرەك . ھەر يىلى ئەتىيازداھاك –گۈڭگۈرىت  بېرىكىمىسىنى چېچشىنى  ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ،  مېۋىسىنى يىغىۋالغاندىن كىينىكى  باغىنىڭ  تازلىقىنى ياخشى قىلىش ، دەرەخ غولىنى ياخشىئاسىراش ،  كېسەللەنگەن  شاخ ۋە تۈپلەرنى ۋاقتدا بىر تەرەپ  قىلىش ، باغىنىڭ  كۈن نۇرى ۋە شامال ئۆتۈشىش شارائىتىنى ياخشىلاش ، كونا چىتىلارنى  يوقىتىش ، ئادەم كۈچى بىلەنن يوقتىش بىلەن فىزىكلىق ، خېمىيىلىك يوقتىش ئۇسۇللىرىىنى تەڭ قوللىنىش ، ھاشارەت يوقاتقۇچى  چىراقلارنى ئورنتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك .


يەر ئاستى  زىيانداش ھاشارەتلىرنى يوقىتىش ئۇسۇلى 

بۇتېمىنى  ئوقۇشتىن بۇرۇن چەمبىرەككە يوللىۋېتىڭ، تېخمۇ كۆپ دېھقانلار نەپ ئالسۇن ! 

بىر قسىم  دېھقانلار    تۇپراقتىكى  يەر ئاستى ھاشارەتلىرىنى يوقىتىشىتا قىيىنىلىۋاتقانلىقىنى  ، تېرىغان زىرائەتلىرنى قۇرۇت كېىسىپ  پەقەت  قويمايۋاتقانلىقنى  ئىنكاس قىلدى .  تۇپراق  ھاشارەتلىرنىڭ كۆپيىيىپ  كىتىشىدىكى  سەۋەبلەر بىرىنچىدىن ئالدىنقى  يىللىرى شۇ خىل ھاشارەتىنى يوقتىش تەدبىرلىرىنى  ياخىشى ئىشلەنمىگەنلىكىتىن ،ئىككىنچىدىن  بىر خىل زىرائەت تەكرارتېرلىغانلىقتىن ، ئۈچىنىچىسى  توڭ ياتقۇزۇش، يەرنى  ئاپتاپلتىش  قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ  ياخىشى ئىشلەنمىگەنلىكتىن  كىلىپ  چىقىدۇ .

 تۆۋەندىكى  ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يەرئاسىتى ھاشارەتىلىرىنى  يۇقاتقىلى بولىدۇ .

تېرىقچىلىق تۈزىمىنىئوزگەرتىش:   شارائىتى بار ئورۇنلار قۇرغاق يەرگە تېرىلىدىغانزىرائەتلەر بىلەن سۇلۇق يەرگە تېرىلىدىغان زىرائەتلەرنى نۇۋەتلەشتۇرۇپ تېرىسا. ھاشارەتلەرنىڭ زىچلىغى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ.زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ

يەرنى كۈزدە ئاغدۇرۇپ قىشلىق توڭياتقۇزۇش:  بۇ ئارقىلىق قىشلايدىغان قۇرت ھالىتىنى ۋە كېيىنكىيىلى پەيدا بولىدىغان ھاشارەت مەنبەسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئەڭ ياخشى ئۇنۇم بېرىدۇ .

 ئاپتاپقا قاقلاش ،يازلىق يىغىمدىن كىيىن تۇپراقنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ ئاپتاپقا  قاقلاش ئارقلىقمۇ تۇپراقتىكى ھاشارەتلەرنىيوقاتقىلى بولىدۇ .

تېرىش مەزگىلىنى تەڭشەش: ئەتىيازدا زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق بالدۇر تېرىغاندا. زىيان سېلىش دەرىجىسىنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا. زىرائەتلەرنى سۇلياۋ يۇپۇق يىپىپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىقمۇ مايسا مەزگىلىدىكى ھاشارەت زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ

ئېتىزلاردىكى ئوت-چۇپلەرنى ۋاقتىدا. پاكىز ئوتاش:  يەر يولۋىسى. لويلا. يۇگىمەچئۇت. قۇشقاچتىلئوتى.  كېۋەز ئانىسى قاتارلىق ئوت - چۇپلەرگە ۋە مايسا ئۈستىگە تۇخۇم سېلىشنى ياخشى كۇرىدۇ. شۇڭا ئېتىزلىقتىكى ئوت - چۇپلەرنى ئوتاش. مايسا بىكىتىشنى بالدۇر ئېلىپ بارغاندا. يەر يولۋىسىنىڭ تۇخۇم سېلىشىنى ئازايتىپ. زىياننى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوتاشنى يەر يولۋىسى تۇىۇم سېلىشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىش ۋەئوتالغان ئوت-چۇپلەرنى ئېتىز سىرتىغا ئاچىقىپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم

ئالداپ يوقىتىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىش:  يەر يولۋىسى يەنە كۇنجۇت. بەسەي. كىۋەز ئانىسى قاتارلىقلارغاتۇخۇم سېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا. زىرائەت تېرىلغان ئېتىزنىڭ ئەتراپىغائۇلاردىن ئازراق تېرېپ. تۇخۇم سېلىش يۇقۇرى پەللىگە چىققاندا  يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق زىياننى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ. بەسەي ئېتىزىغا كۇنجۇت. لازا تېرىپ.پەمىدۇر ئېتىزىغا بەسەي تېرىپ يەر يولۋىسىنى تۇخۇم سېلىشقا جەلىپ قىلىپ ئالداپ توپلاپ يوقىتىشقا بولىدۇ

سۇغىرىش ئارقىلىق تۇنجۇقتۇرۇپ يوقىتىش:  كۆكتات.كۆممىقوناق ۋە ئېڭىز قونىقىنى مايسا مەزگىلىدە. يەريولۋىسى. سىم قۇرت لىچىنكىلىرىنىڭ زىچلىقى كۆپ بولغان ھەمدە توپىنىڭ ئاستىغاكىرىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا. يەرنى سۇغا باستۇرۇپ سۇغۇرغاندا لىچىنكىلارنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.  يازغى بۇغداي ۋە كۈزگى بۇغداينىڭ مايسا مەزگىلىدىمۇ بۇئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ .

ئۇندىن باشقا فوكسىم(辛硫磷)قاتارلىق خېمىيىلىك  دورىلار بىلەن زەھەرلىك توپا  ياساپ چېچىش ئارقلىقمۇ  تۇپراقتىكى ھاشارەتلەرنى  يوقاتقىلى بولىدۇ . ئۇندىنباشقا ھاشارەت يوقاتقۇچى  دورىلار  بىلەنمۇ زەھەرلىك  توپا ياساش مۇمكىن   بولۇپ بىز پەقەت بۇ يەرنى بىر خىلىنى مىسال قىلدۇق .

زھەرلىك توپا ياساش ئۇسۇلى 50%لىكفۇكسىمدىن 500گىرامنى 500گىرام  سۇغائارلاشتۇرۇپ ، ئۇنى 150كىلوگىرام  قۇمساڭغۇ تۇپىغا ئارلاشتۇرۇپ ، يەرنى ھەيدەشتىن بۇرۇن ھەر مو  يەرگە 20-15كىلوگىرام ئەتىراپىدا چاچىمىز ، ياكى يەرگە بېرىدىغان ئورگانىك ئوغۇتقا ئارلاشتۇرۇپ بېرىمىز( ئۇندىن باشقا ھاشارەت يوقاتقۇچى  دورىلار  بىلەنمۇ زەھەرلىك  توپا ياساش مۇمكىن  ) بولۇپ بىز پەقەت بۇ يەرنى بىر خىلىنى مىسال قىلدۇق .   بۇ  ئۇسۇلىنى يۇقارقى  ئۇسۇللارنىڭ ھېچقايسسى  كار  قىلمىغاندا ئىشلتىش ، ئامال بار ئازئىشلتىپ  تۇپراق ۋە مۇھىت بولغىنىشنىڭئالدىنى ئېلىش، يەر ئاستىدىكى  پايدىلىق كۈشەندە  ھاشارەتلەرنىمۇ بىراقلايوقتىۋېتىشىتىن ساقلىنىش  كېرەك .  


خەلىققە ئەمىلىي نەپ يەتكۈزىغان ، رايۇنىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ، شۇڭا قورقماي  ، ئىككلەنمەي تارقىتىڭ ، ئەڭ دېھقانلىرىمىز  نەپ ئالسۇن













تەۋسيە قىپ قۇيۇڭ ئ‍استىنقى كودنى س👇👇ىكانىرلاڭ

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى