شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

يار ئ‍ىلغىساڭ يارسىز قالسەن

2016-07-31 03:29:40 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

يار ئ‍ىلغىساڭ يارسىز قالسەن

ئايال ئېرىدىن سوراپتۇ: - نېمىشقا ماڭا ھەر قاچان شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز، خاتالىقىم – كەمچىلىكىم يوقمۇ؟ يولدىشى شۇنداق دەپتۇ: - تويدىن ئىلگىرى ئاتامدىن: «ئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىڭلارنى كۆرمىدىم، مەنمۇ شۇنداق ئۆتەلەرمەنمۇ؟» دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: «ئايالىڭنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئەيىبلەپ يۈرمە،ئۇنى ئۇرۇپ تىللاپ قايىل قىلما، ئۇ ئېغىزىدىلا قايىل بولىدۇ. ئۇنى سۆيۈپ ھـۆرمەتلەپ قايىل قىل ئۇ چىن يۈرىكىدىن قايىل بولىدۇ. چۈنكى شۇنچە گۈزەل قىز قىسمەن كەمچىلىكلىرى بولغاچقىلا، سىنى تاللاپ ساڭا تەگمەكچى، ئاناڭمۇ شۇنداق بولغان . .
ئايال توي قىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنىدە پولو ئېتىپتۇ، ئەمما ئاشقا ئىس ئۆتۈپ قاپتۇ. ئېرى ئۆيگە كىرىپلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپتۇ - دە، ئايالىنى باغرىغا چىڭ بېسىۋاپتۇ.
- نېمە قىلىۋاتىسىز؟ ئادەمنىڭ خۇيى تۇتۇپ تۇرغاندا، - دەپتۇ ئايال. - ھا ... ھا ... خاتىرە كۈنى دېگەن مۇنداق بولمامدۇ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكىدەك پولو ئېتىپسەن، شۇڭا سېنى كېلىنچەكتەك قۇچاقلىۋالغۇم كەلدى، - دەپتۇ ئەر. ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تاراملاپدۇ. . ‏نان ئىلغىساڭ نانسىز قالۇرسەن، ‏
نام قوغلاشساڭ نامسىز قالۇرسەن .
رىزقىڭ بىلەن ياشا كەپتىرىم ، ‏
دان ئىزدىسەڭ دانسىز قالۇرسەن .
كۆكلەتمەيدۇ ھېچكىمنى كىبىر ، ‏
تاغ بولساڭمۇ دەپ بىلگىن ئېدىر .
ئادەمدۇرسەن ئەمەسسەن خىزىر ، ‏
يار ئىلغىساڭ يارسىز قالۇرسەن .
راس ھەقىقەت!
مەزمۇن تەمىلىگۈچى: ئ‍اسىيە خانىم
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى