شوخ ناخشا بېسىڭ |
|
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ
TEL:13779765476
يىگىتىڭىز پۇل خەجلەپ بەرسە
2016-08-12 21:12:37 -0400 مەزمۇن تۈرى:
ئەدەبىي ھىكايە شئېر
يىگىتىڭىز پۇل خەجلەپ بەرسە
يىگىتىڭىز پۇل خەجلەپ بەرس
پۇل خەجلەشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى قۇيۇق بولىدۇ. قىزلار مۇھەببەتلەشكەندە يىگىتلەرنىڭ «قولى ئۇچۇق»لۇقىغا قاراپ باھا بېرىشنى ئاساس قىلىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئەمەلىيەت شۇنداق بولامدۇ-يوق؟ قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ بېقىڭ:
مۇھەببەتلىشىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى: بۇ مەزگىلىدە سىزگە پۇل خەجلەپ بېرىشنى خالىمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىز بىلەن داۋاملىق تەرەققىي قىلىشنى ئويلىمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،چۈنكى ئۇ سىزنى مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزگىل يىگىتلەرنىڭ مەردلىكىنى نامايەن قىلىدىغان مەزگىل، ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادىمىگە يولۇقسا، ھەرقانچە كۆزى كىچىك يىگىت بولسىمۇ مەردلىشىپ كېتىدۇ.
مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى: يىگىتىڭىز بۇ مەزگىلدە يەنىلا سىزگە پۇل خەجلەپ بېرىشنى خالىمىسا، ئۇنىڭ مىجەزىنى تۇنۇپ يەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق يىگىتلەر ئۆز بايلىقىدىن سۆيگىنى بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز ئۆز ئالدىڭىزغا كەسپىڭىز، ئىگىلىكىڭىز بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك، بولمىسا، ئۇ بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىدىيۇ، سىزگە خەجلەپ بېرىشتىن قاچىدۇ.
مۇھەببەتلىشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى: يىگىتلەر بۇ مەزگىلدە سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەپ بېرىشتىن باش تارتسا، توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.ئۇنىڭچە ئەمدى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا توي توغرىسىدا سۆز ئاچسىڭىز، پىكرىڭىزگە قارشى تۇرۇشى ناتايىن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆيى ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، سىرتتىكىلەردىن ئايايدىغان ئەرلەر ئۆيىنى سۆيىدۇ، بىراق سىرتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا پۇل خەجلەشكە ئايانمايدىغان، بىراق قېيىنئاتا-قېيىنئاپىسىغا پۇل خەجلەشنى خالىمايدىغان ئەرلەر شەخسىيەتچى كېلىدۇ، بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ كەسپىڭىزنى تاشلىماڭ. لايغەزەل ئەرلەردىن يىراق تۇرۇڭ، ئۇلار بايلىقىڭىزنى ئاتىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش، ئىقتىساد قىلىش ئېڭى يوق،ئۆزىنى چەكلەش ئېڭىمۇ يوق.
مەنبە:
http://www.uzzar.cn/asar/view.php?mid=522
بۇ ئىلان ئۇرنى
سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home
يىڭىلىقلار
| ئەگىشىش
|
باشقۇرۇش
|
ياردەم
|
EN