شوخ ناخشا بېسىڭ |
|
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ
TEL:13779765476
يېنىڭىزدا بارنى قەدىرلەڭ
2016-08-20 13:36:33 -0400 مەزمۇن تۈرى:
ئەدەبىي ھىكايە شئېر
يېنىڭىزدا بارنى قەدىرلەڭ دوستۇم
ماقالە
مېنىڭ بۇرۇن بىر نوكيا ماركىلىق تېلېفونۇم بار ئىدى بىر كۈنى تېلېفون بازىرىغا بېرىپ بىر ئىكرانلىق ئەقلىي يانفونغا، كۆزۈم چۈشتى شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالدىم ئۇنى سېتىۋالغان چېغىمدا شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ۋە
ھېلىقى نوكيا ماركىلىق، تېلېفونۇمنى قولۇمغا ئالدىمدە ئۇنىڭغا قاراپ دېدىم : سەن مېنىڭ بۇ ئەقلىي يانفۇنۇمنىڭ ئالدىدا قانچىلىك تىڭ ، سېنىڭ ئۇنىڭدەك ئىقتىدارىڭ يوق ، سەن ئۇنىڭدەك كۆركەم ھەم چىرايلىقمۇ ئەمەس ئەمدى سېنىڭ كېرىكىڭ يوق ماڭا مۇشۇ ئەقلى يانفونۇم بولسىلا بولدى. دەپ ئۇنى ئىشكابىنىڭ تارتمىسىغا تاشلاپ قويىدۇم ئەمما ئۇ سەت بولغىنى بىلەن توكى شۇنداق ئۇزۇن يېتەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن، تېخى يېڭىلا سېتىۋالغان ئەقلىي يانفۇنۇمنىڭ، ئىقتىدارلىرىدىن بەھىرلەنگەچ ئۇنىڭدا نۇرغۇن سۈرەتلەرگە چۈشتۈم. ھەم شۇنداق چىرايلىق مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. يەنە تېخى ئۇنىڭدا ئويۇنچۇقلارنى ئوينىدىم ئىشقىلىپ شۇنداق خۇشال بولدۇم شۇنىڭ بىلەن بىردەمدىلا ئۇنىڭ تۇكى تۈگەپ كۆزىنى يۇمۇپ مەندىن ۋاقىتلىق خوشلاشتى مەن ئۇنى توكقا چېتىپ قويدۇم ۋە قايغۇ ئىچىدە ئۇنىڭ تېزراق زەرەتلىنىپ بولۇشىنى كۈتتۈم بىراق ئۇ ئۇنداق ئاسان زەرەتلىنىپ بولىدىغاندەك قىلمايتتى ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتتى ئۇ ئاخىرى زەرەتلىنىپ بولدى مەن شۇنداق خۇش بولدۇم مەن ئەنە شۇنداق بىردەم خوش بولدۇم بىردەم قايغۇردۇم كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتتى . ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مېنىڭ مەن ئامراق بولۇپ سېتىۋالغان ئاشۇ ئەقلى يانفونۇمغا پۇل توشىمايدىغان بولۇپ قالدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە توكىمۇ ئۇزۇن يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى نەگىلا باسام توك قاچىلايدىغان يەنى ئىزدەيدىغان بوپقالدىم ئەسلى ئۇنىڭ مېنى شۇنداق خوش قىلالىشى مېنىڭ يانچوقۇمدىكى پۇلدىن ئىكەن . ئۇنىڭ تۇكىنىڭ ئۇزاق يەتمەسلىكى ئىختىدارىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن ئىكەن كېيىن ئۇ بىر قېتىم قولۇمدىن يەرگەچۈشۈپ كېتىپ ئېكران چېقىلىپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا بارا قېتىۋالىدىغان ھەم توكى ئۇزۇن يەتمەيدىغان بوپقالدى مەن يا بىرسى تېلېفون بېرەلمىدىم يا رەسىملەرگە چۈشەممىدىم كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى شۇ چاغدا دەرھال ھېلىقى مەن سېنىڭ بۇنىڭدەك ئىقتىدارىڭ يوق ھەم چىرايلىق ئەمەس دەپ تاشلىۋەتكەن نوكيا ماركىلىق كۇنۇپكىلىق تېلېفونۇم يادىمغا كەلدىدە دەرھال ئىشكاپىمنىڭ تارتمىسى ئېچىپ مەن ياراتماي تاشلىۋەتكەن ھېلىقى تېلېفونۇمنى قولۇمغا ئالدىم ئەمما ئۇ ئاللىقاچان مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى ئۇ نىڭ باتارىيىسى كاردىن چىققان ۋە باتارىيەدىن چىققان خېمىيىۋىلىك زەھەر ئۇنىڭ دىتال ياپراقچىلىرىنى چىرىتىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن ئىكەن ئەمدى ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەستە ھەي كاشكى ئۇ سەت بولغىنى بىلەن مېنى قايغۇغا سالمىغانتىغۇ ، مەن قاچان تېلېفون بېرىمەن دېسەم ئۇ شۇ ھامان تەييار تىغۇ ، تۇكىمۇ ئاسان تۈگەپ قالمايتتىغۇ ، قوللىرىمدىن چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايتتىغۇ ، ئېغىر كۈنلەردە قالغىنىمدا ئۇ تاغلىقلارنى تاغ دىمەي ، باغلارنى باغ دىمەي ، ئۆيلەنى ئۆڭكۈر دىمەي ، سىگنالى يوقاپ كەتمەيتتىغۇ ، قانداق چاغدا تېلېفون بېرەي دېسەم بېرەلەيتتىمغۇ . ئەمدىچۇ …… مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ .
شۇڭا دوستۇم بارنى قەدىرلەڭ.
بەخت بايلىقتىن ئەمەس
بايلىق بەختتىن كىلىدۇ .
سىز بەختلىك بولسىڭىزلا ئەنە شۇ بايلىق ……
يارىڭىز نامرات بولسىمۇ سىزنى خۇشال قىلالىسا ئەنەشۇ بەخىت.
نامرات بولسىمۇ سىزنى خۇشال قىلالىغاننى سۈيۈڭ .
باي بولسىمۇ سىزنى ئۈستۈن كۆگەننى سۈيۈڭ .
ئاپتورى : رۇستەمى( داستان)
بۇنىڭدىكى ( مەن ) مەن ئەمەس
__________ئالتۇن ئېلان ______________
مېيشاۋ تور دۇكىنغا خېردار چاقىرمىز ، تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاستىدىكى ئىكلىك كودنى سىكاننىرلاپ كىرىڭ ،
بۇ ئىلان ئۇرنى
سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
hal at 2016-08-24 03:51:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home
يىڭىلىقلار
| ئەگىشىش
|
باشقۇرۇش
|
ياردەم
|
EN