شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئايەملىك سالام

2016-09-10 20:19:39 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.
ئەتە قۇربان ھېيت ھارپىسى، كىچىكتىن تارتىپ چوڭغىچە ئالەمچە خۇشاللىققا تەڭ جۆر بولىدىغان، بىر – بېرىمىزگە بولغان غەم-قايغۇ، ئۆچ-ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ ھاياتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل مىلودىيەلىرىنى يەنە قايتىدىن باشلايدىغان بىر كۈندۇر، قۇربان ھېيتىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مۇشۇنداق تەرىپلىسەك ھەرگىز ئاشۇرىۋەتكەن بولمايتتۇق، لىكىن بۇ تەرىپلەشلىرىمىز ھازىرقى زامانىمىزدا پەقەت دوستلار چەمبىرىكى، ھەرخىل تاراتقۇلاردىلا بولۇۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، شۇڭا كەمىنىنىڭ قەلىمى بولدى قىل دىسىمۇ ئۇنىماي بۇ ئۇلۇغ ھېيتىمىز توغرۇلۇق ئازراق بايانلىرىمنى يىېزىشقا قىستىدى.
ئەمدى نەق گەپكە كېلەي. ھېيت ھەقىقەتەن ئۇلۇغدۇر، چوڭ ئانام، چوڭ داداملارنىڭ دەپ بەرگەن، مەندىن بۇرۇنقى ھېيتلىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۆتكۈزگەن ھېيتلىرىمنى ئەسلەپ، ئۇشبۇ زامانىمىزدىكى ھېيت بىلەن خىلى يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەسلى ساپ ئۆرپ-ئادەتلىرى بار ۋاقىتلاردا ھېيت شۇنداق قىززىپ كېتەتتىكەنكى بىر ئايغىچە تۈگىمەيدىكەنتۇق.
ھېيتتىن ئاۋۋال زاكاتلارنى تولۇق ئايرىپ ھەممە كىشىلەرنىڭ ھېيتىنى ئورتاق خۇشال ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە يەتكۈزەتتىكەن، ھېيتلار شۇنداق بەرىكەتلىك، ھەر بىر كۈن شۇنداق خۇشال-خوراملىق ئىچىدە ئۆتەتتىكەنتۇق.
ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا جامائەتنىڭ ھەممىسى مەھەللە بويىچە ھەر-بىر ئائىلىلەرگە بىر-بىرلەپ ھېيتلاپ كېرەتتىكەن، ھېيتنى قېيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتقانلرىنىمۇ تەرەپ-تەرەپتىن ھېيتلىق ئاتىغانلىرىنى بېرىپ ھېيت قاينىمىغا بىللە ئېلىپ كىرەتتىكەن، يوللاردا ناتونۇشلار ئۇچرىسىمۇ چىرايلىق تەبەسسۇملۇق سالاملىرى بىلەن « بۇ دىگەن ھېيت» دىگىنىچە زورلاپ باشلاپ كېرىپ بولغىچە قۇربانلىق گۆشلىرىنى قازانغا تاشلاپ گۆش پىشىپ بولغۇچە بىر مەھەل پاراڭلىشىپ تونۇشۇپ قېرىنداشلارچە ئۇزىتىدىكەنتۇق.
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىچۇ؟ زامان ۋە ماكانىمىزنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تەرەققىي قىلدى دەۋاتىمىز ھەم شۇنداق، تەرەققىياتنى قوللاش كېرەك.
لىكىن، زامان-ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزمۇ بىللە تەرەققىي قىلىپ كېتىپ بېرىۋاتامدۇتاڭ ياكى تەرەققىي قىلىپ كەتكەن سەۋىيەلىرىمىز ئارتىپ كەتكەنلىكىدىن مۇشۇ خىل كاتىگورىيەگە چۈشۈرۈپ قويدىمۇ بىلمىدىم، ھېيتلىرىمىز خۇددى بىر خىل غەربچە تاماقخانىغا كېرىپ بىر ۋاخ تاماق يەپ چىققاندەك شۇنچىلىك سوغۇق، مىھېر-مۇھەببەتلەر شۇنچە سۇلغۇن، ھېيت خۇددى ھېيت ئەمەس بىراۋنىڭ نامىزىغا بېرىپ كەلگەن كىشىلەردەك شۇنچە چۈشكۈن.
ئۇلۇغ ھېيت بىزدىن، بىر-بېرىمىزگە كەيگەن كىيىملىرىمىزنى، ھەيدىگەن ماشىنىلىرىمىزنى ۋە باشقىدۇر داملاشقا دوقال بولغانكى ماددىي بۇيۇملىرىمىزنى كۆز-كۆز قىلىشنى تەلەپ قىلامدۇ؟
بىر-بېرىمىزنى تونۇيلى ياكى تونىمايلى « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ھېيتلاپ كېتىڭ» تەبەسسۇم بىلەن ئېيتقان بۇ سۆزنىڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىگە قانچىلىك ئېللىق، مەمنۇنلۇق، ھېيتلارچە خۇشاللىق تۇيغۇ بېرىدىغانلىقىنى تەخسىرلىرىمىزمۇ ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ، ئەلۋەتتە.
دۇنيادا نۇرغۇن بايراملار بار ئاشۇ بايراملارنىڭ ئەسلىي ماھىيتى، ئاساسىي مەخسىتى زادى نىمىدۇ؟
بىكاردىن-بىكار، ئىچى پۇشقانلىقتىن ئورۇنلاشقانمىدۇ؟
يېغىنچاقلىغاندا شۇ بايراملارنىڭ ئاساسىي مەخسىتى شۇكى، شۇ بايرامغا چېتىشلىق ئۆرپ-ئادەت ۋەياكى شۇكۈننى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئىنسانلارنىڭ ئېناق-ئىجىل، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتۈپ، خۇشاللىقلاردىن تەڭ ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، تەڭ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ھاياتنىڭ رەڭدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ۋە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى داۋامى ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈشتۇر خالاس.


«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى