شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئېغىزنى ياخشى باشقۇرۇش ئەڭ چوڭ ساۋاب ئىش

2017-03-05 05:33:47 -0500 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

ئېغىزنى ياخشى باشقۇرۇش ئەڭ چوڭ ساۋاب ئىش

ئېغىزنى ياخشى باشقۇرۇش ئەڭ چوڭ ساۋاب ئىش


بىرىنچى ھېكايە
جىيەنىم بۇ يىل 8 ياشقا كىردى. ئۇ 4 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، سوت مەھكىمىسى بېقىش ھوقۇقىنى ئانىسىغا بەردى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جىيەنىمنىڭ ئانىسى ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن شېنجېنغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، جىيەنىمنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ قوپۇشلىرىنى چوڭ ئانىسى ئۈستىگە ئالدى.
تۈنۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، مەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تورت دۇكىنىغا بېرىپ تورت سېتىۋالدىم ھەمدە ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇنىڭغا ئاتاپ سېتىۋالغان سوۋغاتنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە باردىم.
بىز كۆرۈشكەندىن كېيىن جىيەنىم خۇشاللىقىدا قىن-قىنىغا پاتماي شىرەدىكى قورۇمىلارنى چاينىماي يۇتۇشقا باشلىدى، ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ قورۇمىلارنىڭ يېقىندىن بۇيان يېگەن ئەڭ مەززىلىك بىر ۋاق تامىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن جىيەنىم ياتاق ئۆيىگە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە ناھايىتى خۇش بولدۇم، گەرچە بالىلىق مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسى يېنىدا ھەمراھ بولمىسىمۇ بەختىگە يارىشا ئۇ غەيرەت قىلىپ ياخشى ئۆگىنىۋاتاتتى.
تەخمىنەن بىر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ بىردەم ئارام ئالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنى ئېلىپ پەسكە چۈشۈپ مەھەللە باغچىسىدا ئايلاندىم.
كۈزنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كەچتىكى شامال يول بويىدىكى يوپۇرماقلارنى ئۇچۇرتۇپ يۈرەتتى، مەن قولۇمنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ باغچە ئىچىدە ئايلانغاچ ئۇنىڭ مەكتەپتىكى بىر قىزىق ھېكايىسىنى ئاڭلىدىم.
ئەمدى ئىككى مەيدان ئايلىنىپ بولۇشىمىزغا يول بويىدا بىر ھەدىمىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ يېشى جىيەنىم بىلەن تەڭ بىر بالا بىلەن ئايلىنىۋاتاتتى، جىيەنىم ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھېلىقى بالىغا سالام قىلماقچى بولۇۋىدى، يېنىدىكى ھەدىمىز ئاۋۋال غۇدۇراشقا باشلىدى:
«ھەي تۇرۇپ تۇر، سەن ھېلىقى ئۈستۈنكى قەۋەتتە تۇرىدىغان بالىغۇ، ئاڭلىسام داداڭ سېنى تاشلىۋېتىپتۇ، ئاپاڭ باشقىلار بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ، ھەي نەس باسقان بالا، قارىغىنە ئاتا ئاناڭنىڭ ئەخلاقى نېمىشقا بۇنداق ناچار...»
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جىيەنىمنىڭ كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش ئېقىشقا باشلىدى، ئۇ مۇشتىنى چىڭ تۈگكىنىچە ئۆز ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى.
مەن بىر تەرەپتىن قەغەز قولياغلىق ئېلىپ ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتسەم يەنە بىر تەرەپتىن كەسكىن ھالدا ھېلىقى ھەدىمىزگە جاۋاب قايتۇردۇم :«ھەممە ئىشقا ئارلىشىۋالماڭ، ھەم باشقىلارغا قالايمىقان ئازار بەرمەڭ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنىڭ ياخشى يامانلىقى كۆڭلىمىزدە ئېنىق، بۇنى باھالايدىغانغا سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق».
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن مەن جىيەنىمگە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يولدىن چىققان ئەسكى ئىشلارنى قىلمىغانلىقىنى، پەقەت بىر بىرىگە ئۇنچە ماس كەلمىگەنلىكىنى، سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ قالايمىقان گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىقىنى، كېيىنكى قېتىم ئۇنى ئېلىپ تاماق يېيىشكە ئاپىرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
جىيەنىم بېشىنى لىڭشىتىپ ئۆزىگە ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ داۋاملىق بايا ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشكە باشلىدى.
ئۇ قانچە جىمىپ كەتكەنسېرى مېنىڭ شۇنچە ئىچىم سېرىلاتتى.
سەككىز ياشلىق بالىنى دېمەي تۇرايلى، جاھاندارچىلىق قىلغىلى ئۇزۇن بولغان چوڭلارمۇ ھېلىقىدەك زەھەردىن ئاچچىق گەپلەرنى ئاڭلىسا بەدىنىدە تارتۇق قالمىسىمۇ كۆڭلىدە چىقىرىۋېتەلمەيدىغان ئىز قالىدۇ.
ياخشى گەپ قەلبىنى ئىللىتىدۇ، يامان گەپ قەلبىنى ئاغرىتىدۇ. ھېلىقى ئاغزىدىن زەھەرخەندە گەپلىرى ئۈزۈلمەيدىغان، گەپ قىلغاندا ھېچنېمىدىن ئەيمەنمەيدىغان كىشىلەر كۆرۈنمەيدىغان پىچاق بىلەن نەچچىلىگەن ھاياتلىققا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ.

ئىككىنچى ھېكايە
مەن كىچىكىمدە ناھايىتى ئىچ مىجەز بالا بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى كۆرگىنىمدە ئەركىلەپ تۇرۇپ ئۇلارنى تاغا، ھامما دەپ چاقىرىشقىمۇ پېتىنالمايتتىم، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىلەن بولغان ۋاقتىمدىمۇ ئەزەلدىن تونۇمايدىغان كىشىلەرگە بىر ئېغىز گەپنى كۆپ قىلمايتتىم.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىچ مىجەز كىشىلەر ئاسان زىيان تارتىدۇ دېيىشەتتى، ماڭا نىسبەتەن زىيان تارتىشتىنمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى ئاسانلا باشقىلارنىڭ تىل ھۇجۇمىغا ئۇچرايتتىم.
ئادەتتە كىچىك بالىلار ھېيت-بايرام ئۆتكۈزۈشكە ئەڭ ئامراق، شاد-خۇراملىق ئىچىدە باشقىلار ھەمراھ بولىدىغان تۇيغۇنى نۇرغۇنلىغان بالىلار ياقتۇرىدۇ. ئەمما كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان بايرام مېنى ناھايىتى ئەندىشە ئىچىدە قوياتتى.
مەن ئىلگىرى دوستۇمدىن بايرامنىڭ نېمىسىنى ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىشىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
راستىنى ئېيتسام شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا ئازراق ھەۋەس قىلدىم، مېنىڭچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى سورىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.
باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى خۇش بولۇشقا ئەرزىگۈدەك ئىش ئەمەسمۇ، بۇنداق ئىشنى مەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئارىسىدا ھېس قىلىپ باقمىغان.
مەن بىر چوڭ ئائىلىدە ياشايمەن، ھەر قېتىم ھېيت بايرامدا 20 نەچچە ئادەم يىغىلىپ تاماق يېيىش ئادەتتىكىدەك ئىش.
تاماق يېسەكقۇ يەيلى، ئەمما مېنىڭ گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان مىجەزىم بىلىپ بىلمەستىنلا ئۇلارنىڭ چاي-پايدىن كېيىن دائىم مۇنازىرە قىلىدىغان پاراڭ نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
«سەن نېمىشقا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايسەن، بۇنداق ئىچ مىجەز بولساڭ بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت گەپ قىلمايدىغان خىزمەت تاپمىساڭ بولمايدۇ».
«باشقىلارنىڭ بالىلىرى شۇنداق شوخ، ساڭا قارىغىنە، قولۇڭنى كۇلۇچتىمۇ ئاچقىلى بولمايدۇ».
مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ مىجەز-خاراكتېرىم ئۈستىدە پاراڭلىشىشىدىن، ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقىمنىڭ ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن قورقىمەن، ئۇلار بىلەن تاماق يېگەندە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەن بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، قاچامدىكى گۈرۈچنى ئاز ئازدىن يۇتۇپلا بولدى قىلىمەن.
ئەگەر مومام تاماق يېگەندە بىللە بولسا باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ، مومام مېنىڭ دۈمبەمنى سىلىغاچ مېنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزگىرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ماڭا تەسەللىي بېرىدۇ، مومام بولمىغان چاغلاردا پۈتۈن دۇنيا قەھرى بىلەن مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
ھازىر مەن ئىنتېرنېت شىركىتىدە بازارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى قىلىپ، ھەر كۈنى ھەر خىل ھەر ياڭزا كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن، مەن ھېلىقى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن بىر ئېغىز كەچۈرۈم سورىماقچى، نېمىلا دېگەن بىلەن مەن گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق خىزمەت ئورنىدا ئىشلىمىدىم.
مەن يەنە ئۆزۈمگە بىر ئېغىز رەھمەت دېمەكچى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ مەسخىرە-چاقچاقلىرى ئارىسىدا ساغلام، قەيسەر چوڭ بولغانلىقىمغا رەھمەت ئېيتماقچى.

ئۈچىنچى ھېكايە
سىز ئوۋچى بىلەن ئېيىقنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باققانمۇ بۇنى بىلمەيمەن.
بىر كۈنى بىر ئوۋچى كىچىك بىر ئېيىقنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ، ئانا ئېيىق بۇنىڭدىن ناھايىتى مىننەتدار بولۇپ ئوۋچىنى مېھمان قىلىپ ئوبدان كۈتۈۋاپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى ئوۋچى مېڭىش ئالدىدا ئانا ئېيىققا :«مەن سىزنىڭ مېنى كۈتۈۋالغانلىقىڭىزدىن ناھايىتى رازى بولدۇم، ئەمما سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى پۇراق بەك سېسىقكەن» دەپتۇ.
ئانا ئېيىق بۇنى ئاڭلاپ تازا خۇش بولمىسىمۇ ئاغزىدا :«ئەمىسە سىزدىن ئەپۇ سورىغان بولاي، پالتا بىلەن بېشىمنى بىرنى ئۇرۇۋېلىڭ» دەپتۇ.
ئوۋچى ئانا ئېيىقنىڭ دېگىنىدەك قىپتۇ.
خېلى ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار قايتا ئۇچرىشىپتۇ. ئوۋچى ئانا ئېيىقتىن ئۇنىڭ يارىسىنى سوراپتۇ. ئانا ئېيىق «مېنىڭ يارام ئاللىقاچان ساقايدى، ئەمما سىزنىڭ ھېلىقى گېپىڭىز قەلبىمنى يارىدار قىلدى، بۇ يارىنى مەڭگۈ ساقايتقىلى بولمايدۇ» دەپتۇ.
شۇنداق، بەدىنىمىزدىكى يارا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، ئەمما تىلدىن تەگكەن يارا بىر ئۆمۈر ئوڭشالماسلىقى مۇمكىن.
ئاچچىق تىل، زەھەردەك سۆزلەر بۇ دۇنيادىكى قان ئاقتۇرماي ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆتكۈر پىچاق.
ئۇ قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى ئەڭ ئاجىز يەرگە تېگىدۇ، جامائەت پىكىرىنىڭ ئېچىتىشى بىلەن ئۆتكۈر پىچاققا ئايلىنىپ سىزگە سانجىلىپ، سىز قاچقۇدەك يەر تاپالمىغۇچە تەرەپ تەرەپتىن يىرتقۇچلارچە سىزگە يېقىنلاپ كېلىدۇ.
بۇ گەپلەرنى دېيىشكە بەلكىم نەچچە ئون سېكۇنتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ زىيىنىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

تۆتىنچى ھېكايە
يېقىندا چياۋ رېنلياڭ ئالەمدىن ئۆتتى، بەزىلەر ھەر قايسى چوڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنگەن كىشىلەرنىڭ ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇدا نەچچە قېتىم مىكرو بىلوگ يوللاپ ئۇنى تىللاپ ئازار بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قاتىللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر قولىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى تېپىپ چىقتى، نېمە دېگەن ھەجۋىي كۆرۈنۈشلەر بۇ.
قاراڭ، ئېغىزىنى ياخشى باشقۇرالمىسا ھەقىقەتەن بىر ئادەمنى ۋەيران قىلىۋېتىدىكەن.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نوچىلىقى چاغلىق، ئۇلارنىڭ چاندۇرۇپ قويىدىغان يەرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئۇلار قەستەن باشقىلارنىڭ يېغىرىغا تېگىپ باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشقا ئامراق.
ئۇلار بۇ ئادەم بەك سېمىزكەن دېمىسە ئۇ ئادەم بەك ئورۇقكەن دېيىشىدۇ، خۇددى جاھاندا پەقەت ئۆزىلا ھەممە كىشى ياقتۇرىدىغان، ئۇرۇق-سېمىزلىكى مۇۋاپىق، ئەيىب-نۇقسانسىز كىشىدەك.
بۇنداق كىشىلەر بىلەن كارىڭىز بولۇپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسا ئۇلار سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى، مەسىلىڭىزنى تېپىۋالدىم دەپ «غېرىچقا ئېرىشىپ غۇلاچقا تىكىلىپتۇ» دېگەندەك تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بولدى قىلمايدۇ.
ئەمما راست گەپنى ئېيتساق ئۇلارغا نېمە بوپتۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن قۇسۇر تاپقۇچە ئۆزىڭىز يېتەرلىك ياخشى قىلالىدىڭىزمۇ، بۇنى ئويلاپ بېقىڭ!

بەشىنچى ھېكايە
بەزىلەر گەپكە ئۇستا بولۇش بەك مۇھىم دەيدۇ، مەن بۇنىڭغا قوشۇلىمەن.
ئەمما سىز گەپ قىلماسلىق كېرەك بولغان چاغدا ئاغزىڭىزنى يۇمۇشنىڭ بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى قىلغان ئەڭ چوڭ ساۋاب ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
سىزنىڭ مەڭگۈ ئاچچىق تىل، زەھەردەك سۆزلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىڭىزنى، شۇنداقلا يەنە سىزنىڭمۇ سۆز-چۆچەك، پىتنە-ئىغۋا بىلەن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

w
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
ئىزدەن (@izden) | @ at 2017-05-06 03:32:
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بلۇگداش ياخشىمۇسىز
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى