شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئاجىرشىش دەرجىسىگە بېرىپ قالغانلارغا تەغدىم

2018-04-14 13:38:47 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ئاجرىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئائىلىلەرگە تەقدىم
原创 2018-04-14

nur nur

نىكاھ تۇرمۇشىدا، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بىر قائىدە شۇكى، ھەرگىز خاتا يولغا كىرىپ قالماڭ.
بۇ بىر ھەقىقىي بولغان ۋەقە، نىكاھ تۇرمۇشىدىن زېرىككەن ياكى مەنىسىز ھېس قىلىپ قالغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇ يىلى ئايالى سىرتتا بىر ئەرنى ئۇچرىتىپ قالدى، بۇ ئاتالمىش يات جىنسلىق دوست ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ ئەر ئايالنىڭ ئاشنىسى بولۇپ قالغىلى تاس قالدى. ئۇ ئەر قىززىقچى، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئەرلەردىن ئىدى.
بەلكىم ئۇ ئەرنىڭ نىكاھى بەكلا مەنىسىز، ئايالنىڭ نىكاھى بولسا زېرىكىشلىك بولسا كېرەك، ئىشقىلىپ بۇ ئەر ئۇنىڭغا نۇرغۇن يېڭىچە تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى، قايتىدىن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىدىكى قايناق ھېسسىياتلارغا تولغاندەك بولۇپ قالدى. ئۆتكەن نەچچە يىلدا، ئۇ كۈنلەپ ئۆيدىن سىرتقا چىقماي كىرىسلودا ياتاتتى، بىرەر كۈن تاماق يېمەيتتى.

بۇ ئەرگە يولۇققاندىن كېيىن ئۇ ئۆزگەردى، ھەتتا ئېرىمۇ ئۇنىڭدىن: «سىرتتا سىزگە مەپتۇن بولۇپ قالغان بىرەرىنى ئۇچرىتىپ قالدىڭىزمۇ؟» دەپ سوردى.
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ، «شۇنداق» دېدى.
يولدىشى ناھايىتى تېزلا: «ياخشى بوپتۇ، ئەمما مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ قويۇشقا دىققەت قىلارسىز» دېدى.
بۇ قانداقمۇ بىر ئەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپ بولسۇن.
ئايالى ھەيران بولغان ھالدا: «قانداق ساقلاپ قالىمەن، سىز بىلەن ئاجرىشىشقىچە تەرەققىي قىلسا بولامدۇ؟» دەپ سورىدى.
يولدىشى: ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا مەنمۇ سىزگە بۇ قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرمايتتىم.
كەينىدىن يولدىشى يەنە «نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىزنىڭكىگە ئوخشاش، مانا بۇ نىكاھ. ئەگەر ئەر-ئايال ئىككەيلەن دائىم قايناق ھېسسىياتقا تولۇپ تۇرسا، ئادەم چارچىمامدۇ؟ ئىككى ئادەم شۇنچە تونۇش بولۇپ كەتكەن تۇرسا، يەنە قايناق ھېسسىيات بولارمۇ؟ شۇڭا بىزنىڭ نىكاھىمىزدا مەسىلە يوق، پەقەت كىشىلەرنىڭ نىكاھقا بولغان قارىشىدا مەسىلە بار، پىشىپ يېتىلمىگەن خالاس. ھازىر سىز يولۇققان بۇ ئەر سىزگە يېڭىچە تۇيغۇلارنى ئاتا قىپتۇ، سىز شۇڭا سىز ئۇنى ياخشىدەك، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلدىڭىز.» دەپ قوشۇپ قويدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
-خاتا! ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز، نەچچە يىلدىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ بۈگۈنىنىڭ دەل ئىككىڭلارنىڭ ئەتىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، ھەتتا بىزنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىمىزچىلىكمۇ بولالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئىككىمىز تونۇشقاندىن بېرى، بىر-بىرىمىزدىن سىر يوشۇرمىدۇق، بالىلىق بولدۇق، بىرلىكتە ئۆي سېتىۋالدۇق، بىرلىكتە ئۆي سەرەملاشتۇردۇق، بىرلىكتە تاپقان پۇلىمىزنىڭ ھەممىسىنى بالىمىز ۋە ئائىلىمىز ئۈچۈن ئىشلەتتۇق. ئەمما ئىككىڭلارچۇ؟ باشتىلا ئىككى ئائىلىنىڭ ئادىمى، ئۇنىڭ قىزى بار، سىزنىڭ ئوغلىڭىز بار، ھەر ئىككىڭلار پايدا-مەنپەئەتىڭلارنى ئويلىشىسىلەر، قانداقلا بولسىمۇ ئادىل بولمىغاندەك ھېس قىلىسىلەر. قايناق ھېسسىيات بار ۋاقىتتا ھەممىلا ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما قاتناق ھېسسىياتلار قالمىغاندىچۇ؟ ۋاقتى كەلگەندە، پۇشايمان قىلىسىز! ئەمما سىز يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتسەم بەختلىك بولىمەن دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىڭ.
يولدىشىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن كېيىن، ئۇ شېرىن چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدى. نېمىشقىكىن، ئۇ تۇيۇقسىز يولدىشىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاجرىشىشنى قايتا تىلغا ئالمىدى.

نىكاھ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مەنىسىز بولىدۇ، ئۇ بىر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، رومانتىكلىقنى زىيادە قوغلىشىش، ئاچكۆزلۈك. ئاچكۆز بولغانچە، ئادەم قۇسۇرچى بولۇپ كېتىدۇ، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن قۇسۇر ئىزدىگەندىن كېيىن، بۇ نىكاھ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشالمايدۇ. شۇڭا نىكاھىڭىزغا ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن، مەسىلە كۆرۈلسە ئەقىل-پاراسىتىڭىز بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭ.
نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ، ئەسلى تۇرمۇشنىڭ ئىزىدىن چىقىپ كېتىدۇ-دە، ئەسلىدىكى مەسئۇلىيەتتىن چەتنەپ كېتىدۇ. مەنچە بۇ دەل كۆپ قىسىم كىشىلەر نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۇچرايدىغان مەسىلە، شۇڭا كۆز ئالدىڭىزدىكى ئادەمنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

留言
*********************
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى