شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەم بار

2019-03-11 04:32:25 -0400 مەزمۇن تۈرى:

قۇللاپ قۇيۇڭ نادىر مەزمۇنلار ئۆزلۈكسىز چىقىشى ئۈچۈن

«دۇنيادا پەقەت ئىككىلا خىل ئادەم ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى قاراپ تۇرغۇچى (تاماشىبىن)، يەنە بىرى ھەرىكەتلەنگۈچى.» نۇرغۇن ئادەملەر بۇدۇنيانى (رېئاللىقنى) ئۆزگەرتمەكچى بولىشىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن بىرەرى ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى ئويلاشمايدۇ. ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەركىم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇش كېرەك.
ھاياتىمىزدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۆزىمىزنى توغرا تونۇشتىن باشلانسا، مەغلۇبىيەتلەر خاتا تونۇشنىڭ نەتىجىسى.
راۋان ياشاش ئۈچۈن جەمئىيەتكە ماسلىشىمىز، ئېرىشىپ ياشاش ئۈچۈن ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانى ئەمەس ، دۇنيانىڭ بىرئەزاسى بولغان ئۆزىمىزنى پائال ئۆزگەرتىمىز.
ھاياتنىڭ تەرتىپى دەل ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن تۇيغۇسىدىكى تەرتىپسىزلىك بولسا كېرەك. ئەينەكسىمان خارەكتىردىكى ئادەملەر بۇنداق يۈزلىنشىكە بەرداشلىق بىرەلمىگەندە : زادى نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟- دەپ زارلىنىدۇ.
جاۋاب شۇكى : چۈنكى بۇ ھاياتتا، ھېچقانداق ھەقىقى مۇقۇملۇق بولمايدۇ، شۇڭا دائىم جاننىڭ راھىىتىنى قوغلىشش ھۇرۇنلۇق قىلىش، خاتىرىجەملىك ئىزدەش ـــــــ ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان ياشاش ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىقتىسادشۇناس جورج سوروس (George Soros) مۇنداق بىرگەپنى قىلىدۇ : سىزنىڭ يىتەرلىك ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىڭىز، سىزنىڭ ئاتالمىش قائىدىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە كارغا كەلمەس نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىغان –قىلالمىغانلىقىڭىزغا باغلىق.
شۇنداق، ئىزچىل ئۆزگىرىشلەرگە تولغان ئىجدىمائىي مۇھىتتا مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتىراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتتا راستىنلا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز، ئىتىراپ قىلىشمىز ، مۇھىمى ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىش، قانداق ئۇيغۇنلىشىش ھەققىدە ئويلىنشىمىز كېرەك.
كىشلەر دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ بىرئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇنداق تەجىرىبە ئىشلەپ كۆرگەن :
دېڭىز تاشپاقىسى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملۇققا تۇخۇملاپ، ئاندىن ئۇنى كۆمۈپ قويۇپ كېتىدىغان بولۇپ، كىچىك تاشپاقىلار تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ،ساھىلدىكى ئاينۇرىغا ئاساسەن دېڭىز تەرەپكە قاراپ مېڭىشىدىكەن. كېيىن، بۇنىڭغا قىزىققان بەزى كىشلەر، دېڭىز تاشپاقىسى توپلاشقان دېڭىز ساھىلىگە توك تارتىپ، چىراق نۇرى ئارقىلىق كىچىك تاشپاقىلارنىڭ دېڭىزغا قايتىشىغا جەڭ ئېلان قىلغان. نەتىجىدە تاشپاقىچاقلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە يەنى ئاينۇرىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك يورۇقلۇق تەرەپكە قاراپ مېڭىشقان.
بەلكىم مەن ۋە سىزدىكى كونا تەپەككۈر ئەندىزىلىرى توغرا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن توغرا بولۇشلا ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىشتىن توختاپ قالغان كىشلەر –دۇنيا تەرىپىدىن شاللىنشىقا باشلىغىلى نەۋاق، پەقەت بىز ھازىرغىچە مۆكۈنۈپ يۈردۇق خالاس.
شۇتاپتا بىر مەزگىل دۇنيا يانفۇن ساھەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان نوكىيا ۋەيران بولۇش ھارپىسىدا، شىركەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ :« بىز خاتا قىلمىدۇق، ئەمما يېڭىلدۇق!» دېگەن سۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئويلاپ قالدىم. بۇ سۆز ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرگەن.
ئەپلاتۇن بىركۈنى شاگىرتلىرىغا : مەن تاغنى يۆتكىۋىتەلەيمەن دەپتىكەن، شاگىرتلىرى بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇستازىنىڭ تاغ يۆتكەش ھۆنىرىنى ئۆزلىرىگىمۇ ئۆگىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىشىپتۇ. ئەپلاتون كۈلۈپ كېتىپ، ئۇلارغا شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ :
- بۇ بەك ئاددىي. تاغ جايىدا تۇرىۋىرىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتىمەن.
شۇنداق، سىز تاغدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا ئەسلىدە ئالدىڭىزدا تۇرغان ئۇ تاغ، ھامان ئارقىڭىزدا قالىدۇ.
ئاخىرىدا كىتاب ئىشكابىمغا چاپلاپ قويۇلغان جالالىددىن رۇمىينىڭ ماۋۇ بىرجۈملىسىنى سوۋغات قىلاي :
«تۈنۈگۈنكى مەن ئەقىللىق ئىدىم، دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىلا ئويلايتىم، بۈگۈنكى مەن پاراسەتلىك بولدۇم، شۇڭا ئۆزۇمنى ئۆزگەرتىش كۇيىدامەن.
*********************
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى