شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئاق كۆڭۈللۈك -جەلپكار ئايال بۇلۇشنىڭ ئاساسى

2019-07-03 02:57:36 -0400 مەزمۇن تۈرى:
ئاق كۆڭۈللۈك ــ جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى

بىزدە، ئايال كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدە. ئاق كۆڭۈللۈك جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى دەيدىغان قاراش بار. ئويلاپ بېقىڭ، بىر ئايال كىشىنىڭ ئىچى تار، كۆڭلى قارا بولسا، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئەر كىشى ئۇنى ئۇزاققىچە قوغلىشىشى ناتايىن. گەرچە ئەرلەر دەسلەپتە ئۇ ئايالنى جان تىكىپ قوغلىشىشى مۇمكىن، بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇ ئايالنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى قوغلىشىشتىن ۋاز كېچىدۇ.

ئەگەر بىر ئەر بىر ئاق كۆڭۈل ئايال بىلەن ئارىلىشىپ قالسا، ئەر كىشىنڭ ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلىدۇ، بۇ ئايالغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا مۇھەببەتتىن باشقا، يەنە ھۆرمەت ھېسىياتىمۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق ئاستىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇرلۇشۇپ بارىدۇ.



ئاق كۆڭۈللۈك ئاساسلىقى ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىشتا ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بىز دائىم كوچىلاردا بەزى ئاياللارنىڭ، قېرى، ئاجىز، مېيىپ كىشىلەرنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا دەرھال بېرىپ ئۇلارنى يۆلىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. داڭلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدىغان خاراكتېرىنى بايقايمىز. ئاق كۆڭۈل ئايال ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىشتا باشقىلارنى ئويلايدۇ.

سىرىتتا تىجارەت قىلىپ ئۆي تۇتۇپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئەر تۇيۇقسىز يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋاپتۇ. خەتتە:«كەلكۈن كېلىپ ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى، ھېلىمۇ ياخشى سەن ئەۋەتكەن پۇل بىلەن ئۆينى قايتىدىن سېلىۋالدۇق، بالام، رەھمەت ساڭا» دېيىلگەنىكەن. بۇ خەتنى كۆرۈپ ئەر گاڭگىراپ قاپتۇ، ئۇ يۇرتىدا ئاپەت بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، پۇلمۇ ئەۋەتمىگەنكەن. ئۇ ئايالىدىن سورىغاندا، ئايالى: «خەتنى مەن تاپشۇرۋالغان، پۇلنىمۇ مەن ئەۋەتكەن، سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپتۇ. ئايالىنىڭ بۇ ھەركىتى يولدىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپتۇ. بۇنداق ياخشى ئايالىم تۇرسا، مەن نېمىدىن غەم قىلىمەن؟ ئۇ كۆڭلىدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كۆيۇمچان ئايالىمنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەيمەن، دەپ قەسەم بېرىپتۇ.



دېمەك، ئاق كۆڭۈللۈك-جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى. سىزدە پەقەت بىر ئاق كۆڭۈل يۈرەك بولدىكەن، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭىز، ئائىلە مۇناسىۋىتىڭىز، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىزمۇ كۆپ بولىدۇ، يولدىشىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە، بالىلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە، دوستلىرىڭىزنىڭ غەمخورلۇقىغا ئىرىشىسىز. بۇنداق ئايال بەخىتلىك ھەم نازاكەتلىككە تولغان بولىدۇ.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2019-07-03 03:08:
ئىنكاس رايونى
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى