شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

گەپ تاپتۇق كىملەر ئۈستىدىن

2019-11-27 11:34:26 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
گەپ تاپتۇق ……
مۇھەممەتجان راشىدىن…

كىمنىڭ ئىشى قولايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق،
كىملەردە بار پۇل بايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
يارالغانمۇ بۇ ئالەم سەتلەر بىلەن يوقسۇلغا،
كىمنىڭ قىزى چىرايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.

زارلىنىمىز ئالەمدىن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،
بولدى كىملەر ئۆي-جايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
تەمتىرەيمىز تۇرمۇشنىڭ ئاچىلىدا ھەر سەھەر،
كىمگە نېسىپ ئاسانلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.

پېتىشمايمىز قوشنىلار نىزا تېرىپ ئۆز-ئارا،
كىملەرگە يار ئامانلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
ئاز سۆزلىگەن مۆرىمەس،چىقىشقاقلار تەخسىكەش.
قىلسا بىرى مەدداھلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.

پاكىزلىرى ياسانچۇق،مەينەتلىرى قارانچۇق،
كىمنىڭ چېچى مايلاقلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
يەرگە باققان يەر باقتى،كۆككە باققان ھاڭۋاقتى،
كىملەرگە يار سالماقلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.

دوستى كۆپنىڭ پوستى كۆپ،تەنھالارنى ساراڭ دەپ،
گۇناھمۇ تۇل،بويتاقلىق، ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
يوقتۇر قىلماس گېپىمىز،چالمايدىغان دېپىمىز،
كىملەردە بار ئورتاقلىق، ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
گەپ تاپمايلى گەپ تاپتۇق،گەپتىن قانچە نەپ تاپتۇق.
ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق،بۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق...[咖啡][咖啡][玫瑰][玫瑰]
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى