شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئەجىر-مېھنەت قىلساڭ مېھمان بولىسەن

2019-12-10 04:49:38 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
بىر يوقسۇل بۇۋاي بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى تىكىۋاتسا پادىشاھ كۆرۈپ سوراپتۇ :
بۇۋاي بۇ ئەنجۇرنىڭ مىۋىسىگە ئېغىز تىگەلەرسىزمۇ ؟
بۇۋاي : كۆچەت مىۋە بەرگۈچە ئۆلۈپ كەتسەم باللىرىم شەربىتىدىن زوق ئالار، قوشنىلار ھۇزۇرلىنار، كۆرگەنلەر ئىلھام ئېلىپ كۈچەت تىكەر دەپتۇ :
پادىشاھ مەنمۇ ئەنجۈرنى ياخشى كۆرمەن ئەگەر سىز مۇشۇ ئەنجۈرنىڭ مىۋىسىگە ئېغىز تىگەلىسىڭىز ماڭىمۇ ئۆزقۇلىڭىز بىلەن يەتكۈزۈڭ دەپ قۇيۇپ كىتىپ قاپتۇ .
ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئۇ ئەنجۈر غۇچچىدە مىۋە بىرىپتۇ دە بۇۋاي بىر سېۋەت ئەنجۈرنى ئېلىپ ئوردىغا ئېلىپ بېرىپ پادىشاھقا بېرىپتۇ . پادىشاھ خوش بۇلۇپ سىۋەتتىكى ئەنجۈر ئورنىغا بىر سېۋەت ئالتۇن ھەدىيە قىلىپتۇ .
بۇنى كۆرگەن چاكارلار پادىشاھقا بۇنچۇۋۇلا قىلىشقا ئەرزىمەيتتى دىيشىپتۇ .
پادىشاھ ئۆز ئەمگىكى بىلەن مىۋە يارىتىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرگەنلەرنى تارتۇقلىمىساق بولمايدۇ بۇنى بىلگەن خەلىقمۇ ئارقا ئارقىدىن مىۋە تىكىشەمدۇ تېخى دەپتۇ .
چاكار دەرھال ئۆيگە قايتىپ خوتۇنىغا پادىشاھ ئەنجۈرگە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىر سېۋەت ئەنجۈر ئېلىپ بارسا بىر سېۋەت ئالتۇننى ياق دىمەي بېرۋېتىدىغىننى دەپتۇ دە ،
بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولغان خوتۇن بازاردىن چىرايلىق ئەنجۈرلەرنى سىۋەتكە تىزىپ پادىشاھ ھۇزۇرىغا بېرىپ بىر سېۋەت ئالتۇن تەلەپ قىلىپ تۇرۋاپتۇ .
پادىشاھ غەزەپلىنىپ ئۇ خوتۇننى ئون دەرە ئۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ :
ئۇ يوقسۇلنىڭ ئەنجۈرنىڭ قىممىتى باھادا ئەمەس ئۇنۇڭغا سىڭدۈرگەن ، ئەجرىدە مىھىردە .
سېنىڭ بولسا تاما ۋە ھىيلىگەرلىك ھەم مىنى دۆت چاغلىغىنىڭ دەپتۇ .

ئېلان بەرمەكچى بولغانلار بۇ ئۈندارنى قېتىڭلار

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى