شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

گەپنى ئاز قىلىڭ، مېغىزلىق قىلىڭ

2020-01-20 08:00:33 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
گەپنى ئاز قىلىش ساز قىلىش كېرەك. ئەپلاتوننىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: «ئاقىللارنىڭ ئېھتىياجى بولغاچقا گەپ قىلىدۇ؛ ئەخمەق كىشى مەقسەت- مۇددىئاسىزلا گەپ قىلىدۇ.» توغرا، ھەممە ئادەم گەپ قىلىشنى بىلىدۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەم قانداق گەپنى دېيىش، قانداق گەپنى دېمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلىشى ناياتىن. ئەمەلىيەتتە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىشمۇ بىر خىل پەزىلەت.

ئىلگىرى ناھايىتى كوت- كوت بىر خىزمەتدىشىم بار ئىدى، كىچىككىنە ئىشنىمۇ ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى سوراپلا قويسام، تاغدىن ـ باغدىن سۆزلەپ زادى گەپنىڭ نېگىزىنى قىلمايتتى؛ ئىش ئورنىمدا جىددىي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتساممۇ يېنىمدا ئۇياقتىن ـ بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، بىردەم نېمە ئىش بىلەن ئالدىراشلىقىمنى سورىسا، بىردەم يېگەن چۈشلۈك تامىقىنىڭ بەك تەمسىزلىكىنى ئېيتىپ قاقشايتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن خىزمەت توغرىسىدا پاراڭلاشسام جوبىستىن تارتىپ كونوسۇكى ماتسوشىتاغىچە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئاقىلانە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى، قىسقىسى «كاللا دېسەم پاقالچاق» دەيتتى.

گەپنى جىق قىلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇقى قۇرۇق گەپنى جىق قىلىش. بۇنداق كىشىلەر ھەم ئۆزىنىڭ زېھنىي كۈچىنى خورىتىدۇ، ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ. ھەقىقىي ئاقىللار گەپنى كىسىپ، دەل جايىغا تەگكۈزۈپ قىلىدۇ. ئۇلار يوشۇرۇپ، گەپنى ئەگىتىپ دېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئىش بولسا ئۇدۇللا دەيدۇ، ئەھمىيەتسىز گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاسانلىقچە پىكىر بايان قىلمايدۇ، لېكىن پىكىر بايان قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ۋەزىنلىك گەپ قىلىدۇ.

سۆزنىڭ قىممىتى كۆپلىكىدە ئەمەس، مېغىزلىق بولۇشتا. قۇشقاچلار ئەتىدىن كەچكىچە سايرىسىمۇ، خوراز بىر قېتىم چىللىغانغا يەتمەيدۇ. مەنىسىز قۇرۇق گەپلەرنى قىلغاندىن كۆرە، كۆڭلىڭىزنى توختىتىپ ئىشىڭىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىڭ، جايىدا، ئورۇنلۇق گەپ قىلىشنى بىلىڭ.

سېسىق گەپ قىلماسلىق بىر خىل پەزىلەت.

ئەتراپىڭىزدا مۇنداق كىشىلەر بار بولىشى مۇمكىن، ئۇلار زەھەردىنمۇ ئاچچىق گەپ قىلىپ «مىجەزىم تۈز» دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئاچچىقلانسىڭىز سىزنى ئۇششۇق دەيدۇ. «سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى» دېگەندەك، بىر ئېغىز سېسىق گەپ قارىماققا ئەرزىمەس نەرسىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بەزىدە نەشتەردەك سانجىلىدۇ، يېنىك بولغاندا ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سېسىق گەپ قىزىقچىلىق ئەمەس، تۈزلۈكمۇ ئەمەس، بەلكى تەربىيە كۆرمىگەنلىك.

«تارىخىي خاتىرىلەر»دە مۇنداق بىر ئىش ھېكايەت قىلىنغان: «يۈز جىڭ ئالتۇندىن جى بۇنىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەن ئەلا». بۇ ھېكايىدە سۆزلەنگىنى جى بۇ ئىسىملىك بىر ئادەم بار بولۇپ، ئۇ دېگەن ۋەدىسىدىن يانمايدىكەن، باشقىلارغا ماقۇل بولغان ئىشىنى مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم قىلىپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ۋەدىسى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر جى بۇغا ئوخشاش ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى.

سورۇنلاردا دائىم «قانداق ياردەم كېرەك بولسا تارتىنماي دەڭ» دەپ مەمەدانلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز. ئەمما ئۇنىڭغا مۇھتاج بولۇپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورىسىڭىز، لەۋزىدىن يېنىۋېلىپ سىزگە قۇرۇق ئىمزەك سالىدۇ. يەنە بەزىلەرگە ياردەم قىلسىڭىز سىزگە ئايرىم رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ-يۇ، ھېچنىمە كۆرمىگەندەك يوقاپ كېتىدۇ.

بۇلار قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھامىنى بىر ئادەمنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ھىسابلىنىدۇ. ئالدىراپ ۋەدە بەرمەسلىك، قالايمىقان پو ئاتماسلىق ھەم باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك، ھەم ئۆزىنىڭ ئىززەت- ئابرويىنى ساقلىغانلىقتۇر. چۈنكى بەرگەن ۋەدىڭىز، سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىم كارتىڭىز.

كىچىك ئىشلار ئۈستىدە تالاش ـ تارتىش قىلماسلىق كەڭ قورساقلىقنىڭ ئىپادىسى.

تۇرمۇشىمىزدا ئەھمىيەتسىز جېدەللەردىن خالىي بولالمايمىز، ئۇششاق- چۈششەك تالاش- تارتىشلار ئادەمنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يۈز بەرگەن ئىش ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئىدى، مۇلازىمەتچى بىر تەخسە مېۋە ئەكىلىپ بەردى، بىرەيلەن بۇنى ئۈزۈم دېۋىدى، يەنە بىرەيلەن دەرھال سەكرەپ تۇرۇپ بۇنى تىزى دەپ تۇرىۋالدى. ئۇلار بىر- بىرىگە تەن بەرمەي ئۇ بىر ئېغىز بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، تالاش ـ تارتىش قىلىشتىن ئاخىرى قارشى تەرەپنىڭ نادانلىقىنى مەسخىرە قىلىشقا ئۆتتى، يىغىلىش كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك يىغىلىپ تاماق يېگەندە بۇ ئىككىيلەننى چاقىرمايدىغان بولدى.

ئىچى تار، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا ئويلايدىغان كىشىلەر باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئۇلار بىر قېتىملىق يېڭىش- يېڭىلىشنى دەپ، نۇقۇتتەك كىچىك ئىشلارنىمۇ زىغىرلايدۇ. ئۆزىنىڭ توغرا بولسا باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى ھەرگىز ئۆكۈزىۋەتمەيدۇ، توغرا بولمىسىمۇ خۇپسەنلىك قىلىپ قائىدە سۆزلەيدۇ. بىكاردىن ـ بىكار باشقىلارنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىدۇ.

لىنكولىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان ھەرقانداق ئادەم ئەھمىيەتسىز تالاش ـ تارتىشقا ئەسلا ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمايدۇ. تالاش ـ تارتىشنىڭ نەتىجىسى ئاچچىقلىنىش، ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق بىلەن ئاياغلىشىدۇ، ئاقىۋېتى ياخشى بولمايدۇ. قۇدۇق پاقىسى دېڭىزنى چۈشەنمەيدۇ. دۇنيا قارىشىڭىز ئوخشىمىغان كىشىلەر بىلەن گەپ تالاشماڭ، ئۆزىڭىزنى خورىتىپ، قارشى تەرەپكە ئەزۋەيلەيدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئەرزىمەس بىر ئىش.

ئىچ سىرىنى ئاچماسلىق ئاقىلانىلىك.

بەزىلەرنىڭ دائىم «كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەك تەسكەن، ئادەم بولماق ئاسان ئەمەسكەن» دەپ خۇرسىنغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمەن. نەۋرە سىڭلىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر خىزمەتدىشى بىلەن بىللە تاماق يەپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ بەك يېقىن بولۇپ كېتىپتۇ. نەۋرە سىڭلىم خىزمەتدىشىنى ئاچىسىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، ئىچ سىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ. ئۆزىنىڭ غېمى، رەھبەر، خىزمەتداشلىرىغا بولغان قاراشلىرى دېگەندەك گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن خىزمەتدىشى بۇ گەپلەرنى ئېقىتماي، تېمىتماي ھەتتا كۆپتۈرۈپ باشقىلارغا دوكلات قىلىپتۇ.

رەھبەرلەر تۇيۇقسىز نەۋرە سىڭلىمغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا باشلاپتۇ، خىزمەتداشلىرىمۇ دائىم دېگۈدەك ئەيىبلەپتۇ. نەۋرە سىڭلىم ئاخىرى چىداپ تۇرالماي ئىستېپا بېرىپتۇ. كىشىنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كۆپ قىسىم ماجىرالار دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان گەپلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىشى ناتايىن، ھەممىلا ئادەمنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلىشى ناتايىن. كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرنى پەقەت ئىشەنچلىك يېقىنلىرىڭىزغىلا ئېيتىڭ، بۇ بىر خىل ئاقىلانىلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولغىنىڭىز.

گەپ قىلىشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت، ئۇ بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئەقىللىق ئادەم ئويلاپ سۆزلەيدۇ، ئورۇنلۇق گەپ قىلىدۇ. ھەممىمىزنىڭ مەنتىقىلىق گەپ قىلىدىغان ئەقىللىق ئادەم بولۇشىمىزنى، سۈكۈت قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى