شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بىر-بىرگە ماسلىشىش بەخىتلىك ئائىلنىڭ ئاساسى

2020-04-12 16:41:34 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
بىر-بىرىگە ماسلىشىش بەختلىك ئائىلىنىڭ ئاساسى








يازغۇچى جاڭ ئەيلىن: ئۇ سىزنى سۆيمىسە، سىز يىغلىسىڭىزمۇ، كۈلسىڭىزمۇ، نەپەس ئالسىڭىزمۇ ھەتتا ئۆلۈپ كەتسىڭىزمۇ خاتالاشقان بولىسىز،-دېگەن.

ھەر قانداق قىزنىڭ يۈرىكىنى تىتىرەتكەن يىگىت بىلەن توي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش پۈتۈنلەي مۇھەببەت دېگەنلىك ئەمەس. مۇھەببەت ئىككى ئادەمنىڭ دۇنياسى، ئەمما ئادەم تۇرمۇش قۇرغاندا بىر ياقتا چوڭلار، بىر ياقتا بالىلار بولغان چوڭ دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.


نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنىڭ «7-يىلىدىكى سۈركىلىش مەزگىلى» ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسى ئايدىڭ بولسا كېرەك. توينىڭ يەتتىنچى يىلى مۇھەببەت ياكى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ سۇسلىشىدىغان ۋاقتى، بۇ چاغدا تۇرمۇش ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، ئاش-تاماقنىڭ غېمى بىلەن تولۇپ، ئەر-ئايالنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى پەسكويغا چۈشىدۇ. مۇھەببەت ئاساسى ھەر قانچە ياخشى بولغان ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىمۇ ئاز تولا ئىختىلاپ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

نۇرغۇن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش قارشى تەرەپنى سۆيمەسلىك ئەمەس ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭقىرالماسلىقتىن مەغلۇپ بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىنى، باشقىلارغا يەتمەيدىغان يېرى بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللىغان ئىكەنمىز چوقۇم ئۆزئارا ماسلىشىشىمىز كېرەك.

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولغاندىلا ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملىشالايدۇ، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن يولسىزلىق قىلساق ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ. ھە دېسىلا قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى «مىكروسكوپ» قا سالغىلى تۇرساق، بۇ تۇرمۇش قانداقمۇ ئىناق داۋاملاشسۇن؟

ئىككىيلەن بىر-بىرىنى چۈشەنمىسە زىددىيەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كېتىدۇ، ھېسسىيات ئاجىزلاپ تەلتۆكۈس تۈگىگەندە قارشى تەرەپنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ كەمچىلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ-دە، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش ئاخىرلىشىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىڭىز قايسى باسقۇچقا كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جورىڭىزغا ماسلىشىڭ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۆرۈلگەندە تىللاش، ۋارقىراش ئارقىلىق ھەل قىلسا ئەر-خوتۇن بىر-بىرىدىن بىزار بولىدۇ. ھايات يەنە داۋاملىشىدۇ، يېنىڭىزدىكى جۈپتىڭىزنى قەدىرلەڭ، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەمدىن ئايرىلىپ قالماڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى