شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ھەسىنكامنىڭ غەلىتە نەسىھەتلىرى

2020-06-28 01:06:43 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئادەم ئۆمرىدە ئازدۇر-كۆپتۇر نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. ئەمما كىشىلەر ئۇنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيدۇ. كىشىلىك ھاياتتىكى پەند-نەسىھەتلەرگە بەزىدە قىزىقارلىق سۆزلەرمۇ يوشۇرۇنغان، مۇنداقلا ئېيتىلغاندەك بىلىنىدىغان بۇنداق قىزىقارلىق گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر ھازا كۈلگەندىن كېيىن، ھەر بىر جۈملىسىگە چوڭقۇر مەنا يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
1. بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋاقتىم چىقمايدۇ دەپ باھانە كۆرسەتكەن ئادەم ھامان بىر كۈنى كېسەل كۆرسىتىشكە ۋاقىت چىقىرىدۇ.
تەسىرات: ياش ۋاقتىدا جان تىكىپ پۇل تېپىش، قېرىغاندا پۇلغا جان سېتىۋېلىش جاھاندىكى ئەڭ زىيان تارتىدىغان سودىدۇر. مىدىرلىيالايدىغان چېغىڭىزدا ھۇرۇنلۇقنى تاللىماڭ، بولمىسا قېرىغان چېغىڭىزدا مىدىرلاي دەپمۇ مىدىرلىيالمايسىز!
2. بىر مىنۇت ئاچچىقلانسىڭىز، 60 سېكۇنت بەختتىن مەھرۇم قالىسىز.
تەسىرات: ۋاقىت شۇنچە قىسقا، تۇرمۇشتىكى ئەرزىمەس ئۇششاق ئىشلار ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاچچىقلىنىشىمىزغا قانداقمۇ ئەرزىسۇن؟

3. كىشىلىك ھايات باشقىلارغا كۈلۈپ قويۇش، باشقىلار سىزگە كۈلۈپ قويۇش جەريانىدۇر.
تەسىرات: مەيلى نېمىگە دۇچ كېلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىڭىزگە قاراپ كۈلۈشتە چىڭ تۇرۇڭ، بىر قېتىم كۈلسىڭىز ئون ياش ياشىرىسىز؛ كۈلگەن چېغىڭىزدا ئاندىن تۇرمۇشنىڭ ھېچقانچە چوڭ ئىش ئەمەسلىكىنى بايقايسىز!
4. ھايات ۋاقتىڭىزدا خۇشال ياشاڭ، چۈنكى بىز ناھايىتى ئۇزۇندا ئۆلىمىز.
تەسىرات: ھايات چەكلىك، ۋاقىت قىممەتلىك، كۆڭۈلسىزلىك خۇشال ۋاقىتىڭىزنى ئىگىلىۋالمىسۇن.

5. تۈنۈگۈن نېمىشقا ئۇخلىيالمىغانلىقىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈن يەنە ئۇخلىيالمىدىم.
تەسىرات: بەزى ئىشلارنى چۈشىنەلمىسىڭىز بولدى چۈشەنمەيلا قويۇڭ، قانچە كۆپ ئويلىسىڭىز شۇنچە كۆپ ئازابلىنىسىز، ئۇنىڭدىن كۆرە ئويلىمايلا قويۇڭ، ئۇ يولىغا كېتىۋەرسۇن.
6. ئەگەر ھەممە ئادەم سىزنى چۈشىنىپ كەتسە، ئۇنداقتا سىز ئىنتايىن ئاددىي ئادەم بولۇپ قالىسىز.
تەسىرات: مەڭگۈ باشقىلارغا مېنى چۈشەن دەپ تەلەپ قويماڭ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ياشاشقا تېخىمۇ يول قويماڭ. سىز دېگەن سىز، سىز بىر تەڭداشسىز ئادەم، باشقىلارنىڭ سىزنى چۈشىنىش-چۈشەنمەسلىكى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى شۇكى، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاشتا چىڭ تۇرۇڭ.

7. بەزىلەر سىزنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن، بەزىلەر بولسا سىزگە دەرس ئۆتكىلى كەلگەن.
تەسىرات: بىز نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر سىزگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر سىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. تەقدىر بەزىدە ياخشىلىق، بەزىدە ئاپەتمۇ ئېلىپ كېلىدۇ، بىراق ئۇ كەلگەنىكەن سىزگە چوقۇم بىرەر نەرسە ئۆگىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ ئەسكىسىنى ئېنىق تونۇۋالىسىز، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز.
8. خەقنى بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كېتىپسىز، قارىغاندا سىزمۇ ئاددىي ئادەم ئەمەس.
تەسىرات: يۈرىكىڭىز ئاددىي بولسا دۇنيامۇ ئاددىي بولىدۇ، بەختمۇ سىزگە ئەگىشىدۇ.

9. كۆپ ساندىكى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز بەخت ئەمەس، بەلكى باشقىلاردىن بەختلىك بولۇش.
تەسىرات: ھەقىقىي بەخت باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندىن كېيىنكى غەلىبىدە ئەمەس، بەلكى قەلبتىكى قانائەتتە.
10. بۇ بىر مەزگىللىك ئالدىراشچىلىقىم تۈگىگەندىن كېيىن، يەنە بىر مەزگىللىك ئالدىراشچىلىقنى باشلىيالايمەن.
تەسىرات: بىز ھەمىشە ئۆزىمىزنى ئالدىراشچىلىق پەقەت ۋاقىتلىق، ھازىرقى ئىشلىرىمنى قىلىپ بولساملا بىكار بولىمەن دەپ ئالدايمىز. ئەمەلىيەتتە بىكارچىلىق مەڭگۈ كەلمەيدۇ، چۈنكى قولىمىزدىكى ئىشنى ئەمدى تۈگىتىپ تۇرساق، ھامان يېڭى ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ. ئادەم مەڭگۈ بىكار بولالمايدۇ، چۈنكى ئىشلار ھامان تۈگىمەيدۇ. ئەمما يېقىن كىشىلىرىمىز بىزنى مەڭگۈ ساقلاپ تۇرالمايدۇ.

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى