شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دۇنيادا مۇتلەق ئەسكى ئادەم يوق

2020-07-14 23:06:56 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
دۇنيادا مۇتلەق ئەسكى ئادەم يوق!

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ دۇنيادا مۇتلەق ياخشى ياكى يامان ئادەم مەۋجۇتمۇ؟ جاۋابى ياق! خۇددى تەڭگىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى بولغانغا ئوخشاش، ھەربىر شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. بىز ئۇلارغا نەزەر سالغاندا بىر تەرەپلىمىلىكنى پۈتۈنلۈك دەپ قارىساق بولمايدۇ. زىددىيەت بارلىق شەيئىلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ دۇنيادا قارا ۋە ئاق رەڭ بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن قېنىق سۇس كۈل رەڭلەرمۇ بار.

ياخشى ئادەم قانداق ئادەم؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ياخشى ئادەملەر توپىغا تەبىر بېرىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. بەزى جەمئىيەتشۇناسلار «ياخشى ئادەملەر باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئادەتلەنگەن، بارلىق ئىشلاردا باشقىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قارايدۇ. ئۇلار گەپ قىلغاندا ۋە ئىش قىلغاندا لايىقىدا قىلىدۇ، ئاسانلىقچە باشقىلارنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى بىئارام قىلمايدۇ» دەپ قارايدۇ.


بەزى ياخشى كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا ئىنتايىن ئاكتىپ بولۇپ، ئۆزى ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ ھەرگىز باشقىلارغا ياردەم قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

پىسخولوگىيەدە ئىنسانلار ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتى «خۇشاللىققا ئىنتىلىش» دەپ قارىلىدۇ. بارلىق شەيئىلەر خۇشاللىققا ئىنتىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، لېكىن بۇ قاراش ياخشىلارنىڭ ھەرىكىتىگە زىت كېلىدۇ. ئەمىسە ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ماھىيىتىنى قايرىپ قۇيۇپ باشقىلارغا ياردەم قىلىپ ياخشى ئادەم بولۇشنى خالايدۇ؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار يامان ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ؟

| «قارا قوي ئېففېكتى» نىڭ قورقۇنچلۇق تەرىپى.

قارا قوي ئېففېكتى دېگىنىمىز: بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا بىر تۈركۈم ياخشى ئادەملەرنىڭ غەلىتە ھالدا كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى، بۇنىڭلىق بىلەن باشقا بىر ياخشى ئادەمنى چەتكە قېقىشنى كۆرسىتىدۇ.

نۇرغۇن ئىجتىمائىي بوزەك قىلىش ۋەقەلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ بىر توپ كىشىلەر ئەسكى ئادەم ھېسابلانمايدۇ، ھەتتا يېنىدا تاماشا كۆرۈۋاتقان ئادەملەرمۇ بەلكىم ياخشى ئادەم بولۇشى مۇمكىن. بۇ غەلىتە ھادىسىدە بوزەك قىلىنغانلار ئىنتايىن بىچارە بولىدۇ. لېكىن كىشىنى تېخىمۇ بىزار قىلىدىغىنى شۇكى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنى بوزەك قىلغان ئادەم قەستەن ئەمەس، بەلكى تۇيۇقسىز كاللىسىدا پەيدا بولغان غەلىتە خىيالنىڭ سەۋەبىدىن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. كۆپچىلىك بوزەك قىلغان ھېلىقى ئادەم بىر كوللېكتىپنىڭ قارا قويى، ياندا قاراپ تۇرغانلار ئاق قوي دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولسا قاسساپ بولىدۇ.


مەكتەپ زوراۋانلىقىدا، دائىم بىر توپ ئادەم بىر ئادەمنى بوزەك قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بەلكىم بۇ ئۇنىڭ چىرايلىق ئەمەسلىكى ياكى ئائىلىسى نامرات بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ سەۋەبلەر بوزەك قىلغۇچىلار بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ چىرايى سەت بولسا ياكى ئائىلىسى نامرات بولسا بۇ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھېچقانداق دەخلى-تەرۇز قىلمايدۇ.

|| قارا قوي ئېففېكتى: كۆپچىلىكنى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتۈش.

قارا قوي ئېففېكتىنىڭ كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ناھايىتى ئاز كىشىلەر تونۇپ يېتەلەيدۇ، ئۇلار بەلكىم توپلىشىپ باشقا كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت باشقىلاردىن ئازراق ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن. ئىجتىمائىي پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە، بىر توپ ئادەم بىر ئادەمگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچىلار توپى چوڭ بولغانچە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى بۇ توپقا قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ. «قارا قوي» دەپ قارالغان ئادەم ئىنتايىن بىچارە بولۇپ يەتكۈچە ئازار يەيدۇ.

بىر زىچ ئۇيۇشقان كوللېكتىپتىمۇ «قارا قوي ئېففېكتى» پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر كوللېكتىپ تاشقى دۇنيانىڭ غايەت زور بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، كوللېكتىپ كەيپىياتى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سوغۇقلىشىشقا باشلايدۇ.


ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بىر «قارا قوي» پەيدا بولسا، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندا ئورتاق سۆز تېمىسى تاپىدۇ-دە، بۇمۇ كوللىكتىپنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەدرىجى ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بولىدۇ. سوغۇقلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەت بۇ قارا قويغا تايىنىپ، يەنە بىر ئاز قويۇقلىشىدۇ.

«قارا قوي ئېففېكتى» بىزنى تېخىمۇ ئاسان ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ قويىدۇ.

غەلىتە يېرى شۇكى، ئېنىقلا ياخشى ئادەم تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلىشقا تېخىمۇ ئاسان قاتنىشىدۇ؟ فىرانسىيەلىك سوتسىئولوگ لېپونت بۇنى «قارا قوي ئېففېكتى» خاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىغان.

بىر ئادەم بىر توپقا سىڭىپ كىرىش ۋە شۇ توپ ئەزالىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماسلىق ئۈچۈن شۇ توپ ئەزالىرى قىلىۋاتقان ئىشلارنى قىلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا سىز تۇرۇشلۇق كوللېكتىپ بىر «قارا قوي»نى بوزەك قىلغان بولسا، سىز كوللېكتىپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بوزەك قىلىشقا قاتنىشىشىڭىز مۇمكىن. بىر ئادەم كوللېكتىپقا كىرگەندە، كەيپىياتى ئاسانلا كوللېكتىپ كەيپىياتىدىن يۇقۇملىنىدۇ، كوللېكتىپ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە ئەزالار تېخىمۇ ھاياجانلىنىدۇ. ئەگەر كوللېكتىپنىڭ كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇپ بېرىش-كېلىش ئازىيىپ كەتسە، ئەزالار بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن مەھرۇم بولىدۇ.


كوللېكتىپنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى بولغاچقا، يەككىلەر بارا-بارا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يوقىتىدۇ. داڭلىق پىسخولوگىيە ئېففېكتى بولغان «لۇسى ئېففېكتى» بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يەككىلەر ئاسانلا مۇئەييەن مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ مۇھىتتا بىز ئۆز نىيىتىمىزگە خىلاپلىق قىلىپ، ياخشى ئادەمدىن ئەسكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

«قارا قوي» غا ئايلىنىپ قالغاندا قارا قوي ئېففېكتىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ ئەگەر بەختكە قارشى سىز بىر كوللېكتىپ ئىچىدە «قارا قوي»غا ئايلىنىپ قالسىڭىز، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

ئالدى بىلەن سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە كۆپچىلىككە ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. ئالاھىدىلىكنى بىلدۈرۈش ئانچە چوڭ خاتالىق ئەمەس، بۇ ئارقىلىق كوللېكتىپنىڭ سىزگە بولغان تونۇشى ئۆزگىرىدۇ.

بۇ چۈشەندۈرۈش جەريانىدا سىز بەك ھاياجانلىنىپ ئالدىراپ كەتسىڭىز ياكى بەك ئاستا بولۇپ كەتسىڭىزمۇ بولمايدۇ. بەلكى بۇنىڭ ئىچىدىن بىر پارالىل نۇقتا تىپىشىڭىز كېرەك، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇڭ ھەمدە ئۇلارغا شەخسنىڭ كوللېكتىپنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىشىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ.

ئاخىرىدا، ھەممەيلەننىڭ قارا قوي ئېففېكتىغا يولۇققاندا مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەتمەسلىكىنى، ياخشى ئادەم تۇرۇقلۇق يامان ئادەمگە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى