شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

سەي كۆكتات تېرقچلىقى

2020-08-09 04:37:20 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
ياخشىمۇ سىلەر دوستلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! يېقىنكى بىر قانچە كۈندىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا كۆپچىلىك سەي كۆكتات تېرىش مەسىلسىدە قىيىنچىلىققا يۇلۇقۇپ تېرىغان سەي كۆكتات ئۈنمىگەن ياكى ياخشى ئۈنمىگەن ئەھۋال بار ئىكەن. شۇڭلاشقا مۇشۇ توغۇرلۇق ئازراق ئۇچۇر بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. پايدىلىنىپ قالغايسىلەر. ئادەتتە سەي كۆكتات تېرىش نەملىك، تىمپىراتۇرا، يۇرۇقلۇق، تېرىش ئۇسۇلى، كىيىنكى پەرۋىش قاتارلىق بىر قانچە باسقۇچقا بۈلۈنىدۇ. بۈگۈن تېرىش ئۇسۇلى توغۇرلۇق ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچى. سەي كۆكتات ئۇرۇقى بۇلۇپمۇ چامغۇر، بەسەي، لوبۇ، تۇرۇپ، چىڭسەي قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى​ ناھايىتى كىىچك بۇلۇپ بۇ خىل ئۇرۇقلارنى چوڭقۇر تېرىشقا بولمايدۇ. چوڭقۇر تېرىلسا ئاسانلا ئۇرۇق سېسىپ كىتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇۋاپىق نەملىكنى ساقلىغان ئاساستا ئۇرۇق چوڭقۇرلۇقى 1-1.5سانتا مىتىر ئەتىراپىدا تېرىلسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ. ياخشى ئۈنىدۇ. ئاسان ئاينىيدۇ. ھازىرقى ۋاكىتتىكى نەملىك، تىمپىراتۇرا، يۇرۇقلۇق ئەھۋالىدىن قارىغاندا 1-1.5سانتىمىتىر چقڭقۇرلۇقتا تېرىپ قويساقلا بۇلىدۇ. ئەگەر ياخشى ئۈنەلمىسە يىنىك بىر قېتىم باستۇرۇپ سۇغۇرۇپ ئۈنگەندىن كىيىن تۈۋىنى بۇشاتساقلا بۇلىدۇ. ئەگەر بەك چوڭقۇر تېرىلسا سېسىپ كىتىدۇ. بەك تېيىز بۇلۇپ قالسا نەملىك ئاسان يۇقاپ كىتىپ يەنىلا ياخشى ئۈنەلمەيدۇ. لازا، شۇخۇلا، چەيزە، پىياز، سىيادان قاتارلىق سەي كۆكتات ئۇرۇقى پوستى ناھايىتى قېلىن، ئۇرۇق بىخى ناھايىتى كىىچك بولغاچقا تېرىش ئۇسۇلى يەنە ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل سەي كۆكتاتنى تېرىغاندا ئاۋال ئۇرۇقنى 30-40گىرادۇسلۇق ئىلمان سۇدا 10-12سائەت چىلاپ سۈزۈپ ئېلىپ پاختا رەخىتكە ئۇراپ كۈن نۇرى تىگىدىغان جايدا 6-8سائەت ئەتراپىدا شامالدىتىپ ئۇرۇق يېرىلىشقا باشلىغاندا تېرىساق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تېرىش ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگەللىگەندە تىجەشلىك ھەم ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. سەي كۆكتاتلار ئۈنۈپ چىقىپ بىر ھەپتە ئەتىراپىدا بولغاندا تۈۋىنى يۇمشۇتۇپ ئاندىن بىر قېتىم ​تۈۋەن دەرجىدىكى ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى چېچىش كىرەك. بۇنداق بولغاندا سەي كۆكتاتلارنىڭ كىيىنكى سېسىپ كىتىش مەسىلسىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى