شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئاچىقىنى يېڭىش

2020-08-11 08:14:03 -0400 مەزمۇن تۈرى: ساغلاملىق ئۇچۇرى
بۇرۇن بىر ئايال بولۇپ، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلاپ يۈرىدىكەن. بىراق ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇستازىغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى بارلىق سۆزلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

ئۇستاز ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ياندىكى ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ.

بۇ ئايال ئاچچىقلاپ ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلاپتۇ، ئۇنىڭ بۇ تىللاشلىرىغا ئۇستازمۇ پەرۋا قىلماپتۇ. بىر ھازا تىللىغاندىن كېيىن، بۇ ئايال جىمىپ قاپتۇ. ئۇستاز ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: يەنە ئاچچىقىڭىز كېلىۋاتامدۇ؟ دەپ سوراپتۇ.

ئايال: مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ بۇ نەس باسقان يەرگە نېمە دەپ كەلگەندىمەن دەپ ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ.دەپتۇ.


ئۇستاز: ئۆزىنىمۇ كەچۈرەلمىگەن ئادەم قانداقمۇ باشقىلارنى كەچۈرەلىسۇن دېگىنىچە كېتىپ قاپتۇ. يەنە ئازراق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئۇستاز ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ: يەنە ئاچچىقلىنىۋاتامسىز؟

ئايال: ياق

ئۇستاز: نېمىشقا ئاچچىقلانمايسىز؟

ئايال: ئاچچىقلانساممۇ ھېچقانداق پايدىسى يوقكەن

ئۇستاز: ئاچچىقىڭىز تېخى يوقالماپتۇ، سىز ئۇنى ئىچىڭىزگە يۈتىۋىتىپسىز، بۇنداق بولغاندا كېيىن بۇ ئاچچىقىڭىز پارتلاپ چىقسا تېخىمۇ خەتەرلىك دەپ يەنە كېتىپ قالدى. ئۇستاز ئۈچىنچى قېتىم ئىشىك ئالدىغا كەلدى

ئايال: ئەمدى ئاچچىقلانمايمەن، چۈنكى ئاچچىقلاشقا ئەرزىگۈدەك ھېچقانداق ئىش يوقكەن

ئۇستاز: بۇ سۆزىڭىزدىن يەنىلا ئاچچىقلىنىشنىڭ قەلبىڭىزدە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىگىلى بولىدۇ. دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئايال: ئۇستاز، ئاچچىقلىنىش دېگەن نېمە ؟ دەپ سوراپتۇ.

ئۇستاز: ئاچچىقلىنىش دەل باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى جازالايدىغان ئەخمىقانە قىلمىش دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2021-03-14 04:51:
ئەتە كىملەر بار


سىناق ئۈچۈن يارالدۇق بىزلەر،

بۇ دۇنيادا كىم ئەزىز كىم خار؟

قەدىرلىمەي ئۆتسەك بۈگۈننى،

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟


جان ئامانەت بىزلەرنىڭ ئەمەس.

يۈز ياشلارنى قىلساقمۇ ھەۋەس.

بۇ ھاياتقا جاۋاب بەرمەك تەس.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟


بۇ دۇنيانى سورغانمۇ كەتتى.

بۇ دۇنيادىن تويغانمۇ كەتتى.

كىم ئۇنتۇلۇپ كىمنى ياد ئەتتى.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟



بۈگۈن تىلىپ بىراۋ قەلبىنى.

ياۋاشلارغا بېرىپ زەربىنى.

ئالساقمۇ گەر ئەڭ چوڭ غەلبىنى.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار ؟


بۈركۈت كەبى قاقساڭمۇ قانات.

سەبرى بىلەن گۈزەلدۇر ھايات.

كۈلكەڭ بىلەن دىلنى ئەيلە شاد.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟


دوستلار ئارا سەن پەن دېمەيلى.

يول قويايلى گۈلدەك ئۆتەيلى.

كەتسە دوستقا كېتىپتۇ دەيلى.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟؟؟
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى