شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئۈزىگە تاينىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل

2015-03-19 06:08:30 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ئۆزىگە تايىنىش

− بىز نېمىشقا تۇغۇلغاندىن تارتىپلا مۈرىمىزدىكى بۇ قاپنى يۈدۈپ يۈرىمىز؟ − دەپ سوراپتۇ بالا قۇلۇلە ئانىسىدىن بىر كۈنى كەچتە.
− چۈنكى بىزنىڭ سۆڭىكىمىز يوق، شۇڭا بۇ قاپ ئۆمىلەپ ماڭغان چېغىمىزدا بىزنى قوغدايدۇ، − دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئانا قۇلۇلە.
− پىلە قۇرتىنىڭ بىزگە ئوخشاش سۆڭىكى يوق، ئۇ نېمىشقا بۇ قاپنى يۈدۈپ يۈرمەيدۇ؟ − دەپ سوراپتۇ بالا قۇلۇلە ئانىسىدىن.
− بالام، پىلە قۇرتى كېيىن كېپىنەككە ئايلىنىدۇ، شۇ چاغدا ئۇنى ھاۋا قوغدايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا بىزنىڭكىدەك قاپ كېرەك ئەمەس، − دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئانا قۇلۇلە.
− ئۇنداقتا، سازاڭنىڭمۇ سۆڭىكى يوققۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سازاڭ كېپىنەككە ئۆزگىرەلمەيدۇ، يەنە نېمىشقا ئۇنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشاش دۈمبىسىدە بۇنداق قاتتىق قېپى يوق؟ − دەپ سوراپتۇ بالا قۇلۇلە ئانىسىدىن يەنە.
− چۈنكى ئۇ تۇپراقنى تېشىپ كىرەلەيدۇ، زېمىن ئۇنى قوغدايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا بىزنىڭكىدەك قاپ كېرەك ئەمەس، − دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئانا قۇلۇلە.
− بىز بەك بىچارە ئىكەنمىز، بىزنى ھاۋامۇ، تۇپراقمۇ قوغدىمايدىكەن، − دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ بالا قۇلۇلە.
− بالام، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، بىز ھاۋاغىمۇ، تۇپراققىمۇ تايانمايمىز، پەقەت ئۆزىمىزگە تايىنىپ ياشايمىز، − دەپ تەسەللى بېرىپتۇ ئانا قۇلۇلە.
رېئال تۇرمۇشىمىزدا قۇلۇلە بالىسىغا ئوخشاش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدىغان ياشلار خېلى بار. تۇرمۇش ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ، سىز ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئىش تۇتسىڭىز، باشقىلار بىلەن ئۆزىڭىزنى قايسى جەھەتلەردە سېلىشتۇرۇشنى بىلسىڭىز، ھايات يولىدا تەۋرەنمەي ماڭالايسىز، تۇرمۇش سىزگىمۇ كۈلۈپ قۇچاق ئاچىدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
bahtim33 (@bahtim338) | @ at 2015-03-20 04:41:
ھەي بۇرادەر توردا بولساڭلار خەت يىزىڭلار، تەڭشەيدىغان دەپ بىرەي
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى