شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بەختنىڭ ئۆلچەملىك قېلىپى يوق

2015-04-03 10:47:44 -0400 مەزمۇن تۈرى:
1-ھىكايە
چىڭقى چۈش، بىر يايمىكەش ئايال ھارغىن ھالەتتە يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئۈمىد بىلەن بىقىپ ئولتۇراتتى، يولدىشى ۋىلسىپىت بىلەن ئۇنىڭغا بىر بۇتۇلكا سوغۇق چاي بىلەن ئىسسىق ناننى ئىلىپ كەلدى ۋە بىر سىركاي چاينى قۇيغاچ: يولدا ئازراق ھايال بوپ قالدىم، كەچۈرگىن دىدى.
ئايال ئىللىق كۈلۈمسىرەپ: ياقەي، قورسىقىم ئاچمىدى، سىزمۇ يەڭە ئىسسىق ناندىن،-دىدى بىر پارچە ناننى يولدىشىغا سۇنۇپ.
يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاق پىشماق، سىمىز ئايال بۇ يايمىچىغا نەزەر تاشلاپ سۆز ئاچتى: تومۇز ئىسسىقتىمۇ نان بىلەن قارا چاي ئىچەمسىز، ئايال كىشى دىگەن ئوبدان يىيىشى، ياخشى كىيىشى كېرەك…
ئەر-ئايالنىڭ كۈلكىسى نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى ۋە گىلىدىكى ناننى تەستە يۈتتى…
2-ھىكايە
ھىكمەت ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:-ئوغلۇم، سەن بىزدىن يامانكەنسە، مەن ئۈچىنچى سىنىپنى، ئاپاڭ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن، سەن بىزنىڭ پەخرىمىز…
بىر ئائىلە كىشلىرى شادلىق ئىلكىدە ھىكمەتنى ئۇزىتىپ چىقتى، بىكەتتە ھىكمەتلەرنىڭ تونىشى ئۇچىرىدى، ئۇ كىشى ھىكمەتنىڭ ئادەتتىكى بىر مەكتىپكە ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ:- بۇ مەكتەپتە ئوقىغاننىڭ پايدىسى يوق، مىنىڭ ئوغلۇم پالانى داڭلىق مەكتەپكە ئۆتتى، سەن ئوغلۇڭنى ئۇ مەكتىپكە ئەۋەتسەڭمۇ پايدىسى يوق، ئۇ ئەخلەت مەكتەپ…
ماشىنا قوزغالدى، ھىكمەتنىڭ كۆزى ياشقا تولدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلى غەش بولدى، ئۈمىدسىزلەندى…
خــــــۇلاســــــــــــە
باشقىلارنىڭ شادلىقى، بەختىنى باھالاش ھوقۇقىڭىز يوق، باشقىلارنىڭ بەخىت-شادلىقىغا ھۆرمەت قىلىڭ، دۇنيادا توققۇزى تەل كىشى بولمايدۇ، بەلكى سىزگە ئازاب، جاپا بىلىنگەن ئىش باشقىلار ئۈچۈن شادلىق، بەخىت بولشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى