شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

كەچۈرۈڭ دادىڭىزغا كىلىن بۇلالمايمەن

2015-04-03 11:55:18 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
كەچۈرۈڭ دادىڭىزغا كىلىن بولالمايمەن! (دادىلارغا ئىبرەت)-توقسۇ
ھەممەيلەنگە تارقىتىپ قۇيۇڭ
مەنبە: مىسرانىم، ئاپتۇرى: گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
يازنىڭ سەلكىن شامىلى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ياز پەسلى ئۇنچە تىنجىق ئەمەس، ئەكسچە ئىككى كۈندە بىر دېگۈدەك يېغىپ تۇرىدىغان يامغۇرى بەكمۇ يېقىشلىق! روشەن تۇرپان شەھىرىدىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇ شەنبە-يەكشەنبە كۈنى ئامال بار ئۆيگە قايتىپ، ياشانغان مومىسىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىپ كېلەتتى.
ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى بۈگۈن ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ يولۇچى بىلەن لىق تولغان ئىدى. روشەن مۇستەقىل ياشاشقا ئەزەلدىن كۆنۈك بولغاچقىمۇ، ئەتراپتىكى قاينام-تاشقىنلىققا زەن سېلىپمۇ قويماي يۈك-تاقىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرپاننىڭ
يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا چىقتى. ماشىنا قوزغىلاي دېگەندە، زىيادە سېمىز بىر ئەر روشەننىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سەت ھىجىيىپ، كېلىپلا ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇردى. روشەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ، نېمىلەرگىدۇر نارازى بولغاندەك قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ئولتۇراتتى.
- قىزىم نېمە ئاڭلاۋاتىسىز؟ پاراڭلىشىپ ماڭمامدۇق؟
ئاسىم روشەننىڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا سېلىۋېلىپ كۆزىنى تاشقى دۇنيا مەنزىرىسىدىن ئۈزمىگەنلىكىدىن ئىچى تىتىلداپ كەتتى. ئۇنىڭچە بولسا، مۇشۇ توقاچتەك نازىنىن سۈيىنى چىقىرىپ، نازلىنىپ بەرسە، تاتلىق تاتلىق كۈلۈپ بەرسە بەخت دېگەن مانا-شۇ! روشەننىڭ تولغان بەدىنى، ھەم سۈزۈك چىرايلىق يۈزى، يوغان قارا كۆزى، بۆرتۈپ چىققان جەلپكار لەۋلىرى ئاسىمنىڭ شەھۋەت ئوتىنى قوزغىماقتا ئىدى. ئۇ قىستالغان بولۇپ قەستەن جەينىكى بىلەن روشەننىڭ يۇمران بىلەكلىرىگە نوقۇيتتى. روشەن بولسا قاپىقىنى تۈرۈپ، مۇمكىن بولسا ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىپ، تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى. بۇ ئۈچ سائەتلىك يول نېمە دېگەن ئۇزاق-ھە؟ !
ئاسىم ئەمدى كاللىسىنى ئىشلىتىپ بۇ نازىنىننىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بولسىمۇ بىلىۋالمىسا، ئۆزىگە قارىتىۋالمىسا كېچىچە ئۇيقۇسىز قىينىلىدىغانلىقى ئېنىق. «يېرىم سائەتلىك يول قالدى، تېزراق ئامال تېپىپ بۇ قىزنى ئېغىز ئاچقۇزۇشۇم كېرەك!»
- نېمە ناخشا ئاڭلاۋاتىسىز؟- ئاسىم قولى بىلەن روشەننىڭ قۇلىقىدىكى تىڭشىغۇچنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى. روشەن كۆڭلىدە بۇ دادىسى دېمەتلىك ئادەمگە قوپال تېگىشنى ھۆرمەتسىزلىك دەپ ئويلىدىمۇ ئەتىمالىم، زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى:
- ياقەي، ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلاۋاتىمەن...
- ھە، كىمنىڭ قايسى ئەسىرىنى ئاڭلاۋاتىسىز؟
- ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «باھادىرنامە» رومانى.
- ھە مۇنداق دەڭ، مەن ئۇ كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىغىچە ئوقۇپ بولغانىدىم، قالغانلىرىنى ئوقۇيدىغانغا شارائىت يار بەرمەيۋاتىدۇ، ئاۋازلىقى بولسا ماڭا چۈشۈرۈپ بېرەمسىز؟- «بارىكاللا ئاسىم! ئەقلىڭگە بارىكاللا! » ئۇ ئۆزىنىڭ تاپقان بۇ ئەقلىدىن ناھايىتى سۆيۈندى بولغاي، قىزنىڭ جاۋابىنى كۈتمەي تۇرۇپلا، يېنىدىكى بارماق دېسكىسىنى روشەننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
روشەن ھەيران بولغان ھالدا، بىردە بارماق دېسكىغا بىردە بۇ كىشىگە قاراپ، نېمە دېيىشىنى ئۇقالماي قالدى:
- بۇ... بۇنى مەن قانداق قاچىلاپ بېرىمەن؟ خاتىرە كومپيۇتېرىمنى ئېلىۋالماپتىكەنمەن، توردىن ئىزدىسىڭىزمۇ بار ئىدى...
ئاسىم بۇ ئامالىنىڭ ئىشلىمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كاللىسىنى بىر پىرقىرىتىپلا يەنە بىر ئامال تۇغدۇرۇپ چىقتى:
- سىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن، سىز ئۈرۈمچىگە قايتقاندا ماڭا تېلېفون قىلسىڭىز، مەن چىقىپ ئېلىۋالاي.
بىر ئويلىسا بۇ بىر ياخشى ئىش ئىدى، ھەم بۇ دادىسى دېمەتلىك كىشى تۇرسا، ھۆرمەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ ماقۇل دېمەي ئامال يوق! ماشىنىدىن چۈشكىچە ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، يۈرەكلىرى ئويناقشىپ كەتكەن ئاسىم قورسىقىنى ئىغاڭشىتقىنىچە بېكەتتىن چىقىپ كەتتى.
ئۈرۈمچى - سەن ھەقىقەتەن بىر سىرلىق شەھەر، مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، باي ياكى نامرات بولسۇن ھەممىسىنى ئۆز باغرىڭغا سىغدۇرۇپ، ئورتاق ھاۋادىن نەپەسلەندۈرۈپ، يەنە شۇ ئوتلۇق مېھرىڭ بىلەن ھەممىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىسەن! سېنىڭ باغرىڭدا ياشاۋاتقان شۇ كىشىلەر بىردە شادىمان، بىردە بىئارام، بىردە ئالدىراش، بىردە بەخىرامان، بىردە ئاغرىق، بىردە ساغلام، بىردە موھتاج، بىردە خەيرىھخان...
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنى بەك ساقلىتىۋەتتىممۇ؟
- ياقەي، مەنمۇ ھېلى كېلىپ تۇرۇشۇم تېخى!
ئاسىم بۈگۈن ئۆزىچە خېلى ياسىنىپراق چىققان بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى يىلى دۈبەيگە ساياھەتكە بارغاندا ئېلىپ كەلگەن دىئور ئەتتىرىنى چېچىپ، قولىغا شىۋېتسارىيىنىڭ ئېسىل سائىتىنى تاقىۋالغانىدى. روشەن بولسا ناھايىتىمۇ ئاددىي كىيىنگەن، ئوقۇغۇچىلارغا خاس بولغان پاسوندا بىر تاللا بوغۇۋالغان چېچى تەبىئىي ئۆز رەڭگىدە، يۈزىگە ھەتتا گىرىممۇ قىلمىغانىدى.
- ماۋۇ سىزنىڭ بارماق دېسكىڭىز، باھادىرنامىدىن باشقا رومانلارنىمۇ قاچىلاپ قويدۇم. -روشەن قولىدىكىنى ئاسىمغا تەڭلىدى، ئۇ خۇددى بىر نېمىگە ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى، ئەپسۇس، ئاسىم بولسا ئۇنى تاماققا مېھمان قىلىۋېلىش نىيىتىدە چوت سوقۇش بىلەن ئالدىراش!
روشەننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي، ئۇنىڭغا چوقۇم رەھمىتىنى ئىپادىلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئالدىن تېلېفوندا تىزىملىتىپ قويغان تاماقخانىغا ئېلىپ كىردى. روشەن قورۇنۇپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، چاندۇرماي پىيالىنى يۇمران ئالىقىنىدا ئايلاندۇرۇپ، نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىۋاتاتتى. ئاسىم بىرمۇنچە تاماق بۇيرۇتقاندىن كېيىن، روشەننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قاراتتى:
- بۇ يىل قانچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتىسىز؟
- ئۈچىنچى يىللىق.
- ھە، قايسى كەسىپتى؟
- جۇغراپىيە.
- قىزلاردىن جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇيدىغانلار خېلى ئاز جۇمۇ، ياخشى ئوقۇڭ..
روشەن جاۋابەن مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. ئارىلىقتا يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە، ئاسىم ئەمدى قانداق پاراڭ تېمىسىنى ئويلاپ چىقىدىغاندۇ؟!
- مۇشۇ كۈنلەردە، جەمئىيەت بەكلا بۇزۇلۇپ كەتتى...
روشەن چايدىن بىر ئوتلام ئوتلىۋېتىپ، ئاسىمغا قارىدى، ئاسىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- قارىڭە، مېنىڭ بىر قانچە ئاغىنىلىرىم بار، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان قىز دوستلىرى بار. شۇ قىز ئوقۇغۇچىلارغا سىرتتىن ئۆي ئېلىپ بەرگەنلىرىمۇ، ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغانلىرىمۇ بار، ھەر شەنبە يەكشەنبە شۇ ئۆيىدە تاماشا قىلىپ دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنداق قىلماڭلار، ئايالىڭلار، بالىلىرىڭلار تۇرسا، يېنىپ قالمىسۇن، قىزىڭلارنى ئويلاڭلار، دەپ كېتىمەن...-پاراڭ تېمىسىنىڭ مەركەزدىن قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى پەملىگەن روشەن يانفونىنىڭ سائىتىنى ئوغرىلىقچە سايرايدىغان قىلىپ تەڭشەپ ئۈلگۈردى.
ئاسىم روشەننىڭ خۇددى بىر يەرگە ئالدىراۋاتقاندەك قىياپەتتە جىددىيلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، تېزراق مەقسىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى:
- سىزمۇ ئوقۇغۇچى، ھەرقانچە ئىقتىسادتا قىينىلىپ قالسىڭىزمۇ ئۇنداق ئەرلەردىن ياردەم تەلەپ قىلماڭ، مانا مەن دادىڭىزدەك ئادەم، نېمىلا ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ، مەن سىزگە ياردەم بېرىمەن...
روشەن گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە بىلىنەر بىلىنمەس ئاچچىقتىن ئۆرتىنىپ كېتىۋاتاتتى. دېمىسىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ياتاقدىشى مەربىيە دەل شۇ قىزلارنىڭ قاتارىدا ئىدى. ئاسىم روشەننىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلماستىن، يەنە كايىپراق
سۆزلەشكە باشلىدى:
- مانا ھازىر، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم بار، ئەممازە ئايالىمدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيدۇ، يا ئۆزىنى ياساپ يۈرمەيدۇ، پۇل دېسە تېپىپ ئەكىرىپ بېرىۋاتسام، ئۆزىنى ياسىماي، شۇ قەدەر كۆرۈمسىز ھالەتتە قاپاقلىرى تۈرۈكلۈك، ئىچ ئىچىدىن زەردە قاينىتىپ
يۈرگىنى يۈرگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن چېغىمدا قىز دوست تاپمىدىم. ھەم ئۇنداق ئىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. پۇل دېسە مەندە ئېشىپ تېشىپ تۇرىدۇ، پۇلى بارلار قىز دوست تاپىدىغان ئىش بولسا مانا مەن تاپسام بولاتتى، ئەمما مەن ئۇنداق
ئىشنى قىلمايمەن!
ئاسىمنىڭ كۆزىدىن شەھۋەت ئوتلىرى يېنىپ تۇرسىمۇ، تىلىدا يەنە ئالىيجاناپ سۈپەتتە ۋالاقشىۋېرىشى، سۆزلەۋېتىپ گاھى گاھىدا چاي لىقلاپ بېرىش مەقسىتىدە روشەننىڭ قوللىرىغا ئۆزىنىڭ شۇ قوپال ئېيىقنىڭ تاپىنىدەك قوللىرىنى قەستەن تەگكۈزىۋېلىشلىرى ئۇنى خېلىلا ئەندىكتۈرۈپ قويدى. ھەئە، چۈنكى ئۇ بىر ئاجىز قىز!
روشەننىڭ نەزىرىدە ئەر كىشى ئەزەلدىن غەيۋەت قىلمايدىغان، ھەم ئۆز ئايالىدىن ۋايسىمايدىغان بولۇشى كېرەك، مەيلى ئايالى نەقەدەر كۆرۈمسىز بولسۇن، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە ياشاپ كەلگەن، پەرزەنتلىرىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان
جاپاكەش جۈپتى ھالالىنى چوقۇم بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشى كېرەك. ئەپسۇس، ئاسىم بولسا خىيالىدا روشەننىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئالىيجاناب كۆرسىتىش ھەمدە روشەننىڭ ھازىرچە خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاپان ئاستىغا ئالدىن ھۆل خىش قويۇپ قويغىنى ئىدى.
بۇ چاغدا تۇيۇقسىز سايرىغان تېلېفون ئاۋازى روشەن ئۈچۈن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىدەك سۆيۈملۈك بىلىندى. ئۇ يالغاندىن سۆزلەشكەن قىياپەتتە:
- ھە ماقۇل، ماقۇل، ۋاي خۇدايىم نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى، مانا ھازىرلا باراي!
جىددىي تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر، ئاسىمنىڭ بارلىق تاتلىق خىياللىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغانىدى، ئۇ ئامالسىز قىيمىغان ھالدا روشەننى ئۇزىتىپ قويدى. بىر ئۈستەل تاماق ئۇنىڭغا ئوڭچە قالدى.
روشەن چىقىپلا تاكسى توستى-دە، ئاسىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتتى. چۈنكى، روشەن ئۈچۈن ئاسىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش خۇددى، دوزاخ ئوتىدا كۆيۈۋاتقانغا ئوخشاش ئازاب!
روشەن ئۈندىدارىنى ئېچىپ ئۇزۇندىن بۇيان سىردىشىپ كېلىۋاتقان قەلبداش توردىشى غالىپقا خەت يازدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىزگە خەت يازاي دەپ تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىشىمغا سىزدىن خەت كەلدى دېسە!
- يۈرەك تۇيۇپتۇ-دە؟! ھى ھى ھى، بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم سەل پاراكەندە، مەن بىلەن مۇڭدىشىپ بېرىڭ!
- خوپ، باش ئۈستىگە ئۇز سۇلتان خېنىم!
- باشلىدۇق! سوئال!
- جاۋاب!
- مۇھەببەت مۇھىممۇ نىكاھمۇ؟
- ھەر ئىككىلىسى مۇھىم!
- چوقۇم بىرنى تاللاش كېرەك بولسىچۇ؟
- ئۇنداقتا مەن نىكاھنى تاللايمەن!
- نىكاھتىن كېيىنمۇ شۇ مۇھەببىتىنى ئۇنتۇيالمىغان ياكى نىكاھتىن سىرت مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلارچۇ؟
- بۇ دەل ئىپلاسلىق!
... روشەننىڭ دىلى سۆيۈندى، ئۇ غالىپنىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولغان، ئۇنىڭغا غايىبانە ئاشىق بىقارار بولغانىدى.
تىپتىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىدەك روشەننىڭ تۇرمۇشىمۇ بىر خىل رىتىمدا كېتىۋاتىدۇ، ئىككى يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، روشەن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم شىركەتتە خىزمەت قىلغاچ، ئاسپرانتلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى.
ئارىلىقتا ئاسىم باشقىلارنىڭ تېلېفونلىرىدا روشەننى ئىزدەپ تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، روشەننىڭ ئىزچىل سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ ئاخىرى يوقىغانىدى. روشەن بولسا ئاسىمنى گويا بىر يىرىڭلىق ئۆسمىگە ئوخشىتاتتى، شۇ قەدەر يىرگىنىشلىك!
توغرا، كىشىلىك ھايات گوياكى ئۆركەشلەپ ئاققان ئېقىنغا ئوخشايدۇ، ئالدىغا گۈزەل ئاراللارمۇ، ھەر يوغان خادا تاشلارمۇ ئۇچرايدۇ، گۈزەل ئاراللارغا تەلمۈرۈپ، ۋىسالىغا يېتەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ، خادا تاشقا ئۇرۇلماي ئېقىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ،
مىڭ ئەپسۇس، شۇ تاشقا ئۇرۇلۇپ، ھەريان چېچىلىپ تاشقىن كەبى ئېقىپ يىراقلارغا كېتىدۇ. گۈزەل ئارال بۇ سۈزۈك ئېقىنغا قاراپ ياشلار تۆكىدۇ، ئۇنىڭ ياشلىرى ئېقىن باغرىغا قوشۇلۇپ، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ئابىدىسى تىكلەيدۇ!
غالىپ بۈگۈن تۇيۇقسىزلا روشەننى ئايرىم كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. روشەن غالىپنى ئەزەلدىن ھۆرمەتلەپ كەلگەن بولغاچقا، كۆرۈشۈشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان، ھەم بىر بىرىنىڭ رەسىملىرىنىمۇ ئەۋەتىشىپ باقمىغان. غالىپ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ تويغا ئالدىراتقانلىقى ۋەجىدىن، ياخشى قىزدىن بىرەرنى تېپىپ نىكاھ غايىپ دەپلا توي قىلىۋەتمەكچى بولغانىدى. ئۇ دەل روشەندەك كىتابخۇمار، ئەدەب-ئەخلاقلىق ئىلىم ۋە بىلىم سەۋىيەسى بار قىزلارغا ئۆيلىنىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. غالىپ نەچچە قېتىملاپ، روشەننىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، ئوغرىلىقچە ئۇنى كۆزەتكەن. غالىپنىڭ ئەڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل روشەننىڭ ئەخلاقىنىڭ ياخشىلىقى ئىدى.
روشەن غالىپ بىلەن كۆرۈشۈشنى قايتا-قايتا رەت قىلىۋەردى، نەچچە ئايغىچە غالىپمۇ كۆرۈشۈش نىيىتىدىن يانمىدى، روشەنمۇ رەت قىلىپ ھارمىدى. غالىپ يىگىتلىك جاسارىتى بىلەن ئاخىرى روشەنگە توي تەكلىپى قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزى ئىزدەپ كەلدى.
ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان بىر يىگىتنىڭ ئۆزىگە توي تەكلىپى قويۇشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان روشەن، كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، ھەم ۋۇجۇدىنى شېرىن ھاياجان قاپلىۋالدى. شۇنداق كېلىشكەن بىر يىگىت، قولىدا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان گۈل ۋە كىتاب، كىتاب ئۈستىگە قويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈك روشەننى سېھرلىك چۈشلەرگە مۇپتىلا قىلغانىدى. ياق، بۇ چۈش ئەمەس، بۇ ئەمەلىيەت! ئەمما...
غالىپ بەك كۆپ ۋەدىلەرنى بېرىپمۇ كەتمىدى، چۈنكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھۆرمەتلىگەن قىزغا يالغان ۋەدىلەرنى بېرىشنىڭ ئۆزى بىر ئەركەك ئۈچۈن چوڭ ھاقارەت!
روشەنمۇ ئويلايتتى: دىلىمغا رەببىم ئىشق ئوتى سالغان بولسا كېرەك، يەنە كىمنىمۇ تاللاپ يۈرەرمەن؟ رىزقىمىز پۈتۈلگەن بولسا، ئەتىۋارىمنى قىلغان شۇ يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى لايىق كۆردۈم...
روشەن بىلەن غالىپ خۇددى ئاي بىلەن چولپان كەبى ناھايىتىمۇ كەمدىن كەم كۆرۈشەتتى، چۈنكى نىكاھدىن بۇرۇن كۆپ كۆرۈشمەسلىكنى روشەن ئالاھىدە تەكىتلەپ تۇراتتى. شۇنداق، ناگاندا بىر كۆرۈشكەندىمۇ، ھەممە ئۇلارغا قاراپ ھەۋەس
قىلاتتى، ئۇلار ئۆزىچە «يامان سۆز يامان كۆزدىن، ھەسەت ئوتىدىن ساقلىغىن خۇدا!» دەپ تىلەپ كېتەتتى.
غالىپ روشەننى ئاتا-ئانىسىغا تونۇشتۇرماقچى بولۇپ، ئالاھىدە زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى. روشەن كەلگۈسى قېينئاتا-قېينئاپىنىڭ ئالدىغا قانداق سۈپەتتە بېرىشنى ئويلاپ، بېشى بەكمۇ قاتتى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداق رەڭنى ياقتۇرىدىغاندۇ؟ قايسى كىيىمىمنى كىيسەم بولار؟ ... ئۇ ھەتتا تىرنىقىدىن چېچىنىڭ ئۇچىغىچە ئىنچىكىلىك بىلەن چوڭلار ياقتۇرىدىغان قىياپەتتە پاكىز رەتلىك ياساندى. كۈتكەن دەقىقىلەر يېتىپ كەلدى!
- دادا-ئاپا، روشەن كەپتۇ، مەن ئالدىغا چىقاي!
روشەن ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ كېلىۋاتقان يىگىتىنىڭ كېلىشكەن قامىتىنى يىراقتىن كۆرۈپلا، يۈرىكى لەرزىگە كەلدى. مەن راستىنلا شۇ يىگىتكە ئۆمۈرلۈك جۈپتى بولامدىم؟ مەن لاياقەتلىك ئايال بولالامدىم؟ تىرىشاي، ئاتا-ئانىسىغا چىرايلىق كۆرۈنەي!
ئىشىك تەرەپكە دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرغان ئەر-ئاياللار كىرىپ كەلگەن بىر جۈپ ياشنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا ئاندىن ئورنىلىرىدىن تۇرۇشتى. يۈزلىرىگە ئوبدانلا قورۇقلار چۈشكەن، ئەمما شۇنچىلىك ئىللىق چىراي، مېھرىبان ئانا بۇ قىزغا مېھرى بىلەن قارىماقتا ئىدى. دادا بولسا ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي، قاچاي دېسە ئاسمان ئېگىز، يەر قاتتىق، نومۇس ئوتىدا، ۋىجدان ئازابىدا پۇچۇلىنماقتا ئىدى. ئەلۋەتتە، روشەنمۇ چىۋىن يەۋالغاندەك بىئاراملىقتا ئولتۇرالماي قالدى!
تاماقتىن كېيىن، غالىپ روشەننى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى، ئۇلارنىڭ خوشلاشقاندا دېيىشكەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزى مۇشۇ بىر جۈملە بولدى! بەلكىم بۇ بىر جۈملە سۆز ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دىئالوگى بولۇشى مۇمكىن!
- كەچۈرۈڭ، غالىپ، سىز بىلەن توي قىلالمايمەن! سەۋەبىنى سورىماڭ!
ھەئە، روشەن قانداقمۇ دادىڭىزغا كېلىن بولالمايمەن، دېيەلىسۇن؟
غالىپنىڭ نومۇرىمۇ دادىسى بىلەن بىرگە روشەننىڭ قارا تىزىملىكىگە
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
bahtim33 (@bahtim338) | @ at 2015-04-04 07:16:
ئاداش گىپىڭلارنى چۈشىنەلمىدىم
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى