شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بەخىت دىگەن

2015-04-04 08:08:54 -0400 مەزمۇن تۈرى:
باشقىلارغا ئوخشىماسلىقمۇ بىر بەخت

مۇيەسسەر خېلىل
يېقىندا بىر گېزىتتىن ‹‹باشقىلارغا ئوخشىماسلىقمۇ بىر بەخت، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ئوخشىتىش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق›› دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم. دۇنيادا بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان ئىككى ئادەم بولمىسا كېرەك. دېمەك ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق خاسلىقى، باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. جىسمىمىزدىكى ئەنە شۇ خاسلىقىمىز بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. لېكىن بەزىلىرىمىز تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، يۈرۈش – تۇرۇشتا، بالا تەربىيەلەشتە قارىغۇلارچە باشقىلارغا ئوخشاش بولۇشقا قىزىقىمىز.
گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەر بار ئىكەن. لېكىن ئايالى گۈل بېقىشنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيى ئاددىي، ئازادە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈللەر ئۇلارنىڭ ئۆيىنى گۈل دۇنياسىغا ئايلاندۇرغان ئىكەن. سىرتتىن كىرگەن ھەر قانداق كىشى بۇ ئۆيدىكى گۈللەرگە ھەۋەس قىلماي قالمايدىكەن. بۇ ئۆي زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك، تەبىئىيلىكنىڭ زىچ بىرلەشتۈرۈلۈشى ئارقىلىق كىشىگە شۇنداق تەبىئىي ۋە يېقىشلىق تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن. لېكىن باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان بۇ خاسلىق ئايالنىڭ پەقەتلا دىتىغا ياقمايدىكەن. بىر كۈنى بۇ ئايال خىزمەتدىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. خىزمەتدىشىنىڭ نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ زامانغا خاس بېزىگەن ئۆي جابدۇقلىرى، قىممەت باھالىق سۈنئىي گۈللەر ئايالنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈپتۇ. ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ. ئايال بالىسىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يىغىپ قويغان پۇلنى ئېلىپ ئۆي بېزەشتە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر – ئايال ئوتتۇرىسدا جېدەل ئۈزۈلمەپتۇ. ئايال ئامال قىلىپ ئەرنىڭ ياخشى كۆرگەن گۈللىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشپتۇ. ئايالنىڭ قىلغانلىرى ئەرنىڭ پەقەتلا ئىدىيەسىدىن ئۆتمەپتۇ. چۈنكى گۈللەرنىڭ يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئەرنىڭ پەقەت بىر ھەۋىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى توردىكى گۈل دۇكىنىنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشتۈرۈش ئەرنىڭ مەقسىتى ئىكەن. لېكىن ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش، بىر – بىرىنى چۈشەنمەسلىك ئايالدىكى باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاخىر بۇ ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ.
ئادەمدە ئادىمىيلىك ئېڭى بولۇش بىلەن بىللە قەلبىدە ئۆڭمەس گۈزەللىك بولۇشى كېرەك. ئىنسان قەلبىدىكى ئاشۇ ئۆڭمەس گۈزەللىك جاھانغا، ئەتراپقا باققىنىدا ئاندىن ھەقىقىي گۈزەللىككە ئىنتىلگەن بولىدۇ. مانا بۇ دۇنيانى، ھاياتنى، تۇرمۇشنى چۈشىنىشنىڭ نېگىزى.
شۇنداق باشقىلارغا ئوخشىماسلىقنىڭ ئۆزى بىر بەخت. بەلكىم سىز باشقىلاردەك گۈزەل بولمىسىڭىزمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن مەيۈسلەنمەڭ، پەقەت قەلبىڭىزدە ھەقىقىي گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش بولىدىكەن، دۇنياغا، ھاياتقا، جۈملىدىن تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا قەلبىڭىزدىكى چوغدەك يېلىنجاپ تۇرغان گۈزەللىك ئاساسىدا قارىيالىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلالىسىڭىز، سىز ئەڭ گۈزەل سانىلىسىز. شۇڭا ھۆسن جامالدا گۈزەل بولۇشلا مۇھىم ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بولۇش، قەلبى گۈزەل بولۇش ئەڭ مۇھىمدۇر. گەرچە گۈزەللىكنى سۆيۈش ھەممە ئىنساننىڭ ئورتاقلىقى بولسىمۇ، لېكىن گۈزەللىكنى سۆيۈشى، چۈشىنىشى تامامەن ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەبىئىي گۈزەللىكنى ياسىۋالغىلى بولمىغىنى بىلەن، قەلب گۈزەللىكىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن قەلب گۈزەللىكىنى ئۆز خاسلىقىڭىز قىلسىڭىز كىممۇ سىزنى گۈزەل ئەمەس دېيەلىسۇن.
پەرزەنت تەربىيەسىدىمۇ بالىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى، تەن ساپاسى، ئاساسى قاتارلىقلار بىلەن ھېسابلاشماي، باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش ئىدىيەسى بىلەن ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىمىزنى زورلاپ تاڭغىنىمىزدا، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يەلكىسىدىكى يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، ئۇلارنى چارچىتىپ ئۆگىنىشتىن بىزار بولىدىغان، تۇرمۇشتىن زېرىكىشلىك ھېس قىلىدىغان، ئاتا – ئانىلاردىن رازى بولمايدىغان قىلىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
دوستۇم، بالىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل قارىشىنىڭ بولۇشى، دۇنيادا پەقەت سىزدىن بىرسىلا بولۇشىڭىز، ئۆز قارشىڭىز، ئۆز پىلانىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ قۇرغان ئائىلىڭىز سىزنىڭ بەختىڭىز. شۇڭا باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن تىرىشماي، بار ئەۋزەللىكىمىزدىن، ئارتۇقچىلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بەخت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى