شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ھەمىدىن مىننەتتارمەن

2015-04-07 03:09:48 -0400 مەزمۇن تۈرى:
Pishikam2015-4-7پىسخىكام
ھەممىدىن مىننەتدارمەن

يولدۇشۇمنىڭ ھارغىن ھالدا كىرىسلودا ياتقانلىغىدىن مىننەتدارمەن، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ قاۋاقخانىلاردا يۈرمەستىن ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئوغلۇمنىڭ قاچا-قۇچىلارنى يۇيمايمەن دېيىشىدىن مىننەتدارمەن، بۇ ئۇنىڭ كوچىدىكى كىچىك لۈكچەكلەر ئارىلىشىپ قالماي، يېنىمدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
تاكسى شوپۇرىغا پۇل بەرگەنلىكىمدىن مىننەتدارمەن، بۇ مېنىڭ كىرىم مەنبەيىم بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
زىياپەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۆيۈمدىكى مالىمانچىلىقنى كۆرۈپ مىننەتدار بولدۇم ، مانا بۇ دوستلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن بولدى.
ئىلگىرى كىيگەن كىيىملىرىم كىچىك كېلىپ قالدى، بۇنىڭدىنمۇ مىننەتدارمەن، بۇ قۇرسىقىم تويغۇدەك تاماق يەۋاتقانلىقىمدىن بولغان.
تىرىكچىلىك ئۈچۈن كەچ يېتىپ سەھەر قوپۇپ ئىشلەشلىرىمدىن مىننەتدارمەن، بۇ مېنىڭ ساغلام ياشاۋاتقانلىقىمنىڭ بەلگىسى.
دېرىزە بۇزۇلۇپ قالدى، يۇندا يولى ئېتىلىپ قالدى، گۈللۈكتىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ كەتتى، مەن بۇنىڭدىن مىننەتدار، بۇ مېنىڭ ئائىلەم بارلىقىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ ئاران دېگەندە بىر ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىمدىن مىننەتدار بولدۇم، بۇ مېنىڭ يەنىلا تەلەيلىك ئىكەنلىكىمدىن بولدى.
يۇقىرى سوممىلىق توك چىقىم تالونىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە مىننەتدار بولدۇم، مانا بۇ ئۆيۈمنىڭ ئىسسىق، ھۇزۇرلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تېلېفون بېرىپ ئۆز دەردىنى بىر كېچە تۆكۈپ چىققانلاردىن مىننەتدار بولدۇم، بۇ مېنىڭ باشقىلارنىڭ ھال- دەردىگە يېتىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمدىن بولىۋاتىدۇ.
يۇيۇشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە كىيىم-كېچەككە قاراپ مەن مىننەتدار بولدۇم، بۇ مېنىڭ كىيىم-كېچەكتىن غېمىم يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ-ئىچىپ قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن مىننەتدارمەن، بۇ مېنىڭ ئائىلىنى بېقىپ كېتىش قابىليىتىم بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن ئەمدىلا سۈزۈلىۋاتقان تاڭنى كۆرگەنلىكىمدىن مىننەتدارمەن، بۇ مېنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقۇمدا تېخى ئوقۇپ بولالمىغان خەتلەرنى كۆرۈپ مىننەتدار بولدۇم، چۈنكى نۇرغۇن دوستلۇرىم مېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋېتىپتۇ.
ئەتراپىڭىزدىكى ئىشلاردىن مىننەتدار بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى