شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

2015_يىلى ساپ پاختا نىشانلىق باھاسنەڭ ھەر تونىسى 19100يۈەن بۇلدىكەن

2015-04-08 11:25:12 -0400 مەزمۇن تۈرى: مۇھىم خەۋەر
شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق پاختا نىشانلىق باھاسى ھەر توننىسى 19 مىڭ 100 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى
ھەممەيلەنگە تارقىتىپ قۇيۇڭ
جۇڭگو تەرەققىيات تورىنىڭ 8-ئاپرېل خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن ھاجىم تەرجىمىسى): ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى تور بېكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پاختا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخ پايدىسى، بازاردىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللار نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق پاختا نىشانلىق باھاسىنى ھەر توننىسى 19 مىڭ 100 يۈەن قىلىپ بېكىتتى..
2015-يىلى مەملىكىتىمىز داۋاملىق ھالدا شىنجاڭدا پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىنىقىنى يولغا قويىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى شىنجاڭنىڭ پاختىغا بېرىلىدىغان بىۋاسىتە تولۇقلىما نىشانلىق باھاسى ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاختا تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتقان. 2015-يىللىق شىنجاڭنىڭ پاختا بىۋاسىتە تولۇقلىما نىشانلىق باھاسى تېخىچە ئېلان قىلىنمىغانلىقتىن، قىسمەن پاختىكار دېھقانلار تولۇقلىمىنىڭ 2014-يىلىدىكىدىن تۆۋەن بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ پاختا تېرىش ئاكتىپلىقى تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىرلىشىپ تەشەببۇسكارلىق بىلە پاختا تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەڭشەش پىلان جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان، 2015-يىلدىكى ئازايتىلغان پاختا تېرىلغۇ ساپ كۆلىمى تۆت مىليون 665 مىڭ مو ئىكەن.
نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %50 تىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دۆلەتنىڭ زاپاس پاختا ئامبىرىدىكى زاپاس پاختا 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ بىر يىللىق پاختا ئىستېمال مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
باس تورى (@bas) | @ at 2015-04-08 11:43:
ياقشى ئىشكەن
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى