شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئادەملەر ننىمىشقا غەيۋەت قىلىشقا ئامراق

2015-04-27 21:01:49 -0400 مەزمۇن تۈرى:

غەيۋەت دېگەن نېمە؟ توردىكى راست-يالغانلىقىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان خەۋەرلەر، مۇلاھىزە مۇنبەرلىرىدىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان تېمىلار، ئەڭ كۆپ كۆچۈرۈپ بېسىلىدىغان مىكروبلوگلار، كىشىلەر قۇرۇق پاراڭ سېلىشقاندا زوق-شوق بىلەن سۆزلىشىدىغان پاراڭ تېمىلىرى، شۇنداقلا دوست-بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى ئورتاق ئاشكارە مەخپىيەتلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئۆزلىرىنىڭ <<چولپانلار غەيۋىتىگە، داڭلىق زاتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئامراق>> لىقىنى ئىپتىخارلانغان ھالدا ئېتىراپ قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما تور پونكىتلىرىدا مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرىدىغانلار ئەڭ كۆپ، گېزىت-ژۇرنال پونكىتلىرىدا سېتىلىدىغان مۇشۇ تۈردىكى ژۇرناللار ئەڭ كۆپ. دوستلار يىغلىشلىرىدا ئەڭ قىزىيدىغان پاراڭ تېمىلىرى يەنىلا مۇشۇنداق <<كوچا خەۋەرلىرى>>. كىشىلەر نېمە ئۈچۈن غەيۋەتكە ئامراق؟ پىسخولوگىيە ئالىملىرى نۇرغۇن تەتقىقات قىلىپ بۇنىڭ سىرىنى ئاچتى.
غەيۋەت قەدىمدىن تارتىپ مەۋجۇت
ئامېرىكا نوكېس ئىنىستىتۇتىنىڭ پىسخولوگىيە پېروفىسسورى فرانك ماك ئاندرېۋ غەيۋەت مودا مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، قەدىمدىن تارتىپ مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، غەيۋەت ۋە كوچا خەۋەرلىرى ئادەملەر توپىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش قورالى بولۇپ، ئادەملەر توپنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ كەلگەن. تاش قوراللار دەۋرىدە ئىنسانلار ئەجدادلىرى قەبىلە شەكىلىدە ياشىغان، ئۇلار بىر تەرەپتىن سىرتلارغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاش ۋە تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمكارلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەبىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ھوقۇق-مەنپەئەت كۈرىشى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. رەھىمسىز ياشاش مۇھىتىدا، شېرىكلىرى ۋە دۈشمەن ئۇچۇرىنى ئىگلەش ياشاش ۋە تەرەققىيات ۋاستىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن نامەلۇم خەتەرلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بايلىق مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىرقى زامان كىشىلىرىدىمۇ تۇغۇلۇش بىلەنلا غەيۋەت گېنى ساقلىنىپ كەلگەن.
غەيۋەت نېمە ئۈچۈن ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ
كىشىلەر چولپانلارنىڭ سەتچىلىكىنى گېزىت-ژۇرناللاردىن كۆرسە راھەتلىنىپ قالىدۇ. شاكىلات يېسە ئادەمنىڭ كەيپى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، بۇنىڭدىكى سەۋەب شاكىلات چوڭ مېڭىدىكى ئېندوفىننىڭ ئاجرىتىلىشىنى غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. تەدىرىجىي تەرەققىيات پىسخولوگىيە ئالىمى بېك دوكتور كىشلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن چولپانلار غەيۋىتىگە بۇنچىلىك قىزىقىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ، كىشىلەر چولپانلارنىڭ غەيۋىتىنى ئوقۇغاندا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ جىددىي قوزغىلىپ، خۇددى شاكىلات يېگەندەك چوڭ مېڭىنىڭ ئېندوفىن ئاجرىتىشىنى غىدىقلايدىغانلىقىنى بايقىغان. كىشلەر شاكىلاتنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئارتۇق كالورىيە قوبۇل قىلىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن پۇشايمان قىلىپ قالىدۇ. ئەمما، چولپانلار غەيۋىتى كىشىلەرگە شادلىق بېغىشلايدۇ، يەنە تېخى سەمرىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق! دېمەك، كىشىلەرنىڭ غەيۋەتكە خۇمار بولۇپ قېلىشى ئادەمنى راھەتلەندۈردىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
غەيۋەت بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ
ھازىرقى زامان تۇرمۇش رېتىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ، بېسىم بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، كىشىلەر ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرىنى تەڭشەشكە، تەشۋىشلىرىنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئاممىباب كۆڭۈل ئېچىش تۈرىگە ياتىدىغان غەيۋەتلەر بىزنىڭ چولپانلار ۋە مەشھۇر زاتلار ھەققىدە پاراڭ سېلىپ كەيپىمىزنى كۆتۈرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت يارىتىپلا قالماي، يەنە ئاچچىقىمىزنى چىقىرىپ، جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىشمىزگە ياردىمى بولىدۇ.
كىشلەر غەيۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز بېسىملىرىنى يەڭگىللىتىدۇ
ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق، دائىم غەيۋەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ جىمغۇر، كەم سۆز كىشىلەردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدىغانلىقىنى بايقىغان. كىشىلەر تۇرمۇش بېسىمى ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا قارىتا نارازىلىق ۋە ئاغرىنىشلىرىنى مۇۋاپىق ئىزھار قىلىپ، سەلبىي كەيپىياتنى ئىپادىلەپ ئىچىنى بوشىتىۋالسا، تەشۋىشلىرى يەڭگىللەپ قالىدۇ. غەيۋەت قىلىش لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇشى زۆرۈر بولمايدىغان تىل ئىپادىلەش شەكلى بولۇپ، دوكلات بېرىشكە ئوخشىمايدۇ، دېگەنلەرىگە مەسئۇل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، روھىي بېسىممۇ پەيدا قىلمايدۇ.
يېقىن مۇناسىۋەت غەيۋەت قىلىشتىن باشلىنىدۇ
پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، غەيۋەت قىلىش كىشىلەر توپىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈردىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، كىشىلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. غەيۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھىرلەنگىلى بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئوخشاش بىر <<توپ>>قا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېقىنلىق ۋە دوستلىقنى نامايەن قىلىپ، مەلۇم <<مەنىۋى كېلىشىم>> شەكىللەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى دوستلىشىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇ باشقىلارنى جەلپ قىلىش رولىنى ئويناپ، غەيۋەتچىلەرنى بىردەمدىلا مەركىزىي شەخىسكە ئايلاندۇرۇپ، غەيۋەتچىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرىدۇ.
كىشىلەرنىڭ غەيۋەت قىلىشقا ئامراقلىقى، غەيۋەتنىڭ ئاجايىپ زور كۆڭۈل ئېچىش رولى بولىدىغانلىقىدىنلا ئەمەس، يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغانلىقى، قىزىقىشى ئوخشاپ كېتىدىغان كىشلەرنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىق مۇناسىۋىتى تىكلىيەلەيدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پىسخولوگىيە ئالىمى روبىن دۇنبارنىڭ قارىشىچە، غەيۋەت بىر خىل ئىجتىمائىي ئەقىل بۆلۈنمىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، غەيۋەتكە ماھىرلىق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ماھىرلىقنىڭ ئىپادىسى. كوچا خەۋەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى كىشىلەرنىڭ خالىمايدىغان <<مەخپىيەتلىك قاتارىغا كىرىدۇ. ئەگەر كىمكى شۇنداق خەۋەرلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالسا، شۇ كىشىنىڭ كىشلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ، ياخشىلىقىنى ۋە پىكىرلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشقان بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئاياللار غەيۋەتكە تېخىمۇ ئامراق كېلىدۇ
بىز دائىم <<ۋات-ۋات خوتۇن>>، <<ئۇششاق سۆز خوتۇن>> دېگەن ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇنداقتا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا غەيۋەت قىلىشقا بەكمۇ ئامراقمۇ؟
پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ غەيۋەتكە ئامراقلىقى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ يېتىلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان قىزچاقلار ئورتاق مەخپىيەتلىك شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلىك ھايات ھەققىدە غەيۋتكە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھەممىسىنىڭ يېقىن سىردىشى بولىدۇ. بۇ، قىزلارنىڭ ھۇجرىسىدا ئۇششاق مەخپىيەتلىكلىرىنى ئۆزئارا ئېيتالايدىغان قىز دوستلىرى بار دېگەنلىك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قىزلار كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ئاپىسى بىلەن <<كۇسۇرلىشىپ>> چوڭ بولىدۇ، مانا بۇ كېيىنىكى يېقىن سىرداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىلىدۇر.
بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەتتىكى ئاياللارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئاياللارنىڭ غەيۋەتكە تېخىمۇ ئامراق بولۇشىنى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئاجىزراق بولىدۇ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن بىرقەدەر ئاسان ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە، تارقىتىشقا ئامراق كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈپ ئىگلىگەن خەۋەرلىرى قانچە كۆپ بولسا، كۆرگەن-بىلگنى شۇنچە كۆپ بولغان بولىدۇ. تەدىرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا، غەيۋەت قىلىشنىڭمۇ پايدىسى بار. قەدىمكى زاماندا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەر ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ كەينىدىن سۆز-چۆچەك تارقىتىش كۈن كەچۈرۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاياللار باشقىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقنى بىلىپ تۇرالىسا، ئۇلارنىڭ ياشاش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى، تۇرمۇشى تېخىمۇ ئوبدان ئۆتۈشى مۇمكىن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، غەيۋەتكە قانچىكى ئۇستا ئاياللارنىڭ كۈنى شۇنچىكى ئاسانغا چۈشۈشى مۇمكىن.
تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى