شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تاۋلىغۇچىسى

2015-04-28 04:17:13 -0400 مەزمۇن تۈرى:

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تاۋلىغۇچىسى
نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن تەرجىمىسى:
تەڭ دېمەتلىك ئىككى ياش يىگىت ئوخشاش بىر دۇكاندا ئوخشاش مۇئاش ئېلىپ ئىشلىدى. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىنلا ئانود ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئەمىلى ئۆسۈپ مۇئاشىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، بىراق بۇرون ئىسىملىك يىگىت يەنىلا جايىدا قەدەم ئېلىپ تۇرۇپ قالدى، بۇرون بۇنىڭغا تولىمۇ نارازى ئىدى، ئۇ ئاخىرى خوجايىننى ئىزدەپ كىردى دە، بىر ھازا قاقشىدى، خوجايىن تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ ئاغرىنىشلىرىنى زېھىن سېلىپ ئاڭلاش بىلەن بىرگە قانداق قىلىپ بۇ يىگىت بىلەن ئانود ئارىسىدىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلىدى دە ئېغىز ئاچتى: بۇرون ئەپەندى، سىز ھازىر توپ بازارغا بېرىپ بۈگۈنكى بازار ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كېلىڭ بۇرون بازاردىن قايتىپ كېلىپ خوجايىنغا بۈگۈنكى بازاردا پەقەت بىرلا دېھقان بىر ماشىنا ياڭيۇ سېتىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى، خوجايىن دېھقاننىڭ ماشىنىسىدا قانچىلىك ياڭيۇ بارلىقىنى سورىدى، بۇ چاغدا بۇرون شىلەپىسىنى كىيىپ توپ بازارغا يەنە پالاقشىپ كېتىپ قالدى، قايتىپ كېلىپ خوجايىنغا جەمئىي 40خالتا ياڭيۇ بارلىقىنى ئېيتتى، خوجايىن يەنە بۇ ياڭيۇلارنى قانچە پۇلدىن ساتقانلىقىنى سورىغىنىدا بۇرون ئۈچىنچى قېتىم بازارغا يۈرۈپ كەتتى. «خوش، سىز ھازىردىن باشلاپ بۇ يەردە سۈكۈت بىلەن ئانودنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈڭ»دېدى-دە ئانودنى چاقىرىپ ئوخشاشلا «بازا ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كېلىڭ» دەپ بۇيرىدى، ئانود تېزلا بازاردىن قايتىپ كەلدى-دە خوجايىنغا ھازىرغا قەدەر بازاردا پەقەت بىرلا دېھقان بىر ماشىنا ياڭيۇ سېتىۋاتقانلىقىنى، ماشىنىدا جەمئىي 40 خالتا ياڭيۇ بارلىقىنى، دېھقاننىڭ بۇ ياڭيۇلارنى قانچىدىن ساتقانلىقىنى، بۇ ياڭيۇلارنىڭ ئەلا سورتلۇق ئىكەنلىكى ئالايىتەن بىرنى خوجايىننىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە دېھقاننىڭ بىر سائەتتىن كېيىن نەچچە يەشىك شوخلا ئەكېلىپ مۇۋاپىق باھادا ساتىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن تۈنۈگۈن دۇكاندا شوخلىنىڭ تېز سۈرئەتتە سېتىلىۋاتقانلىقى ئامباردىمۇ ئازلا قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ خوجايىننىو شوخلا كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ دېھقاندىن بىر شوخلىنى ئۈلگە قىلىپ خوجايىنغا ئېلىپ كېلىپلا قالماي يەنە دېھقاننىمۇ چاقىرىتىپ ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ چاغدا ئانودنىڭ ئىپادىسىدىن مەمنۇن بولغان خوجايىن بۇرونغا مېھىرلىك بىلەن:«سىز ئەمدى نېمىشقا ئۇنىڭ مۇئاشىنىڭ سىزنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىڭىزمۇ؟»دېدى.
مەنبە: نۇر تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى