شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

توۋا

2015-06-24 21:52:20 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
توۋا

بىرى كەلسە دىدۇق مەرھابا،
بىرى كەتسە دىدۇق ئەلۋىدا،
بىرى كۈلسە مىڭى قايغۇدا،
ئەجەب دۇنيا ئىكەن بۇ توۋا.


گاھى بىزگە گۈللەر تۇتقۇزدى ،
ئاھ ، بەزىدە ئوغا يۇتقۇزدى ،
ئۇتتۇرغۇزدى ھەمدە ئۇتقۇزدى ،
ئەجەب دۇنيا ئىكەن بۇ توۋا.


بولدى قىلىچ بەزىدە يېكەن،
خەنجەر بولدى گاھىدا تىكەن،
دوستلار دۈشمەن بولدى ئىشەنگەن،
ئەجەب دۇنيا ئىكەن بۇ توۋا.


ئۆتتۇق ئاچلىق ھەمدە توقلۇقتا،
سىنار بىزنى بارلىق ، يوقلۇقتا،
گاھى خاقان ، گاھى قۇللۇقتا،
ئەجەب دۇنيا ئىكەن بۇ توۋا.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى