شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئاياللار سىرتتا ئېرىڭىزنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭ

2015-06-25 12:13:04 -0400 مەزمۇن تۈرى:
ئاياللار ئىرڭىزنىڭ يامان گىپىنى ئازراق قىلىڭ

ئاياللارنىڭ ئائىلە مەخپىيەتلىكنى ساقلشىمۇ بىر خىل گۈزەللىك

ئائىلە ئىككى يات جىنىستىكىلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىش ۋە تۇرمۇش قۇرۇشى ئارقىسىدا بارلىققا كېلىدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىكى بولىدۇ، ئەگەر بۇ مەخپىيەتلىك ئاشكارىلانسا، شۇ ئائىلىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە شۇ ئائىلىنىڭ قۇرۇلمىسىغىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرلەرنى يەتكۈزىدۇ.

ئاز ساندىكى ئاياللار ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈگۈل، باشقىلارنىڭ "ھېچكىمگە دېمەڭ" دەپ ئېيتىپ بەرگەن ئائىلە مەخپىيەتلىكىدىن تارتىپ "ئەسلىي ئەھۋالغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش" ئاساسىدا بايان قىلىپ، شۇ ئائىلىنىڭ ھەممە ئىشىنى باشقىلارغا ئاشكارىلايدۇ. يەنە بىر قىسىملار خىزمەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاتا-ئانىسى، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلسىمۇ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوبرازىنىڭ ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىدە بارا-بارا خۇنۇكلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئائىلىدىكىلەرنى باشقىلار كۆزگە ئىلمايدىغان، ھۆرمەتلىمەيدىغان، ئارىغا ئالمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، ئاخىرىدا ئائىلە بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.

باشقىلارغا ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ۋە ئائىلە مەخپىيەتلىكىنى ساقلىماسلىق بىر خىل ئەخلاقسىزلىق. ئېرىڭىزنىڭ، بالىلىرىڭىزنىڭ، قېيىنئاتا-قېيىنئانىلىرىڭىزنىڭ يامان گېپىنى باشقىلارغا قىلىپ بەرسىڭىز، ئۇلار سىزگە ياخشىسىنى بېرەمدۇ؟ شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىق ئەخلاقىڭىز، قابىلىيىتىڭىز، تەجرىبىڭىزگە باغلىق. كونىلار "ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن" دەپ ئېيتقان. ھەرقانداق ئادەم ئائىلىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ھەرۋاقىت ساقلىشى، باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەسلىكى كېرەك، دىمەك، ئائىلە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشمۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق.
ئېلان قۇبۇل قىلىش تېلفۇن نۇمۇرى 13779765476
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى