شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

چچ ياسغۇچى ماخوتىڭ

2015-06-30 05:56:14 -0400 مەزمۇن تۈرى: مۇھىم خەۋەر
ا QQ نى سېتىشنى ئويلىدى! سىز سېتىۋالامسىز؟

2015-06-30 RAIN FM1074

تېڭشۈن شىركىتى 1998-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان. بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى QQ نىڭ ئەسلىسى OICQ دەپ ئاتىلىشىنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىلگىرى ICO دەپ ئاتىلىدىغان ھازىر ۋاقىت پاراڭلىشىش يۇمشاق دىتالى بار ئىدى. 1997-يىلى ماخۇاتىڭ ICQ بىلەن ئۇچىراشتى، 1999-يىلى OICQ بارلىققا كېلىپ 2000-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن نامىنى QQ غا ئۆزگەرتتى.
ئەينى يىللاردا بىر مەزگىل QQ غا تىزىملىتىشتا ھەق ئېلىناتتى، كېيىن ھەرخىل پاراڭلىشىش دېتالى بارلىققا كەلدى، مەسلەن: UC پاراڭلىشىش دىتالى قاتارلىقلار.
ئۇنداقتا بەلكىم كۆپلىگەن كىشلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەينى يىلى QQ نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ماخۇاتىڭ ئەرزان سېتىۋېتىشكە تەييارلانغان، باھاسى ئاشۇ يىللاردا كىشلەر تامىقىنى چاكىلدىتىپ مەسخىرە قىلىدىغان 1 مىلىيون يۈەن باھا ئىدى، ئويلاپ باقساق بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئاچچىق يۈتىۋالدى.



ماخۇاتىڭنىڭ ئاشۇ يىللاردا QQ نى ئەرزان باھادا ساتماقچى بولغانلىق خەۋىرى ئىزچىل كەڭ تارقالغان. كىمنىڭ ئاساسلىق سېتىۋالغۇچى ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان پاراڭ بار.
1. لىيەنشىياڭ: بۇ ئالاقىدار كىشى ئۆزى ئاشكارلىغان نۇسخىسى. 21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2000-يىلى، QQ ئۆمىكى ئەمدىلا ۋاقىتلىق قۇرۇلغان لىيەنشىياڭ مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنى ئىزدىگەن، نەتىجىدە، ھەتتا دوكىلات جۇلىنەنگە ئەۋەتىلمەي تۇرۇپلا، قول ئاستىدىكى خادىم قاراپ بېقىپ چۈشەنمەيلا ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغان.
2. ۋاڭيى: بۇ تېڭشۈننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پىشقەدەم خادىمنىڭ ئاشكارلىغان نۇسخىسى. ما خۇاتىڭ ۋە دىڭلېينىڭ مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس، شۇڭا سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىقنى سورىغان، بىراق دىڭلېي ياقتۇرمىغان، سەۋەبى بولسا دىڭلېي ئەينى ۋاقىتتا ئېمەيىلنى بەكرەك ياقتۇرۇپ قالغان، ئۇ QQ نىڭ تېخنىكىسى بەل تۆۋەن دەپ قارىغان، شۇڭا نەتىجىسى بولمىغان.


3. گۇاڭدۇڭ تېلگىراف: بۇ تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان نۇسخىسى، ھەم سودا پۈتۈشۈشكە ئەڭ يېقىنلاشقان نۇسخىسى. تېڭشۈننىڭ 1 مىلىيون يۈەنگە ساتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، گۇاڭدۇڭ تېلگىراف شىركىتى پەقەت 600 مىڭ يۈەن چىقىرىشنى خالىغان، ماخۇاتىڭ ئەڭ دەسلەپتە قوشۇلغان، ئەمما گۇاڭدۇڭ تېلگىراف شىركىتىنىڭ ئادەملىرى ئىشخانىغا كېلىپ ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى يىغىشتۇرغان ۋاقىتتا، ماخۇاتىڭ پۇشايمان قىلغان، شۇڭا ساتمىغان. بۇ نۇسخىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، ئەمما ئازراق خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلى بار بولىشى مۇمكىن، ماخۇاتىڭ چوقۇم ئەڭ تۈپكى سودا پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدۇ.
5. جۇڭخۇا تورى: بۇ نۇسخىسىمۇ بار. 1999-يىلى 8-ئايدا جۇڭخۇا تورى نەق پۇل كۆتۈرۈپ QQ نى سېتىۋېلىشقا تەييارلانغان، جۇڭخۇا تورىنىڭ ئىلگىرى چېن تىيەنچىياۋغا مەبلەغ سالغانلىقى قوشۇلۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ نۇسخىسىنىڭمۇ مۇمكىنلىك دەرىجىسى ئاشقان، بىراق بۇ نۇسخىسىنى دەلىللەش ناھايىتى قىيىن.

阅读 12567 举报
ماخوتىڭ چچ دىتال ياسغۇچى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى