شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئىدىسوننىڭ سۈكۈت ئارقىلىق سودا قىلشى5

2018-02-25 21:54:24 -0500 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى


ﺳﯜﻛﯜﺗﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ داﯕﻠﯩﻖ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﺋﯧﺪﯨﺴﯘن ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮاف ﺋﺎﭘﭙﺎراﺗﯩﻨﻰ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﻗﯘرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺳﻮدا ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎراﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﻣﯩﻨﺎ ﺧﺎﻧﯩﻤﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎراﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي، ﺑﯩﺮدەم ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: 20 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﺎﺗﺎﻳﻠﻰ، دەﻳﺪۇ. ﺋﯧﺪﯨﺴﯘن: ﺑﯘ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪك ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، دەﻳﺪۇ. ﺋﯧﺪﯨﺴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎرارﻏﺎ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎﻧﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚرﮔﻪن ﻣﯩﻨﺎ ﺧﺎﻧﯩﻢ:
− مېنىڭچە بۇ باھا مۇۋاﭘﯩﻖ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻏﺪا ﺳﯩﺰ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ دﯦﻤﻪڭ، ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪر ﺋﯚزى ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺴﯘن، − دەﻳﺪۇ.
ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪي ﺑﯩﺮ ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﺋﯧﺪﯨﺴﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯧﺪﯨﺴﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮراﻳﺪۇ. ﺋﯧﺪﯨﺴﯘن 20 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪك ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺳﻮدﯨﮕﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜرﺋﻪت ﻗﯩلاﻟﻤﺎي، ﺳﯜﻛﯜت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯧﺪﯨﺴﯘن زادﯨلا ﺑﺎﮬﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎي، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺗﺎﻗﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘراﻟﻤﺎي:
ــــ ئۇنداﻗﺘﺎ ﻣﻪن ﺋﺎۋۋال ﺑﺎﮬﺎ ﻗﻮﻳﺎي، 100 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق؟− دەﻳﺪۇ.
ﺑﯘ ﺑﺎﮬﺎ ﺋﯧﺪﯨﺴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎن ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ دەرﮬﺎل ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮدﯨﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺪﯨﺴﯘن ﺧﺎﻧﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎق ﻗﯩﻠﯩﭗ:
بىردەﻣﺪﯨلا 80 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻳلاﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن، − دەﻳﺪۇ.
ﺷﯘﻧﺪاق، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪا ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺗﯘرۇپ، ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﺎﯕلاﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﻪﮬﯟاﻟلاردا، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪە، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ﺳﯜﻛﯜت ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﺪﯨﺴﯘن 80 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪەك ﭘﺎﻳﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮاق ﺋﯘ ﻛﯚزﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘپ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺳﯜﻛﯜﺗﻨﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەپ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﺴﺎق، ﺑﻪزﯨﺪە ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎردﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜل ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ
ئىدىسوننىڭ سۈكۈت ئارقىلىق سودا قىلىشى
2018-02-25 IzdenMuellim
سالۇندىن ئېلىندى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2018-02-26 02:29:
نادىر تېمىلار
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى