شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بالىڭىزنى ئۇرۇپ تىللىماي بۇ 9 ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ ئىلمىي جازالاڭ

2018-03-01 00:26:15 -0500 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى

بالىلارنى تەربىيلەشمۇ ئىلمىي بولسۇن



بالىلار خاتالىق سادىر قىلسا ئاتا-ئانىلار قانداق جازالىشى كېرەك؟
دىققەت جازالاشتا ئۇسۇلغا دىققەت قىلماي كەتكۈزۈپ قويسىڭىز، بالىغا ئەكىس ئۈنۈم بېرىپ، سىز بىلەن قارشىلىشىدىغان قىلىپ قويىسىز، شۇڭا بالا بەك غەلۋە قىلىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ يالغان ئېيتىپ، ناچار مىجەز يېتىلدۈرۈۋالسا قانداق قىلىمىز؟ سىزگە توققۇز چارە ئۆگىتىپ قوياي.

1. جازالاپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: غەلۋە قىلىپ توختىمىسا، دوستلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا
جازا ئورنى:
*ئۆيدە مەخسۇس «جازا بۇلۇڭى» تەسسىس قىلىپ، يۇمشاق ئورۇندۇق ياكى يۇمشاق كۆرپە سېلىپ قويۇڭ.
*قوڭغۇراقلىق سائەت تەييارلاپ ۋاقىتقا توغىرلاپ قويۇڭ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:
*جازالايدىغان ئورۇن ئىشىككە ئۇدۇل كېلىدىغان جاي بولمىسۇن.
*جازالايدىغان ۋاقىتنى چوقۇم ئېنىق بەلگىلەڭ، بالىغا مۇنچىلىك تۇرىسەن دەپ ئۇقتۇرۇپ قويۇڭ.
*جازالاپ بولغاندىن كېيىن بالىغا جازالىنىشتىكى سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

2. نەسىھەت قىلىش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: دوستىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئويۇنچۇق تالاشسا
جازا ئۇسۇلى:
*قولىڭىزدىكى ئىشنى قويۇپ قويۇپ بالىنىڭ يېنىغا بېرىڭ، بالىغا سىزنىڭ دىققەت قىلىۋاتقىنىڭىزنى، كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
*بالىدىن جېدەل قىلىش، ئۇرۇشۇشنىڭ سەۋەبىنى سوراڭ، بالىنىڭ بايانلىرىنى سەۋىر قىلىپ ئاڭلاڭ.
*بالىغا ئادەم ئۇرۇشنىڭ، نەرسە تالىشىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىڭ، بالىغا: «مەرھەمەت، رەھمەت، كەچۈرۈڭ» دېگەندەك گەپلەرنى ئۆگىتىڭ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا:
*يۇقىرى ئاۋازدا بالىغا ۋارقىرىماڭ، تەھدىت سالماڭ
*بالىنى سىلكىشلىمەڭ، يۇقىرى ئاۋازدا كايىماڭ
*تىل سېلىش بىلەن بالىنىڭ غورۇرىغا تەگمەڭ

3. ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش
قوللىنىدىغان ۋاقىت:
قالايمىقان رەسىم سىزسا، ئويۇنچۇقلىرىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى خالىغانچە تاشلىسا
جازا ئۇسۇلى:
بالىغا بىر تال دەسمال، سۈپۈرگە، داس دېگەندەك تازىلىق سايمانلىرىدىن بېرىڭ، بالىغا تازىلىق قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.
دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
*ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، كىچىكرەك بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى يېتەكلىشى كېرەك.
*بۇ ئۇسۇل بالىلارنى نەرسىلەرنى جايىغا قويۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق، بالىلاردىن ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش جەريانىدا نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سوراپ بېقىش كېرەك.

4. رەسىم سىزدۇرۇش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: ئادەم تىللىغاندا، باشقىلارنى تاتىلاش، تېپىش، چىشلەش دېگەندەك ئۇششاق سەۋەنلىكلىرى كۆرۈلگەندە
جازا ئۇسۇلى:
*ئۆيدە ئايرىم بىر ئۈستەل قويۇش (ئادەتتە ئىشلىتىدىغان كىتاب ئۈستىلى، تاماق ئۈستىلى، مېھمان ئۈستىلى دېگەندەك ئەمەس، بولمىسا بالا كېيىن بۇنداق ئۈستەلنى كۆرسىلا قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.)
*بىر رەسىم دەپتىرى، رەڭلىك بوياق قەلەم تەييارلاپ يۈز بەرگەن ۋە خاتا قىلغان ئىشلىرىنى سىزدۇرۇش.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا:
بۇ ئۇسۇل سەنئەتلىك داۋالاش بولۇپ، چوڭلار بالىلارنىڭ رەسىمىدىن كۆڭلىدىكى خىيالىنى بىلەلەيدۇ، بالىنىڭ غورۇرىغا دەخلىسى بولمايدۇ.

5. جازالاپ تۇرغۇزۇپ قويۇش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: قەستەن ئېگىزدىن پەسكە سەكرەپ ئويناپ، قالايمىقان يۈگرەپ گەپ ئاڭلىمىغاندا.
جازا ئۇسۇلى:
*ئۆيدە بىر «جازا رايونى» تەسسىس قىلىش، ئورنى ئىشىككە يېقىن ئەمەس جايدا بولۇش.
*بىر قوڭغۇراقلىق سائەت تەييارلاپ، بالىغا جازا ۋاقتىنى بېكىتىپ بېرىش.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا:
*جازا رايونى بەك كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا بولماسلىق، ئىشىككە يېقىن بولماسلىقى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ غورۇرىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
*جازالاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىق، بولمىسا ئەكىس ئۈنۈم بېرىپ قويىدۇ.
*جازالىنىپ بولغاندىن كېيىن بالىغا سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىش، بالىنىڭ زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

6. كىتاب ئوقۇپ خەت يازدۇرۇش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: زوراۋانلىق خاھىشى بولغاندا، يالغان ئېيىتقاندا، قولى ئەگرى چىقىپ قالغاندا
جازا ئۇسۇلى:
*ئۆيدە بىر جازا رايونى تەسسىس قىلىپ، بىر يۇمشاق ئورۇندۇق ياكى كۆرپە قويۇپ قويۇش.
*قېرىنداش قەلەم، رەسىم دەپتىرى، رەڭلىك قەلەم، ھېكايە كىتاب دېگەنلەرنى قويۇپ قويۇش
*بالىغا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ خەت يېزىش ياكى كىتاب كۆرۈش، بالىنىڭ غەزەپلەنگەن كەيپىياتىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش
دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
*بالىنىڭ غەزىپىنى بېسىش ھەققىدە شۇ زامان تەربىيە قىلماڭ، بالا بىلەن ئارىلىق ساقلاڭ، بالا بىلەن كەيپىياتىڭىزنى پەسكويغا چۈشۈرۈڭ.
*كەيپىياتى تىنىچلانغاندىن كېيىن بالىنى خاتالىق ئۆتكۈزگىلى سالغان سەۋەب ھەققىدە سوراپ بېقىڭ.

7. ئامراق ئويۇنچۇقىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىشتۇرمىسا، نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلىسا، كەچكىچە غەلۋە قىلىپ توختىمىسا.
جازا ئۇسۇلى: ئەڭ ئامراق ئويۇنچۇقىنى يىغىۋېلىپ مۇسادىرە قىلىپ جازالاڭ.
دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
*ئاۋۋال قولىڭىزدىكى ئىشىڭىزنى قويۇپ قويۇڭ، بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسۇن.
*ئالدى بىلەن بالىغا قالايمىقان تاشلىغانلىرىنى رەتلەپ قويۇشنى، غەلۋىسىنى توختىتىشنى، بولمىسا جازالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.
*بالىغا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ نېمىشقا ئاچچىقلانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىڭ.

8. ئۇرۇقلارنى رەتلەتكۈزۈش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: دائىم قانائەت قىلمىسا، نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلىسا
جازا ئۇسۇلى:
*يەشىك، تەخسە، قىزىل، يېشىل دېگەندەك رەڭلىك ئۇرۇقلار، بىر قانچە تال سۇلياۋ قۇتا تەييارلاڭ.
*بالىنى جازا ئۈستىلىدە ھەر خىل رەڭلىك ئۇرۇقلارنى توغرا ئورۇنغا سېلىشقا دەۋەت قىلىڭ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:
*ئەگەر بالا ئەسلىدىمۇ ناھايىتى قۇلاق كەستى بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا باشتا جازالاپ تۇرغۇزۇپ قويۇش ياكى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش بىلەن جازالىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
*بۇ ئۇسۇل بالىلاردا نەرسىلەرنى جايىغا يىغىشتۇرۇش ئادىتىنى، كۆز بىلەن قولنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى، ئايرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.

9. بىر قىسىم ھوقۇقلىرىنى، تەلەپلىرىنى چەكلەش
قوللىنىدىغان ۋاقىت: چىشىنى چوتكىلىغىلى ئۇنىمىسا، تاماق تاللىسا، قالايمىقان نەرسە تاشلىسا
جازا ئۇسۇلى: بالىغا يېيىشكە ۋە ئويناشقا ئامراق نەرسىلىرىگە يېقىن كەلمەسلىك جازاسى بېرىڭ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:
*تەھدىت ۋە غەزەپ پوزىتسىيەسى بىلەن بالىغا ۋارقىراپ گەپ قىلماڭ.
*بالا بۇ ھوقۇقلىرىنىڭ نېمىشقا ئېلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلسۇن، بالا كۈندىلىك تەرتىپىگە قايىتقاندا ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىڭ.
مەنبە: نۇر تورى

ساغلام پىسخىكىڭىز پاكيولدىن باشلىنىدۇ



سىز ئۈچۈن تەييارلىغان مەزمۇنلار سىزگە ياققان بولسا ئەجرىمىز ئۈچۈن چەمبىرەككە يوللاپ قۇيۇڭ!
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى