لۇ شۈن ئەپەندىمنىڭ بالا تەربىيىلىشنىمۇ ئۆگەنسەك بولىدۇ
ئارىمىزدا مىجەزى چۇس، ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغان ئاتا-ئانىلار ئاز ئەمەس، ئۇلار بالىلىرىنىڭ خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى بايقاپلا قالسا، بىردىنلا جۇدۇنى تۇتىدۇ-دە، بالىنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ، ئەزەلدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ بالىسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ، بالىنىڭ چۈشەنچە بېرىشىگە پۇرسەت بېرىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ، ئەمما ئىشتىن كېيىن بۇ يەردە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقلار بارلىقىنى بىلىپ لېۋىنى چىشلەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىغا تەربىيە بېرىش جەھەتتە داڭلىق يازغۇچى لۇ شۈندىن ئۆگىنىپ قويسا تامامەن بولىدۇ. بىر كۈنى لۇ شۈن بىرنەچچە دوستىنى ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلغانىدى، ئارىلىقتا ئۈستەلگە بىر تەخسە بېلىق گۆشى كومىلىچى قويۇلدى، ئۇنىڭ خوتۇنى يەنە بىر كىچىك تەخسىگىمۇ بېلىق گۆشى كۇمىلىچىنى ئۇسۇپ، ئوغلى جۇۋ خەييىڭنىڭ ئالدىغا قويدى، جۇۋ خەييىڭ ھەرىكىتى كۆپ بالا ئىدى، ئۇ ئالدىغا قويۇلغان بېلىق گۆشى كومىلىچىدىن بىرنى ئېلىپ ئاغزىغا سالغاندىن كېيىن، قورۇمىنىڭ تەمىنىڭ دېگەندەك يېڭى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ: «بۇ قورۇما بۇزۇلۇپ قاپتۇ» دېدى. بىراق كۆپچىلىك تەخسىدىكى قورۇمىنى يەپ كۆرگەندىن كېيىن، قورۇمىدا مەسىلە يوقلۇقىنى ئېيتىشىپ، ئۇنى قالايمىقان گەپ قىلغانغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. ئەمما لۇ شۈن ئوغلىنىڭ پىكرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى، يەنى ئۇ ئوغلىنىڭ ئالدىدىكى قورۇمىدىن بىر چوكا ئالغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن تەمىدە مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلىپ ئاغزىدىكى قورۇمىنى چىقىرىۋەتتى ۋە مۇنداق دېدى: _ بالا قورۇمىدا مەسىلە بار دېگەنىكەن، چوقۇم ئۇنىڭ ئاساسى بولىدۇ، شۇڭا بالىلار دېگەن ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، يېقىندا مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم: بىر كۈنى ئاپتوموبىللار غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان چوڭ يولدا كېتىۋاتاتتىم، بىر چاغدا يولنىڭ ياقىسىدا بار ئاۋازىنى قويىۋېتىپ ئوغلىنى تىللاۋاتقان بىر ئانىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، بالىنىڭ بوينىدا قىپقىزىل گالىستۇك بار ئىدى، بىر قارىماققا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- ياكى 3-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى ئىدى، بالىنى ئەيىبلەيدىغان گەپلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىۋاتاتتى، بىراق بالىنىڭ چىرايىدىن ئانىسىنىڭ گەپلىرىگە تازا قايىل بولمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئانا بالىنىڭ بىلىكىنى قاماللاپ تۇتۇپ كۈچەپ تارتتى، بۇ چاغدا ئۇ بالىسىغا تەربىيە بېرىۋاتقان ئانىغا ئوخشىمايلا قالغانىدى، بەلكى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىشكىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان قوزىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان ئېچىرقاپ كەتكەن ياۋۇز بۆرىگە بەكرەك ئوخشايتتى، بۇنداق قىياپەت كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا تەربىيە بېرىشتىكى مۇددىئاسى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقكەن بىر ئانا مۇنداق ئادەم كۆپ چوڭ كوچىدا شەپقەتسىزلىك بىلەن بالىسىنى ئەيىبلەپ ھەم تىللاپ يۈرسە، ئۇنداقتا بۇ بالىغا روھىي جەھەتتىن زەربە بولۇپ قالمامدۇ؟ ئاتا-ئانىنىڭ بالىنى تەنقىدلەپ تەربىيە بېرىشىگە قەتئىي بولمايدۇ دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق مۇنداق ئەھۋاللاردا بالىغا قاتتىق گەپلەر بىلەن تەربىيە بېرىشتىن ھەزەر ئەيلىگىنى ياخشى: بالا ئاغرىپ قالغان چاغدا، ئادەم كۆپ يەردە، ئاتا-ئانىنىڭ كەيپىياتى مۇقىم بولمىغان چاغدا، بالا ياكى ئۆزى قاتتىق چارچاپ كەتكەندە، مەسىلىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىقلاشتىن بۇرۇن، بولۇپمۇ بالا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ياكى زەربە يەپ كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كەتكەن چاغدا. شۇنداق، ناۋادا بالىڭىزنى ئۈنۈملۈك تەربىيىلىمەكچى بولسىڭىز، خۇددى لۇ شۈنگە ئوخشاش مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىشىڭىز، بالىڭىزنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىز ۋە سەۋرچان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىلىشىڭىز كېرەك. مەنبە: نۇر تورى
ساغلام پىسخىكىڭىز پاكيولدىن باشلىنىدۇ
سىز ئۈچۈن تەييارلىغان مەزمۇنلار سىزگە ياققان بولسا ئەجرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىۋەتسىڭىز؟ قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ! 投诉