شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دېھقان دوسلار ئۈچۈن

2018-04-07 12:15:43 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى
مىۋىلىك باغلارنى سۇغۇرىش ھەققىدە چۈشەنچە .
مىۋىلىك باغلارنى سۇغۇرۇش بولسا باغ بىنا قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئىش ھىساپلىنىدۇ . سۇغۇرۇشنىڭ مىۋىلىك دەرەخكە بولغان تەسىرى ؛ نەملىك تۇلۇقلاش ، ئۇزۇقلۇقلارنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، تىمتۇراتۇرنى تۈۋەنلىتىش قاتارلىق رۇلى دەرەخ تۈرىگە ، چۇڭ-كىچىكلىكىگە ، يەرنىڭ ئەھۋالىغا ،سۇغۇرىش ۋاقتىغا ،سۇغۇرۇش مىقدارىغا ، سۇغۇرۇش ئۇسۇلىغا ۋە سۇنىڭ مەنبەسىگە قاراپ ئۇخشاش بولمايدۇ .مەسلەن ؛ بەزى دەرەخلەرنىڭ نەملىككە بولغان ئىھتىياجى بەزى دەرەخلەرگە قارىغاندا تۈۋەن بولسا ،بەزى دەرەخلەرنىڭ يۇقىرى بۇلىدۇ . كىچىك كۈچەتلەرنىڭ چوڭ دەرەخكە قارغاندا سۇغا بولغان تەلىپى سۇغۇرۇش قېتىم سانى كۆپ ،مىقدارى ئاز بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . يەر ئاستى سۇ ئۇرنى تۈۋەن قۇرغاق رايۇننىڭ سۇ ئورنى يۇقىرى ، زەي يەرلەرنىڭ سۇغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بۇلىدۇ . ئەكىسچە بولغاندا تۈۋەن بۇلىدۇ . h ئۈسۈش مەزگىلىدە ئۇخلاش مەزگىلىگە قارغاندا سۇغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بۇلىدۇ . تىمتۇراتۇرا تۈۋەن چاغدا سۇغۇرۇغ قېتىم سانى ئاز بۇلۇشى تەلەپ قىلىندۇ . مەسلەن چىچەك مەزگىلدە سۇغۇرۇشقا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئەتىيازدا تىمتۇراتۇرا تۈۋەن بولغاچقا بۇ چاغدا سۇغارسا يەرنىڭ تىمتۇراتۇرسىنى تۈۋەنلىتىۋىتىپ ئۇزۇقلۇقلارنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ئاستىلاپ كىتىپ چىچەكلەرگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي چىچەك تۈكۈلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
باغلارنى سۇغۇرۇشتا ئاساسلىقى ئۆستەڭ سۈيى ۋە قۇدۇق سۈيى بىلەن سۇغۇرلىدۇ ۋە تۇزلۇق سۇ ۋە تاتلىق سۇ دەپ ئايرىلىدۇ . ئۆستەڭ سۈيى مەيلى زىرائەت بولسۇم مەيلى مىۋىلىك باغ بولسۇن ناھايىتى ياخشى سۇ ھىسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ماددىلار بار بۇلۇپ دەرەخنىڭ ساغلام ، تىز ئۈسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . قۇدۇق سۈيىدە كالتىسىي بىلەن ئوكسىگېن مىقدارى ئاز بۇلۇپ مۇۋاپىق سۇغارمىغاندا ئاسانلا تۈمۈر يىتىشمەسلىك كىسىلى ، يۇپۇرماق سارغىيىش كىسىلى ، ۋە يىلتىز چىرىش كىسىلى كۈرىلىدۇ . باغنى سۇغۇردىغان سۇ تۇزلۇق بولغاندا ( ئىچىپ باقسا ئاچچىق ئەمەس لىكىن قايناتسا ئاچچىق بۇلىدىغان سۇ كۆزدە تۇتۇلدى .) كۈچەتنىڭ ئۈسىشى ئاستا، بۇغۇم ئارلىقلىرى قىسقا ، غۇل قىسىمى يىرىك ،مىۋىسى ئۇششاق بۇلۇپ قالىدۇ .
سۇغۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ؛ كۆپرەك قوللىندىغان ئۇسۇللاردىن يەرنىڭ ئەھۋالىغا ، دەرەخ تۈرىگە ،ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىغا ،چوڭ كىچىكلىكىگە ، ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ باستۇرۇپ سۇغۇرۇش ، چۆنەكلەپ سۇغۇرۇش ، دائىرگە ئېلىپ سۇغۇرۇش ۋە تېمىتىپ سۇغۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىدۇ .
ھازىر كۆپ قىسىم باغلاردا باستۇرۇپ سۇغۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىدىغان بۇلۇپ بۇنىڭ پايدىلىق تەرپىمۇ زىيانلىق تەرپىمۇ بار . باستۇرۇپ سۇغۇرۇش ئۈچۈن تۈز يەرگىلا سۇ ئاچىدىغان بولغاچقا بۇنىڭغا ھېچقانداق چىقىم ۋە ئەمگەك كۈچى كەتمەيدۇ ، شور ئۆرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . لىكىن باستۇرۇپ سۇغارغاندا ئاسانلا سۇنىڭ زىيىنىنى ۋە ھەر خىل كىسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
چۆنەكلەپ سۇغۇرىش ؛ بۇ ئۇسۇل كۈپۈنچە كىچىك كۈچەتلەرگە قوللىندىغان بۇلۇپ ، بۇنداق سۇغۇرۇشنىڭ كۈچەتلەرنىڭ تۈۋىدە ئۇزۇن ۋاقىت سۇ تۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە باغ ئارسىغا تېرىلغان زىرائەتلەر بىلەن ئايرىم سۇغارغىلى بۇلىدۇ .بۇ ئۇسۇل ئاساسەن بىر يىللىقتىن ئۈچ يىللىققىچە بولغان كۈچەتلەرگە ماس كىلىدۇ .
دائىرگە ئېلىپ سۇغۇرۇش ؛ بۇ سۇغۇرۇش ئۇسۇلى بولسا باستۇرۇپ سۇغۇرۇش بىلەن چۆنىكلەپ سۇغۇرۇشنىڭ ئوتتۇردا تۇردىغان بۇلۇپ بۇ ئۇسۇلدا سۇنىڭ زىينىنى مۇۋاپىق تۈۋەنلەتكىلى بۇلىدۇ .ۋە چوڭ مىۋىلىك باغلارغا قوللىنىشقا بۇلىدۇ .
تېمىتىپ سۇغۇرۇش ؛ بۇ ئۇسۇل ھازىرقى زامانىۋىي باغ بىنا قىلىشتا قوللۇنۇشقا تىگىشلىك ئۇسۇل بۇلۇپ شارائىت يار بەرسە تېمىتىپ سۇغارسا يۇقىردىكى ئۇسۇللارغا قارغاندا كۆپلىگەن ئەۋزەللىككە ئىگە . مەسلەن ؛ كۈچەتلەرنى تېمىتىپ سۇغارغاندا تۇتۇش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى ۋە ساغلام ئۈسۈشنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ . ئۇغۇتلاش ،سۇغۇرۇش ئىشلىرى تېخىمۇ قۇلايلىشىدۇ ، تۇپراقنىڭ قېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ،مۇۋاپىق نەملىك تۇلۇقلاپ كۈچەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ .ياز كۈنلىردىكى تۇمۇز ئىسسقتا سۇغۇرۇش قېتىم سانىنى كۈپەيتىپ تۇپراق تىمتۇراتۇرسىنى تۈۋەنلىتىپ يىلتىزلارنىڭ يۇقىرى تىمتۇراتۇرنىڭ تەسىرىنى ئازايتقىلى ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ . ئۇغۇتلاشتا تېمىتىپ سۇغۇرۇش بىلەن ئۇغۇتلىغاندا ئەمگەك كۈچى ۋە ئوغۇتنى تىجەپ قالغىلى بۇلىدۇ .
ئاخىردا ئەسكەرتىدىغىنىم ؛ مەيلى قانداقلا سۇغۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنايلى چۇقۇم ئۈزىمىزنىڭ شارائىتىنى ، باغنىڭ شارائىتىنى ،سۇنىڭ شارائىتىنى ۋە يەرنىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىلمىي بولغان سۇغۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .



2-كىۋەز ئېتىزدىكى ئىشلار
كىۋەز ئېتىزلىردىكى ئىشلىتىدىغان ئوت ئۆچۈرۈش دورىلىرنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە كىۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى .
1-ئۇرۇقنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش.
كىۋەز ئۇرۇقنى سېتىۋالغاندىن كىيىن بىۋاستە تىرىماي 8-10سائەت ئەتراپىدا نىپىز يېيىتىپ قۇرۇتۇش كىرەك . ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇرۇق سالقىن، كۈنگەي يەردە ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇقتا مەلۇم مىقداردا نەملىك بۇلىدۇ. بۇ نەملىك ئۇرۇق تىمپىراتۇرسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى، يەردىكى نەملىكنىڭ ئۇرۇق تەرپىدىن سۈمۈرلۈشىنىڭ ئاستا بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . نەتتىجىدە ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى، ئۈنۈپ چىقىشى ئاستا بۇلۇش، كىۋەز مايسا مەزگىلدىكى تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2-دورا چىچىش
يەرنى ھەيدەپ بولغاندىن كىيىن دۇرنىڭ تۇپراق بىلەن تەكشى، چوڭقۇر - تېيىزلىقى بىر خىل ئارلىشىشى ئۈچۈن، بىر قېتىم ياڭبەن سېلىپ يەرنى تەكشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن دورا چېچىش كىرەك . ھەر مو يەرگە 40-50كىلوگىرام سۇ چىچىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . سۇ بەك ئاز، دورا بەك كۆپ بۇلۇپ كىتىشكە بولمايدۇ .
3-دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش
ئادەتتە يەرنىڭ مۇنبەتلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن دورا مىقدارىنى بىكىتىش كىرەك . ئەگەر يەر بەك مۇنبەت بولسا دورا مىقدارىنى كۆپرەك قىلىپ چېچىش، يەر بەك ئاجىز بولسا دورا مىقدارىنى ئازراق قىلىپ تەڭشەپ چېچىش كىرەك . تەخمىنەن ھەر بىر مو يەر ئۈچۈن 50گىرام ئەتراپىدا پەرىقلەنسە بۇلىدۇ .
4-يەرنىڭ تىمپىراتۇرسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
دورا چېچىپ بولغاندى كىيىن دەرھال ئۇرۇق سالماي يەرنى 24سائەت ئەتراپىدا ئاپتاپقا سېلىش كىرەك . بۇنداق بولغاندا تۇپراق تىمپىراتۇرسى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ قالماستىن دورا ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ . مايسىلارنىڭ ئۈنۈپ چىقىشغىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق بۇلىدۇ .
5-ئېتىزدىكى ئوت- چۆپ تۈرىگە قارىتا دورا بەلگىلەش
يىقىنقى يىللاردىكى سىناق نەتتىجىسىدىن شۇنداق نەرسە ئىنىق بولدىكى ئوت - چۆپ ئۇرۇقى ۋە ئوت - چۆپلەرنىڭمۇ بىر خىل دورىنى ئۇدا ئىشلىتىشكە قارىتا بەلگىلىك قارىشلىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا % 33لىك ئېر جىيا ۋۇ لىڭ دورىسىنىڭ ھەر 150-200گىرام دورىغا % 48لىك فۇ لې لىڭ دورسىدىن 15گىرام ياكى%90خې نەي سى دورسىدىن 15گىرام ئارلاشتۇرۇپ 40-50كىلوگىرام سۇ بىلەن بىر مو يەرگە چاچقاندا ئوت -چۆپلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان.
6-قۇر ئارلىقىنى يۇمشىتىش
نۇرغۇن دىھقانلىرىمىز % 10-% 20ئەتراپىدا مايسا چىقىشقا باشلىغاندا قۇر ئارلىقىنى يۇمشىتىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەتياز پەسىلدىكى تىمپىراتۇرا تۇلا ئۆزگىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا يەر ئاستىنىڭ تىمپىراتۇرسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . قۇر ئارلىقىنى يۇمشىتىش ئارقىلىق يەر ئاستى تىمپىراتۇرنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مايسىلارنىڭ تىز ئۈنۈپ چىقىشى ۋە تۈرلۈك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئونسۇ قىزىل بازىرىدىكى دېھقانلار شاتلىقى دېھقانچىلىق خېمىيىۋى مەھسۇلات سېتىش ئورنىڭ مەھسۇلى ،باغۋەنچىلىك تېخنىك مەمەتجان تەييارلاپ بەردى،
دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ھەل بولمىغان ئەھۋال بولسا مەھسىلەت سوراڭ ،تېلفون :13899240701.؛13899240702
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن باغۋەنچىلىك سالۇندا

سېرىق يۆگەي يوقتىش توغرىسىدا سىزسېرىق يۆگەينىڭ تارىخنىشى ۋە زىيان سېلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ،نۇرغۇن ئۆسۈملۈكتەپارازىتلىنىپ زىيان سالىدۇ.كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىغاپايدىلىق شارائىت يارىتىپ زىياننى ئېغىرلاشتۇرىدۇ سېرىق يۆگەينىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا ئەتىيازدا ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن بەك كېڭىيىپ كەتسە كونترول قىلىش تەسكە توختايدۇ، ئالدىنى ئېلىش يوقىتىشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. ھەرقانداق 1 زىرائەت ئۇرۇقنى تېرىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇققا ئارىلىشىپ قالغان سېرىق يۆگەي ئۇرۇقىنى پاكىز ئېلىۋېتىش كېرەك.تېرىشتىن ئىلگىرى تۇپراقنىڭ 20 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرۇش ياكى يەر يۈزىگە قېلىنراق توپا يۆتكىۋېتىش كېرەك چۈنكى سېرىق يۆگەي ئۇرۇقى بەش سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا كۈلۈپ كۆمۈلۈپ قالسا ئۈنۈپ چىقالمايدۇ. ئېتىزدا سېرىق يۆگەي ئاز بولسا يوللىۋېتىش كۆپۈنۈپ كەتسە سېرىق يۆگەي يوقىتىش دورىسى چېچىش ئارقىلىق يوقىتىش كېرەك. چارۋاماللارغىدا سېرىق يۆگەي ئۇرۇقنى ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدۇ شۇڭا ئۇنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تولۇق چىرىتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەرمېۋىلىك باغلاردا سېرىق يۆگەيى كۆرۈلسە تېزدىن يوقىتىپ كىچىكلەپ ئۇرۇق تۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سېرىق يۆگەينى يوقىتىشتا بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش مۇھىت بۇلغىمايدىغان ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ قوللىنىشقا ئەرزىيدۇ.لۇباۋ (鲁保)بىر خىل بىئولوگىيىلىك دورا بولۇپ سېرىق يۆگەينى ئۈنۈملۈك يوقىتالايدۇ ئىشلەتكەندە ھەر مو يەرگە 1.5- 2 مىللىمېتىر دورىغا 20 كىلوگىرام سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ھاۋا تۇتۇلغان كۈنلەردە ياكى كەچقۇرۇن، ياكى ئەتىگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

مەزمۇنلار يارغان بولسا بۇندىن كېيىنكى تەرقىيات ئۈچۈن كۆڭلۈڭىزنى بۈلدۈرۈپ قۇيۇڭلار
ئانارخان.ئاڭلىغاچ چۈشرۈڭ (144.61 KiB) | Meta
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى