شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

تىلى زەھەرنىڭ دىگىنى

2018-04-11 19:57:47 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
تىلى زەھەر ئايال ئېيتقان 14 تۈرلۈك ھېكمەت


Pishikam2018-04-12

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. تالاغا قاراپ باققان ئەر بەئەينى نىجاسەتكە چۈشكەن پۇلغا ئوخشايدۇ، ئالمىسىڭىز ئېسىت دەيسىز، ئالسىڭىز يىرگىنىشلىك.
2. ئاياللار كىتابقا ئوخشايدۇ، سىز ئۇنى سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى باشقىلار ئۇنى ۋاراقلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر بۇ كىتابنى ھېچكىم ۋاراقلاپمۇ باقمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كىتابنىڭ قىلچە جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ يوقلىقىنىلا بىلدۈرىدۇ، خالاس.
3. ياخشى ئاياللار تۇخۇمغا ئوخشايدۇ، سىرتى قاتتىق، ئىچى ساپ، يۈرىكى سېرىق؛ ئەرلەر مانگوغا ئوخشايدۇ، سىرتى سېرىق، ئىچى تېخىمۇ سېرىق.
4. دائىم كۈلۈپلا يۈرىدىغان ياكى سۈكۈتنى ساقلايدىغان ئادەملەرنى بوزەك قىلىش ئاسان دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى چۈشەنگەندە ھەتتا يۈكۈنۈپ يالۋۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي قالىسىز.
5. ھەسەت بىر پىچاقتۇر، ئۇنى باشقىلارغا سالمىسىڭىز، ھامان ئۆزىڭىزگە سالىسىز.
6. بەزىدە بىر ساراڭنىڭ بىر ئەخمەقتىن ۋاز كېچىشى پەقەت بىر يالغانچى ئۈچۈندۇر.
7. «دوست بولساق بولامدۇ؟» بولسا بىر ھېكايىنىڭ مۇقەددىمىسى، «يەنە دوست بولالامدۇق؟» بولسا بىر ھېكايىنىڭ خاتىمىسى.

8. بەزى ئىنسانلار تەرەققىي قىلغانسېرى يەنە ھايۋانلىقىغا قايتىدۇ. ھايۋاننىڭ ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن نەچچە مىليون يىل كەتكەن بولسا، ئىنساننىڭ ھايۋان بولۇشى ئۈچۈن پەقەت بىر پەيتلا كېتىدۇ.
9. ئاياللارنىڭ ئىنتىلىشى ئوخشىمايدۇ، سىز ئۇنىڭغا بىر شام بەرگەن بولسىڭىز، بەزىسى يەنە بىر تورت بولسىكەن دەيدۇ، يەنە بەزىسى بىر قامچا بولسىكەن دەيدۇ.
10. ئەرلەر بىلەن ياخشى چىقىشماقچى بولسىڭىز، ئۇنى كۆپرەك چۈشىنىڭ، كۆپ سۆيمەڭ؛ ئاياللار بىلەن ياخشى چىقىشماقچى بولسىڭىز، ئۇنى كۆپرەك سۆيۈڭ، ئەمما چۈشىنىشنى ئويلاشماڭ.
11. ھازىرقى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەڭ ئەرزان تەن، ئەڭ قىممەت ۋىجدان، ئەڭ ئىشەنچسىز ۋەدە، ئەڭ ساختا دوستلۇق، ئەڭ چەك باسمىغان غايە ۋە ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىشەنچ بولغان بولىدۇ.
12. ئاياللار جىگەرلىك بولۇشى كېرەك، يا توي قىلغۇچە مۇھەببەتلىشىش كېرەك، يا مەغرۇرلارچە بويتاق يۈرۈش كېرەككى... خەقنىڭ ئېرىنى ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل «تەربىيەلەش»نىڭ ھاجىتى يوق.
13. كەينىمدىن گەپ تاپقانلارغا سۆزۈم شۇكى: مەن سىزنىڭ دادىڭىز ياكى ئاپىڭىز ئەمەس، سىزگە ئەسلەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ ھېكايەم يوق!
14. ھەركىم نۇقسانسىز ئەمەس، باشقىلارنىڭ قۇسۇر ئىزدىشىدىن خالىي بولالمايدۇ، ھەرقانداق ئىشتا ھەممىلا ئادەمنىڭ يوليورۇقىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ياشاش دېمەك ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى تېخىمۇ بىئارام قىلىش ئۈچۈندۇر.



ساغلام پىسخىكىڭىز پاكيولدىن باشلىنىدۇ




سىز ئۈچۈن تەييارلىغان مەزمۇنلار سىزگە ياققان بولسا ئەجرىمىز ئۈچۈن


«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى