شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

قېيىن كۈنلەردە ماڭا ھەمرا بولغان دوسلىرىمغا تەغدىم

2019-12-31 05:17:47 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
قىيىن كۈنلەردىمۇ يېنىمدا تۇرغان دوسلۇرۇمغا …



بىر يىگىت تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيگە دوسلىرىنى چاقىرىپتۇ، سورۇن تازا قىززىۋاتقان پەيتتە يىگىتنىڭ دادىسى كېلىپ، ئوغلىغا:-ئوغلۇم، بايا سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە ئالدىراپ مېڭىپ بىرەيلەننى سوقۇپ قويدۇم، نەق مەيداندا ئۆلۈپ قالدى، ھېچكىم كۆرمىگەن پەيتتىن پايدىلىنىپ ئۇ جەسەتنى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەلدىم. ئۇ ئۆلۈكنى يىراققا ئاپىرىپ كۆمىۋېتىڭلار-دەپتۇ.







بۇ يىگىتنىڭ دوستلىرى دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بىر بىرلەپ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن كېتىپ قاپتۇ، پەقەتلا قىز دوستى ۋە بالا ۋاقتىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىسى ئۇنىڭ يېنىدا قاپتۇ. ئۇلار چىقىپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىنى ئاچسا، نۇرغۇن سوۋغاتلار تۇرغان، ئۈستىدە يەنە بىر باغاقچىمۇ بار ئىدى، باغاقچىدا مۇنۇ خەتلەر تۇرغىدەك، ئوغلۇم، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!



ياخشى دوست يامان كۈنۈڭدە يېنىڭدا بولىمەن دەپ يۈرمەيدۇ، ئەمما يېنىڭدا بولىدۇ.



يېنىڭدىكى دوستۇڭنى بىلىۋال، كەتكەنلەرگە نەپرەتلىنىپ يۈرمە، چۈنكى سەنمۇ ھەممە دوستلۇرۇڭغا يار يۆلەك بولالمايسەن.





سورۇندا تۇتقان دوستلىرىڭ سورۇن تۈگىگەندە دوستلۇقۇڭ ئاخىرلىشىدۇ.



دوستنى تاللاپ تۇت بېشىڭ قاتمايدۇ، دوسنى تاللاپ تۇت يېشىڭ ئاقمايدۇ.



ئۆز دوستىغا سادىق، دوستلۇقنىڭ قەدرىنى ھەقىقى چۈشۈنىدىغان، دوستلىرىغا خىيانەت قىلمايدىغان، غەيۋىتىنى قىلمايدىغان، دوستلىرىنى ئالدىمايدىغان ھەقىقى دوستلۇرۇم ئامان بولسۇن………

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى