شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بۇ يىل كىمنى ئەپۇ قىلسىز؟

2019-12-31 05:25:27 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
سىز ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟




ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ:



ھاياتتا قىلغان ئىشىڭىزنىڭ بەزىلىرى دېگۈدەك كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمايدۇ. جاھاندا كەم - كۈتىسىز ئىش بولمايدۇ. شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى ۋە قىلالمايدىغان ئىشى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز دائىم ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەۋەرسىڭىز، ھاياتىڭىز ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىڭىز تۈزەلمەيلا قالماي ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ سادىر بولىدۇ. شۇڭا، سىز ھەر ۋاقىت تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇشنى، ئۆز-ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.



ئوخشىمايدىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ:






بەزى كىشىلەرنىڭ سىز بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىردە بولۇشىدىن خالىي بولماق تەس. ئۇ بەلكىم كەينىڭىزدىن گەپ تاپقاندۇ، سىزگە قارا چاپلىغاندۇ. گەرچە سىز بىر ياۋاش- يۇمشاق ئادەم بولسىڭىزمۇ ئاۋارىچىلىقلار بوسۇغىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا سىز ئاداۋەت ساقلاپ ئۆتۈشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇلارغا يەنىلا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. غەزەبلەنسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىسىز.


سىز يەنە دوستلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ:



خۇشاللىق ئىزدەش سەپىرىدە ئېھتىمال ئەڭ يېقىن دوستىڭىز سىزگە ئەڭ ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەندۇ. بىراق، دوستلىرىڭىز بۇلارنى مەقسەتسىز ياكى بىردەملىك ھەسەتخورلۇقتىن قىلىپ سالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، سىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ. چۈنكى، ئۇلار ئىلگىرى سىزگە ياردەم بەرگەن ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان.


ھاياتىمىزدا ئەپۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ۋە ئادەم يوق. بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت سىزنىڭ شۇ ئىش ۋە ئادەمگە قانداق قارىشىڭىزدا. شۇڭا ھەممىمىز ئۆچ- ئاداۋەتنى تاشلاپ كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىقنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.


بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بولىدۇ. تۇرمۇش بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن چاغدا ئۇنىڭدىن يېڭى بىر رۇجەك ئېچىپ باقايلى، بەلكىم بۇ رۇجەكتىن تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2019-12-31 05:26:
قېنى قانداق ئىنكاس بىلدۈرمەكچى
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى